|

19–ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشىۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، جۇڭگو كىنوچىلىق گوروھى شىركىتى، تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسى بىرلىشىپ سۈرەتكە ئالغان‹‹ شىۋىرغاندىكى بۆرە ئىزى›› ناملىق رەڭلىك سىترىئولۇق ھىكايە فىلىم ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەلق تىياتىرخانىسىدا تۈنجى قېتىم قويۇلدى.
بۇ فىلىمنى ئىشلەشكە جەمئىي 5مىليون500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، شىنجاڭ زېمنىدا ئىشلەنگەن كىنولار ئىچىدە، مەبلەغ ئەڭ كۆپ سېلىنغان، كومپيۇتېر ئالاھىدە تېخنىكا ۋاستىسى ئەڭ كۆپ قوللىنىلغان، كۆرۈش سىزىمىگە تەسىر قىلىش كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغان فىلىم ھېسابلىنىدۇ.
تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسىنىڭ باشلىقى جاڭ يىگاڭ بۇ فىلىمنى تۈنجى قويۇش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: بۇ فىلىمنى سىتودىيىمىزنىڭ كىنو ئىشلەش جەريانىدىكى بىر قېتىملىق ئېزدىنىشى ۋە باشلىنىشى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ فىلىم 9-ئاينىڭ باشلىرىدا، مەملىكىتىمىزدىكى رەقەملىك ۋە لىنتلىق شەكىلىدە شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۇيغۇر، قازاق، خەنزۇ تىللىرىدا بىرلا ۋاقىتتا قويۇلىدۇ. بىز تاماشىبىنلارنىڭ كىنوخانىلارغا بېرىپ ئانا يۇرتىمىزدا ئىشلەنگەن بۇ فىلىمنى كۆرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
‹‹شىۋىرغاندىكى بۆرە ئىزى›› فىلىمىدە، موشۇ ئەسىردە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالتاي رايونىدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق زور قار ئاپىتى خام ماتىرىيال قىلىنغان بولۇپ، غەيرەت قاتارلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر ساقچىلىرىنىڭ ئۆز ھاياتىدىن كىچىپ يولۇچىلارنىڭ ھاياتىنى قوتقۇزۇشىدەك كىشنى تەسىرلەندۇرىدىغان ئوبرازى مۇۋاپىقىيەتلىك يارتىلىش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، قار گۆمۈرۈلۈش، تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن ئادەم قوتقۇزۇش قاتارلىق كۆرۇنۇشلار يۇقىرى پەن- تېخنىكىلىق ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىنىپ، تاماشىبىنلارنىڭ كۆرۈش سىزىمىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىلگەن. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شەھەر ئاھالىسى چاڭ جياڭ بۇ فىلىمنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن: ھەقىقەتەن ياخشىكەن، فىلىمنىڭ ئاساسىي تىمىسىدا توغرا ئىستىل ئەۋج ئالدۇرۇلغان بولۇپ، كۆرگۈچىگە ۋەتەنپەرۋەرلىك، چىگرا رايوننى قوغداش تەربىيىسى بىرەلەيدىكەن-دېدى.
جۇڭگو كىنوچىلىق ساھەسىدىكى داڭلىقلاردىن تاۋ يىرۇ، يىڭ جۇاڭ قاتارلىقلار فىلىمنىڭ تۈنجى قويۇلۇش مۇراسىمىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ھەمدە ئۈرۈمچى ناھىيسىنىڭ يېزىلارغا چوشۇپ كىنو قويۇش ئەترىتىدىكلەرگە سوغۇقتىن ساقلاش كىيىمى تارقاتتى.

|