|
ئەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ كۆپچىلىكى تەنتەربىيە ھەرىكەلىرىگە قىزىقىدۇ، ئۇلار خوتۇن–بالىلىرىنى تۇغۇلغان كۈنى ، ئەر–خوتۇن ئىككىسىنىڭ تۇنۇشقان كۈنى ، توي قىلغان خاتىرە كۈنى دېگەندەك ‹‹ئەستە ساقلاشقا تېگىشلىك›› خاتىرە كۈنلەرنى ئۇنتۇپ قالسا قالىدۇكى، تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى ، توپ مۇسابىقىلىرىنىڭ ۋاقتىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ياشلىرىمۇ، قېرىلىرىمۇ ئوخشاش.ئېرىڭىزنىڭ تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە شۇنچە قىزىققان يەردە ، سىزنىڭ ئۇنىڭغا يول قويماسلىققا ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىللە بەدەن چېنىقتۇرۇشقا قاتناشماسلىققا قانداق سەۋەبىڭىز بار؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە تەنھەركەت بىلەن شوغۇللىنىش ، ئاز ئوزۇقلىنىش ، ئاز ئەمگەك قىلىدىغان ھازىرقى زامان كىشىلىرىگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا كەم بولسا بولمايدۇ، ئەرلەرگە نىسبەتەن ، بولۇپمۇ ئۇزۇن مۇددەت خىزمەت بېسىمى ۋە ھېسسىيات جەھەتتىكى بۇرۇقتۇرمىلىق ئاستىدا تۇرغان ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، تەنھەرىكەت بىلەن شوغۇللىنىش ، شۇبھىسىزكى ، بېسىمنى يەڭگىللىتىش ۋە ئۆز ھېسىياتىنى چىقىرىشنىڭ شىپالىق دورىسىدۇر،
ئۆي كىچىك بولسىمۇ، ئوبدان سەرەمجانلاشتۇرۇلسا ، ئېتىز كىچىك بولسىمۇ، ئوبدان تېرىقچىلىق قىلىنسا ، خوتۇن نامرات بولسىمۇ، ئېرىنىڭ كۆڭلىنى ئالالىسا بايلىق دېگەن شۇ.
—يوھان لېر
‹‹خوتۇنلارغا 101تەكلىپ››كىتابىدىن ئېلىندى
|