ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر پۇتبول مۇسابىقىسى 2011-يىللىق ئوسكار مۇكاپاتى تارقىتىلدى
ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر پۇتبول مۇسابىقىسى 2011-يىللىق ئوسكار مۇكاپاتى باھالىنىپ چىقىلدى. AC مىلان كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرى ئاللېگرى ئەڭ مۇنەۋۋەر ترېنېر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. AC مىلان كوماندىسىدىكى مىسىرلىق پۇتبول ماھىرى ئەل شائاراۋي ئەڭ مۇنەۋۋەر ئۈمىد يۇلتۇزى مۇكاپاتىغا، تىياگو سېلۋا ئەڭ مۇنەۋۋەر بېك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. AC مىلان كوماندىسىدىكى ئىبراھىموۋىچ ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
شىنجاڭ تەنتەربىيەسىدىكى شانلىق بىر يىل
2011-يىل شىنجاڭ تەنتەربىيەسى چوڭ ئاتلاپ ئىلگىرلىگەن بىر يىل بولدى. بولۇپمۇ پۇتبول، ۋاسكېتبول قاتارلىق تۈرلەردىكى نەتىجە ئەڭ روشەن بولدى. شىرئەلىجان، بارى، مىرئەخمەتجان، يەھيا، دىلمۇرات، ئابدۇۋەلى، ئەكرەم قاتارلىق ئىسىملار، شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى، شىنجاڭ گۇاڭخۇي كوماندىسى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئاساس قىلغان ماقالىلەر، ئوبزورلار جۇڭگودىكى ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئەڭ قىزىقىپ باسىدىغان، ھەر قايسى تەنتەربىيە مۇنبەرلىرى ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىدا مۇنازىرە قىلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.بارى بىلەن مىرئەخمەت توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ھەتتا چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىدا شۇنداقلا خەلقئارار پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ مەخسۇس تورلىرىدا تىلغا ئېلىندى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى شىنجاڭ تەنتەربىيەسى 2011-يىلى جۇڭگو ھەتتاكى دۇنيانىڭ دېققىتىنى قوزغىدى.