|
سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىش بىر خىل پايدىلىق پائالىيەت بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق جىددىي كەيپىياتنى تەڭشىگىلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە نەزەر دائىرىنىمۇ كېڭەيتكىلى بولىدۇ. ساياھەت قىلىش ئارقىلىق ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلارنى ئۆتكۈزۈش ھازىرقى نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ، بۇلۇپمۇ شەھەر ئاياللىرى ۋە ئىجتىمائىي ئورنى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئاياللارنىڭ بىر خىل ئورتاق پىسخىك خاھىشى بولۇپ قالدى.ئەگەر بىر ئادەم ئۇزۇن مەزگىل ئۆزگىرىش كەمچىل مۇھىت ئىچىدە ياشىسا،كۆڭلىدە ئاسانلا نارازىلىق پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈندە تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان خىزمەت ،ئۆي ئىشى ئادەمنى ئاسانلا كاردىن چىقىرىپ، ھارغىنلىق ۋە نارازىلىق چېكىگە يەتكەندە ئۇنى جەڭگى–جىدەل ئارقىلىق ھەل قىلدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا، ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى –مۇھىتنى ئۆزگەرتىش بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت سىرتقا چىقىپ ، ساياھەت قىلىشقىلا توغرا كېلىدۇ.
لېكىن ساياھەت قىلىشقا بىرىنچىدىن، پۇل؛ ئىككىنچىدىن، ۋاقىت؛ئۈچىنچىدىن، جىسمانىي كۈچ كېتىدىغان گەپ. ئەگەر سىزدە مۇشۇ شارائىتلار ھازىرلانغان بولسا ئېرىڭىز ۋە بالىلىرىڭىز بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان كۆرۈپ كېلىشنى ئارزۇ قىلغان جايلارنى كۆرۈپ كېلىڭ . بۇنىڭ بىلەن سىلەر ساياھەت جەريانىدا ئۆتكۈزگەن كۆڭۈللۈك، يۇمۇرلۇق، بەزى ئاچچىق–چۈچۈك ئىشلار تۇرمۇشۇڭلارنىڭ پاراڭ تېمىسى بولۇپ–دە، كۈنلىرىڭلار خېلى بىر مەزگىلگىچە مەنىلىك ئۆتىدۇ.
سەپەر قىلمىغان كىشىگە نەدىمۇ ھۇشيارلىق يەتسۇن ؟! خىزىرمۇ سەپەر قىلغانلارنىڭ ھەمراھىدۇر. بوسۇغىدىن پۇت ئالمىغان كىشى ھېچنىمىدىن خەۋەردار بولالمايدۇ.ئۆز كۆڭلىگە ئازادىلىك بېرىپ، مەقسەت يولىدا سەپەر قىلغانلار ئەڭ ياخشى كىشىلەردۇر .
–ئەلشىر نەۋائىي
‹‹خوتۇنلارغا 101تەكلىپ››كىتابىدىن ئېلىندى
|