باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>مودا ۋە ئېقىم>>ئائىلە ۋە نىكاھ
ئائىلىڭىزنى ئورتاق باشقۇرۇڭ 
2007- 08- 07 16:39 تەڭرىتاغ تورى

   ئائىلە – ئىجتىمائىي بەخىت –سائادەت ياكى تۇرمۇش پاراكەندىچىلىكى ئىپادىلىنىدىغان مەركىزىي ھالقا . كىشىلىكنىڭ پۈتۈن ئۇتۇقلىرى ، ھەر بىر شەخىسنىڭ پۈتۈن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئاخىرقى ھېسابتا مەيلى ئۇ پادىشاھ ياكى پۇقرا ، سەركەردە ياكى ئەسكەر بولسۇن ، ئوردا –تەخىتلەردە ، جەڭ–بارىگاھلىرىدا ئەمەس ، ئائىلىدە ئىنسانىي بەخىت–ھالاۋەت ، پەخرى ئىپتىخار قىممىتىنى تاپىدۇ ، شۇڭا ئائىلىدە ئۆزىنى بەخىتلىك ھېس قىلسا ، ئۇنىڭ باشقا بارلىق ئىشلىرى بىر مەنىۋى يۆلەنچۈككە ئېرىشىدۇ .

   مۇھەببەت ، نىكاھ ، تۇغۇت، ئائىلە تەربىيىسى ، كۈندۈلۈك مەئىشەت ، كېسەل كۈتۈش ، قېرىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قىز چىقىرىش ، ئوغۇل ئۆيلەش ، ئۆلۈم–يېتىم ، ئائىلە زىددىيەتلىرى ، ئائىلە داۋالىرى ، مېھماندارچىلىق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ، ئۇرۇق–تۇققانلىق نەسەپدارچىلىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئائىلىنىڭ جىددى ھەرىكەتتە تۇرىدىغان ئىجتىمائىي مېخانىزىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ ، مۇشۇ ئىشلارنى باشقۇرۇش ئەر–ئاياللارنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن ئورتاق ۋەزىپە .

   قانداق باشقۇرۇش – بارلىق ئائىلىۋى مەسىللەر ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسلە . بېيىىش، ئىچىش ، يېتىش ، قوپۇش ، ئەمگەكتە بىللە بولۇش ‹‹بەرپا قىلىش›› دېيىلىدۇ، بىللە قارار چىقىرىش ، بىللە تىزگىنلەش ، بىللە ھوزۇرلىنىش ، جاپا– مۇشەققەتتە بىللە بولۇش بولسا ئائىلىدە ھەقىقىي ھېسىياتنىڭ مەۋجۇتلىقى ، چىنلىقنىڭ بارلىقىنىڭ ئىپادىسى .

   يىڭى تەپەككۈر: ئاۋۋال ئائىلەڭدىكى ئىشلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ بولۇپ ، ئاندىن جاھانغا نەزەر سال .

   يەنە بىر خىل مودا : ئەرلەر پۇل تاپىدۇ ، ئاياللار خەجلەيدۇ . ئەرلەر پۇل خەجلەپ نەتىجە چىقىرىدۇ.

   سىرتتىكى ھەر قانچە چوڭ بەخىتمۇ ئائىلىدىكى بەخىتكە يەتمەيدۇ، مەيلى پادىشاھ ياكى دېھقان بولسۇن، ئائىلە ئىناق بولغىنى ئەڭ بەخىتلىكتۇر ، ئىناقسىز ئائىلە تىرىكلەر كۆيۈپ ئازابلىنىدىغان دوزاخ، دۇنيانى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىققاندىلا ، ئۆز ئۆيىدىن ئوبدان جاينىڭ يوقلۇقىنى بىلگىلى بولىدۇ.

    ئائىلە تورمۇشىنىڭ بەخىتلىك بولۇشى ئەر–ئايال ئىككەيلەننىڭ ئورتاق تىرىششىغا توغرا كېلىدۇ، ئۇنى ۋەيران قىلىمەن دېسە بىرلا ئادەم بولسا كۇپايە .

–بېلىنىسكى

   ئاياللار ئەقىللىق ، ئېرى ئىش بىلەر ،دېمەك بۇ ئائىلە كۈندىن كۈن گۈللەر.

–خۇسراۋ دېھلىۋى

 

‹‹خوتۇنلارغا 101تەكلىپ››كىتابىدىن ئېلىندى

 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ