|
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇختەر نۇرمۇھەممەت خەۋىرى ، فوتوسى : بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ، ئاقتۇ ناھىيىسى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ، ئورگانىك شال ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىكەنلىكتىن ، ئۆتكەن يىلى 11–ئايدا دۆلەت مۇھىت ئاسراش باش ئىدارىسىنىڭ ئورگانىك شال ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ئېتراپنامىسىگە ئېرىشكەن پىلال يېزىسىنىڭ 8000 مو كۆلەمدىكى ئورگانىك شال ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا تېرىلغان ئورگانىك شاللىرى ئوبدان ئوخشاپ ، مول ھوسۇلدىن دېرەك بەردى .

* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى ، فوتوسى : يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان ، قەشقەر شەھىرىدىكى ھەرقايسى ئاساسى قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى تۈرلۈك شەكىللەردىن پايدىلىنىپ ، ج ك پ 17– نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4–ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش ، تەشۋىق قىلىش ، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى قوزغاپ ، ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى كۈتۈۋالدى .

چاسا كوچا باشقارما ساقىيە مەھەللىسىنىڭ كادىرى گۈزەلنۇر ياسىن(ئوڭدىن 1–كىشى) مەھەللە ئاممىسىغا يىغىن روھىنى تەشۋىق قىلماقتا
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى ، فوتوسى : 22–سېنتەبىر ، قەشقەر شەھىرى ‹‹كۈزنىڭ ئۈچ ئىشى›› خىزمىتى بويىچە نەق مەيدان يىغىنى چاقىرىپ ، ھەرقايسى يېزا–بازار ، مەيدانلارنى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ، كۈزلۈل يىغىم ، كۈزلۈك تېرىم ، كۈزلۈك ئېتىز پەرۋىشىدىن ئىبارەت‹‹ كۈزنىڭ ئۈچ ئىشى›› خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى .

يىغىن قاتناشچىلىرى دۆلەتباغ يېزىسىنىڭ سۇپىلا كەنتىدە سىلوس ياساش نەق مەيدانىنى كۆرمەكتە
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نۇرئەخمەت نۇرامبەگ خەۋىرى ، فوتوسى : غۇلجا شەھەر چوڭكۆۋرۈك كوچا باشقارمىسى شەھەر ئىچى ئاھالىلەر كومىتېتى يېقىندا دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ‹‹ئۇلۇغ ۋەتەندىن مىننەتدار بولۇش ، ئىناق ئىلى بەرپا قىلىش›› تېمىسىدىكى ھۆسنخەت ، رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى. كۆرگەزمىدە 130 دىن ئارتۇق رەسىم ۋە ھۆسنىخەت كۆرگەزمە قىلىندى .

مەھەللە ئاھالىلىرى كۆرگەزمىنى كۆرمەكتە
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز سەمەت ئابلىز خەۋىرى ، فوتوسى : يېزا ئىگىلىك 3–شىسنىڭ پەيزاۋات باش مەيدانى دۆلەتنىڭ پاختا كارخانىلىرىنى ئەلا سۈپەتلىك پاختا بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ، بۇ يىل پاختا تېرىش ، سېتىۋېلىشتا ‹‹4 ››تە ئاق بولۇش پىرىنسپدا چىڭ تۇرۇپ ، ھەر خىل ئارلاشما تالانىڭ پاختا ئارسىغا ئارلىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، ھەر كۈنى تېرىلگەن پاختىلارنى ئۆز ۋاقتىدا ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇش قاتارلىق سۈپەت ئۆتكەللىرىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىمەكتە .

مەيدان پارتكومنىڭ شۇجىسى ، سىياسى كومسسارى ئابدۇكېرىم ئابدۇرىھىم (سولدىن 3–كىشى) 11–لىيەندە پاختىلارنىڭ سۈپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرنىسا تۇرسۇن خەۋىرى ، فوتوسى : يېزا ئىگىلىك 4–شى 64–تۇەن مەيدانى 14–لىيەن ئىشچىلار ئويۇشمىسى بىلەن تۈەن ئىشچىلار ئويۇشمىسى بىرلىكتە دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ۋە ھەر قايسى لىيەنلەر ئارا دوستلۇق ، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئارقان تارتىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى .

ئارقان تارتىشىش مۇسابىقىسىدىن كۆرۈنۈش
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پاشاگۈل ئابدۇراخمان خەۋىرى ، فوتوسى : يەكەن ناھىيسىنىڭ تۆمئۆستەڭ يېزىسى 2008 – يىلىدىن باشلاپ زاكاس لازا تېرىشنى باشلىغان بولۇپ ، بۇ يېزا بۇ يىلمۇ 7000 مو يەرگە زاكاس لازا تېرىپ ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى 1500–2000 يۈەنگىچە ئاشۇرۇپ ، دىھقانلارنىڭ زاكاس لازا تېرىش ئاكىتىپچانلىقىنى ئاشۇردى .

* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نۇرئەخمەت نۇرامبەگ خەۋىرى ، فوتوسى : ئىلى ئوبلاستلىق خەلق ئىشلىرى سىستېمىسىدىكى پېنسىيىگە ، دەم ئېلىشقا چىققان پېشقەدەملەر يېقىندا دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى . مۇسابىقىدە ، پېشقەدەملەر ئۆزلىرى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشىلىرى ئارقىلىق تەستە قولغا كەلگەن بۈگۈنكى بۇ بەختىيار تۇرمۇشنى مەدھىيلىدى .

پېشقەدەملەر نۇتۇق سۆزلىمەكتە
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل يۈسۈپ خەۋىرى ، فوتوسى : خېجىڭ ناھىيىسىدىكى ئالاقىدار تارماقلار دۆلەت بايرىمى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش بويىچە مانۋېر ئۆتكۈزۈپ ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش، ئوت ئۆچۈرۈش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈردى .

ئالاقىدار تارماقلار ئوت ئۆچۈرۈش بويىچە مانۋېر ئۆتكۈزمەكتە
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ياقۇپ خەۋىرى ، فوتوسى : تېكەس ناھىيىسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش يولى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇنلىغان كارخانىلارنى بۇ ناھىيىدە كارخانا قۇرۇشقا جەلپ قىلىپ ، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ كۆپلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى .

ئىشچىلار يېڭىدىن قۇرۇلغان كۆكتات سۇسىزلاندۇرۇش زاۋۇتىدا ئىشلىمەكتە
|