|

سۈرەتتە : 2006 – يىلى ئاۋغۇستتا ، لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ لوپنۇرلۇقلار كەنتىدە ‹‹ 12 ئاي››فىلىمى ئىشلىنىۋاتقان كۆرۈنۈش
دۇنيانىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ‹‹ ئۇيغۇر 12 مۇقامى›› نى ئاساسىي تېما قىلغان كىنۇ ‹‹ 12 ئاي›› مۇشۇ ھەپتىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى كىنوخانىلاردا قويۇلۇشقا باشلىدى. رەڭلىك ھېكايە فىلىم ‹‹ 12 ئاي ›› شىنجاڭنىڭ يېزا - كەنتلىرىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ، شېئىر -نەسىر تىلى بىلەن باش پىرسۇناژنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان دۇنيانىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى — ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى توپلىغانلىقىدەك تەسىرلىك ئىش - ئىزلار بايان قىلىنغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مىللىي سەنئىتىنى تارقاتقۇچىلارنىڭ تۇرمۇشنى، كەسپنى سۆيىدىغان، سەنئەتكە ئۆزىنى بېغىشلىغان، سەنئەتخۇمار خەلقنىڭ سەنئەتكە بولغان ئىنتىلىشىنى تەسۋىرلەپ، شىنجاڭنىڭ مول مىللىي مەدەنىيىتى ۋە ئۆزگىچە مىللىي ئۆرپ ئادىتىنى نامايەن قىلغان. كىنو فىلىمدىكى يارقىن مىلودىيە ۋە نازۇك تىل تەسۋىرى ھەرقانداق كىشىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ .
|