|

يىغىن نەق مەيدانى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى

يىغىنغا قاتناشقان ھەر مىللەت ۋەكىللەر يىغىنمەزمۇنىنى ئەستايىدىل ئاڭلىماقتا
ۋاڭ شىنخۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل 1 – ئۆكتەبىر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكىلەر 29 – سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا داغدۇغىلىق يىغىن ئۆتكۈزۈپ، بۇ شانلىق بايرامنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە رەھبەرلىرىدىن ئەركىن ئىمىرباقى، نيې ۋېيگو، ياڭ گاڭ، جۇ جىنلىن، تيەن شيۇسى، فۇ چياڭ، خەن يۇڭ، لى يى، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، كۈرەش مەخسۇت، ئەركىنجان تۇراخۇن يىغىنغا قاتناشتى.
‹‹خەلق›› سارىيىدا گۈللۈك پانۇسلار چاقناپ، گۈللەر خۇشپۇراق چېچىپ تۇراتتى، كەيپىيات تەنتەنىلىك ھەم قىزغىن ئىدى. سائەت 30:10 دا، نۇر بەكرى يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى.
ۋاڭ لېچۈەن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئىشچىلار، دېھقان – چارۋىچىلار، زىيالىيلار ۋە ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق كوماندىر – جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى ۋە ج خ كادىر – ساقچىلىرى، ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى! بۈ يىغىنغا قاتناشقان پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى، پېشقەدەم كادىرلار ۋە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ئىلغار خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى، جۈملىدىن ھەر مىللەت، ھەر ساھە، ھەرقايسى كەسىپلەردىكى ۋەكىللەردىن سەمىمىي ھال سورىدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنى ئېچىش، گۈللەندۈرۈشكە كۆڭۈل بۆلگەن ۋە مەدەت بەرگەن يولداشلار، دوستلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى! شىنجاڭنىڭ سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا تۆھپە قوشقان پېشقەدەم قۇرغۇچىلارغا، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھەرقايسى سەپلەردە تىرىشىپ خىزمەت قىلىۋاتقان، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىۋاتقان پارتىيىلىك كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.
ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دېدى: 60 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە رەھبەرلىكى، مەركەز ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر قايسى جايلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئامما جاپالىق كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا بېسىپ، تولۇپ تاشقان سىياسىي قىزغىنلىقى بىلەن سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشىغا ئۆزىنى بېغىشلاپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، شىنجاڭنىڭ كەمبەغەل ۋە قالاق قىياپىتىنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتتى، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىقتىساد راۋاجلاندى، مەدەنىيەت گۈللەندى، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولدى، جەمئىيەت مۇقىم بولدى، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلدى، تۈرلۈك ئىشلار گۈللەپ ياشنىدى، ئاپتونوم رايونىمىز تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىگە قەدەم قويدى.
ۋاڭ لېچۈەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئېغىشماي ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر قولدا ئىسلاھات، تەرەققىياتنى، بىر قولدا ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنى چىڭ تۇتۇشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى قوغداشتا، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىدا ئېغىشماي چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشىدەك قىممەتلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش ئىستراتېگىيىسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، گۈللەنگەن، باي، ئىناق سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ نىشانغا تېز يېتىش كېرەك. (سۆزنىڭ تولۇق تېكىستى ئايرىم بېرىلىدۇ)
نۇر بەكرى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى مۇھىم پۇرسەت ۋە باش پەللە قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، پۇختا ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىدىغان يېڭى سەھىپە ئاچىمىز!
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى رەھبىرىي يولداشلار، ئاپتونوم رايوندىكى مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دەم ئېلىشقا، پېنسىيىگە چىققان كادىرلار، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى، يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى، ھاۋا ئارمىيە ئۈرۈمچى قوماندانلىق پونكىتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بۆلۈم، كومىتېتلىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېت، ئىشخانا، نازارەت، ئىدارىلەر، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملار، خەلق تەشكىلاتلىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چوڭ، ئوتتۇرا كارخانىلىرى، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى قىسمەن ۋەكىللىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، پارتىيىسىز زاتلار ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى. پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىلىرى، داڭلىق دىنىي زاتلار، بىڭتۇەندىكى پېشقەدەم كادىرلار، پېشقەدەم جەڭچىلەر، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ئەخلاق ئۈلگىلىرى، ئىككىنى ھىمايە قىلىش ئۈلگىلىرى، دۈشمەنگە قارشى كۈرەشتىكى قەھرىمان، نەمۇنىچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى قاتارلىق ۋەكىللەر، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار ۋە ئۇلارنىڭ بالا – چاقىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، بىڭتۇەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار ۋەكىللىرى، ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر – جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى، ج خ كادىر – ساقچىلىرى ۋەكىللىرى، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ۋە ئۈرۈمچىدىكى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە، ھەر قايسى كەسىپلەردىكى ئامما ۋەكىللىرى تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشتى.
|