باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى
مارالبېشى ناھىيىلىك مەدەنىيەت–سەنئەت مەركىزى جەمئىيەتكە ئېچىۋىتىلدى
2009- 07- 02 11:13 تەڭرىتاغ تورى

 

  مەدەنىيەت – سەنئەت مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش

      ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرغۇنجان ئىمىن خەۋىرى ، فوتوسى : جۇڭگو كوممۇنىسىتىك پارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 88 يىللىقى داغدۇغىلىق خاتىرىلىنىۋاتقان خاسىيەتلىك كۈن— ‹‹1–ئىيۇل›› چۈشتىن بۇرۇن ، مارالبېشى ناھىيىلىك مەدەنىيەت–سەنئەت مەركىزىنىڭ ئالدى قاينام تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ ، ناغرا–سوناي ، داقا–دۇمباق ساداسى پەلەككە يەتكەن ئىدى . بۈگۈن بۇ يەردە ، مارالبېشى ناھىيىلىك مەدەنىيەت–سەنئەت مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى . 

     ناھىيىلىك مەدەنىيەت–سەنئەت مەركىزىگە 30 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ ، 2007–يىلى 8–ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان ، بۇ مەركەزنىڭ ئىگىلىگەن ئومۇمىي يەر كۆلىمى 71مىڭ 315.2 كۋادرات مېتىر ، قۇرۇلۇش ئومۇمىي كۆلىمى 14 مىڭ كۋادىرات مېتىر بولۇپ ، ئاساسىي گەۋدىسى ئۈچ قەۋەت ، قىسمەن جايلىرى تۆت قەۋەت قىلىپ لايىھىلەنگەن . بۇ مەركەز كۈتۈپخانا ، مەدەنىيەت سارىيى ، مۇزېي ، پەن–تېخنىكا سارىيى ، تىياتېرخانا ، ياش–ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزى ، ياشانغانلار پائالىيەت مەركىزى ، مېيىپلار پائالىيەت مەركىزى قاتارلىق‹‹سەككىز بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن›› ئۇنىۋېرسال پائالىيەت مەركىزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . مەدەنىيەت – سەنئەت مەركىزى قۇرۇلۇشى 2–ئاينىڭ 20–كۈنى ، پۈتۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن بولۇپ ، تـۆت ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ، مۇناسىۋەتلىك ناھىيە رەھبەرلىرى ۋە كەسپىي تارماقلاردىكى يولداشلارنىڭ قايتا–قايتا پىلانلىشى ، لايىھىلىشى ، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال ، سۈرەتلەرنى تولۇقلىشى ، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ، بېزەش شىركىتدىكى خادىملارنىڭ كېچە–كۈندۈز جاپالىق ئىشلىشى نەتىجىسىدە ، 60يىلدىن بۇيان ، مارالبېشىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن 10مىڭ پارچىدىن ئارتۇق سۈرەت ۋە مەركەز ، ئاپتونوم رايون ، ۋىلايەت ، ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان تارىخي ئاسارە–ئەتىقىلەر قويۇلغان بولۇپ ، خەلقئارا ۋە دۆلىتىمىز ئىچىدىكى پەن–تېخنىكا يېڭىلىقلىرى ، پەن–تېخنىكا نەتىجىلىرى ھەمدە قىممەتلىك ماتېرياللار ، مارالبېشىنىڭ ساياھەت ، مىللىي ئۆرپ–ئادەت ، ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇش ئادەتلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن .

   ‹‹ سەككىز بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ›› بۇ مەدەنىيەت–سەنئەت مەركىزىدە 1000 ئارتۇق ئادەم بىرلا ۋاقىتتا خىزمەت ، ئۆگىنىش ، كۆڭۈل ئېچىش ، چېنىقىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنالايدىغان بولۇپ ، بۇ قۇرۇلۇش ناھىيىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش ، ياش–ئۆسمۈرلەرنى كىچىكىدىن باشلاپ ، غايىلىك ، ئەخلاقلىق ، ئىنتىزامچان قىلىپ تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىغان ئابىدە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش بولۇپ ھېسابلنىىدۇ .

ۋىلايەت ، ناھىيە رەھبەرلىرى مەدەنىيەت–سەنئەت مەركىزىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلماقتا

ناھىيىلىك يېڭىشەھەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ناھىيىلىك پەن–تېخنىكا سارىيىنى ئېكىسكۇرسيە قىلماقتا

 

ناھىيىلىك پارتكوم ئورگىنىدىكى كادىرلار چېنىقىش ئۆيىدە

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ      بېكىتىمىز ھەققىدە