|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 30 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ئېلان قىلغان پارتىيە ئىچىدىكى ئەڭ يېڭى ستاتىستىكىلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، 2008 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 75 مىليون 931 مىڭغا يېتىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان ۋاقىتتىكىنىڭ 17 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن؛ پارتىيىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى 3 مىليون 718 مىڭغا يېتىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان ۋاقىتتىكىنىڭ 19 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن.
مەملىكەت بويىچە ھازىر ئايال پارتىيە ئەزاسىدىن 15 مىليون 969 مىڭى بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانىنىڭ%21 ىنى ئىگىلەيدۇ، 1949 – يىلى ئايال پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئاران %11.9 ئىدى؛ ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرى 4 مىليون 944 مىڭ بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %6.5 ىنى ئىگىلەيدۇ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە بۇ نىسبەت %2.5 ئىدى؛ مەخسۇس كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە پارتىيە ئەزالىرى 25 مىليون 833 مىڭ بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %34 ىنى ئىگىلەيدۇ، 1949 – يىلى بۇ نىسبەت ئاران %0.3 ئىدى.
|