باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>مودا ۋە ئېقىم>>ئائىلە ۋە نىكاھ
بىر جۈپ ياشنىڭ بەختىلىك ئۆتۈشىدە ئاتا -ئانىنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار
2007- 07- 20 11:39 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

    توي-مۇقەددەس مۇراسىم. ئۇ، ئوخشاشمىغان ئىككى خىل مۇھىتتا، ئىككى خىل تەربىيىدە چوڭ بولغان بىر جۈپ ياشنى ھايات مۇساپىسىدە بىر -بىرىگە ھەمراھ قىلىدۇ. ئەمما تۇرمۇش مۇساپىسى تولىمۇ ئۇزۇن ھەم مۇشكۇل مۇساپە. بۇ مۇساپىنىڭ ھەر بىر قەدىمىنى بەخت ئىچىدە باسىمەن دېگىلى بولمايدۇ، بەزىدە تۇرمۇشتا قوشۇق تاۋاققا، چۆمۈچ قازانغا تېگىپ كېتىدىغان ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. توي قىلغان بىر جۈپ ياش مانا مۇشۇنداق ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇپ ياكى تىرىشىپ ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۆز تۇرمۇشىنى، ئەمدىلا قۇرغان كىچىك ئائىلىسىنى قوغداشنى بىلىشى، بەختنىڭ ئۇنداق ئاسان قولغا كەلمەيدىغانلىقىنى، بۇ دونيادا جاپا چەكمەي ھالاۋەت يوقلۇقىنى بېلىشى، ئەپۇچان، كەڭ قۇرساق، ئېغىر-بېسىق، سەۋىرچان بولۇشقا تىرىشىشى لازىم. بولۇپمۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا -ئانىلىرى توي قىلغان بىر جۈپ ياشنى ياخشى يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھلاردىن بولۇشىغا كۈچ چىقىرىشى، بىر جۈپ ياشنىڭ بەختىلىك ئۆتۈشىدىكى مەسئۇلىيتىنى دادىللىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

   ·يېقىندا ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان بىر ئاغنەمنى يوقلاپ دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭ تۇرمۇشىدىن سەل ئۈمىدسىزلىنىپ قالدىم. ئاغىنەم بالنېستىدا يېتىپ قىلىشتىن ئىلگىرى ئايالى بىلەن سەل يامانلىشىپ قالغانىكەن. شۇ ئىش تۈپەيلىدىن ئۇ دوختۇرخانىدا يېتىۋاتقىنى ئون نەچچە كۈن بولغان بولسىمۇ، ئايالى يوقلاپ كىلىپمۇ قويماپتۇ، ھەتتا بۇ ئايالنىڭ تۇغقانلىرىمۇ كەلمەپتۇ. ئاغىنەم دوختۇرخانىدا كۈتۈشكە مۇھتاج بولغاچقا بەك قىيىنلىپ، كۆپ ئازابلىنىپتۇ. ئۇ مەيۈسلەنگەن ھالدا، دوختۇرخانىدىن چىقىپلا مۇھتاج بولغاندا ئەسقاتمىغان خوتۇننى ئۆز يولىغا سېلىپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى. گەرچە مەن بۇ ئايالنىڭ ئاغىنەمگە تۇتقان مۇئامىلىسىدىن نارازى بولغان بولساممۇ ،لېكىن يەنىلا بالىسى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ نەسھەت قىلدىم. بىراق ئاغىنەم بېشىنى چايقاپ:

   _ئاداش، ئايالمىدا تۇرمۇشقا نىسبەتەن مۇستەقىل قاراش يوق، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى پېنسىيىگە چىققان. ئۇلار كۆپنى كۆرگەن تۇرۇقلۇق يەنە قىزىغا نەسىھەت قىلماي، ئۇنىڭغا يان باسىدۇ.بىر قانچە يىلدىن بۇيان مەن كۆپ قوربانلىق بەردىم، كۆپ بەدەل تۆلىدىم، يول قويدۇم، لېكىن مەن ئۇلارغا مۇھتاج بولغان كۈنلەردە مېنىڭ ھالىمىغا يېتىشى ئەقەللىي ساۋات ئەمەسمۇ ؟-دېدى.

   -ھەي، ھەممە گەپ ئۆزۈڭلاردا، ئاتا-ئانىدا نېمە گۇناھ؟ دېدىممەن ئۇنىڭغا:

   -سەندىن يوشۇرالمايمەن ئاداش، بىز ئۆي تۇتقىلى خېلى يىللار بولدى، ئىككى بالىلىقمۇ بولدۇق، ھازىرغىچە خوتۇنۇم ئىش ھەققىنى ئۆيگە ئەكىرمەيدۇ. نەچچە پۇل مائاش ئالىدىغانلىقىنى، پۇلىنى نېمىگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. بالىلارنىڭ چوڭيىشىغا ئەگىشىپ ئىش ھەققىم يېتىشمەيدىغان بولۇپ قالدى. بۇرۇن بوپتىلا، ئاتا -ئانىسىنى يۆلىسە مەيلى ئەمەسمۇ-دېدىم. بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان تۇرمۇش بېسمى مېنى ھالسىرتىپ قويدى. يېقىندىمۇ موشۇ ئىش توغرىسىدا ئازارلىشىپ قالدۇق. ئۆيگە ئازراق پۇل لازىم بولۇپ قېلىپ، ئۇنىڭغا بىر ئاز پۇل تەييارلاشنى دېگەندىم، ئۇ دادام بىلەن ئانام ماقۇل دېسە بىرەلەيمەن، بولمىسا ... دەيدۇ. ماقۇل ئۇنداق بولسا، مەن بېرىپ ئاتا -ئاناڭ بىلەن سۆزلىشەي ، ئەمدىغۇ بولدى قىلار -دەپ قېينئاتا،قېيىنئانامنىڭ يېنىغا بارسام، گەپنىڭ بېشى چىقىپ بولغىچە قېيئانام: بالام ئىشلمىسە قانداق قىلاتتىلە، ئەركىشى دېگەن ئىشلىمىگەن خوتۇننىمۇ باقىدۇ -ئەمەسمۇ؟ دەيدۇ. قيىنئاتاممۇ: سىلە پۇلنىڭ گىپىنى قىلمىسلا، بىز بۇ قىزنى ئاران ئوقۇتقان، بىزدىن كېىن قالسا ئاندىن سىلىگە بىرىدۇ دەيدۇ. ئەگەر بالىلارنى باقالىمىغان بولىسلىرى، مەن باقاي دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئالدى-ئارقامغا قارىماي ئۆيدىن قايتىپ چىقتىم -دېدى ئاغىنەم مەيۈس ھالدا.

     ·پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا -ئانىلىرىنى بېقىشى بەرھەق، لېكىن، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەمگەك قىلىپ ئائىلىسىنى بېقىش قۇدىرىتى بار ئەھۋالدا، پەرزەنتلەرمۇ ئۆز ئائىلىسىنى ئويلىىشى، ئاتا -ئانىلارمۇ بالىلارنى بېقىپ چوڭ قىلغانلىقىنى پەش قىلىپ، ئوشۇقچە تەلەپ قويۇپ تۇرۋالماسلىقى كېرەك. چۈنكى، پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەش ئۇلارنى ئۆيلۇك-ئۇچاقلىق قىلىش ھەر قانداق ئاتا-ئانىنىڭ مەسئۇلىيتى ھەم مەجبۇرىيتى. ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى قانداقتۇر پايدا -مەنپەئەت ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەمەس. شۇڭا پەرزەنتلەرنىڭ قانداقتۇر" سۈت ھەققى" ، "بېقىش ھەققى"، " ئوقۇتۇش ھەققى "لىرىنى تۆلىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. لېكىن ئاتا -ئانىغا ۋاپادار بولۇش، قولىدىن كىلىشىچە مىھر -مۇھەببەت يەتكۈزۈش پەرزەنتنىڭ بۇرچى. ئاتا -ئانا بولغۇچىمۇ بالىلىرىنىڭ بەختىلىك تۇرمۇشىدىن پەخرلىنىشى، بالىلارنى ئەنئەنىۋى قاراش بويىچە تەربىيىلىمەسلىكى، باشقۇرماسلىقى، ئۆز ئارا يول قويۇش، ھۆرمەتلەش، كۆيۈنۈشنى ئۆزىدىن باشلاپ، شۇنداق قىلىشنى بالىلىرىغا ئۆگىتىشى، پەرزەنتلىرىنىڭ بەختىلىك تۇرمۇشىغا " يېشىل چىراغ" ياندۇرۇپ بېرىشى لازىم.توغرسىنى ئېيتىقاندا، پەرزەنتلەرنىڭ بەختىلىك تۇرمۇشقا ئىگە بولغانلىقىمۇ ئاتا -ئانىلارنىڭ تۆھپىسى، ئەلۋەتتە.

 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ