|
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قەھرىمان روزى خەۋىرى ، فوتوسى : باي ناھىيىسىنىڭ‹‹ياغبۇلاق›› دېگەن نامى بار بولۇپ ، بۇ ناھىيە جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ ياغلىق دان تېرىش بازىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بۇ ناھىيىدە ئىشلەپچىقىرىلغان قىچى يېغى ۋە زىغىر يېغى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىغا توشۇلۇپ ، شۇ يەردىكى خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ . ھازىر ، باي ناھىيىسىدە قىچا چېچەكلەيدىغان مەزگىل بولۇپ ، بۇ ناھىيىنىڭ ھەممە جاينى قىچى چېچەكلىرىنىڭ خۇشبۇي ھىدى قاپلىدى .

ھۆپپىدە چېچەكلەپ كەتكەن پايانسىز قىچىزارلىق
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى ، فوتوسى : قاغىلىق ناھىيىلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئابلەتجان ئۆزى لايىھىلەپ ئىشلەپچىقارغان ، دۆلەت تەرىپىدىن ئىككى خىل پاتنېتقا ئېرىشكەن ‹‹خالاستان›› ماركىلىق كۆپ ئىقتىدارلىق قەلەمنى ‹‹5–نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر ئوتتۇرا ئاسىيا ، جەنۇبىي ئاسىيا تاۋار سودا يەرمەنكىسى››گە قاتناشتۇرۇپ ، ھەمكارلىشىدىغان كارخانا ۋە بازار ئىزدىدى .

ئابلەتجان(ئوتتۇرىدىكى كىشى) مەھسۇلاتىنى تونۇشتۇرماقتا
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى ، فوتوسى : پاكىستانلىق سودىگەرلەر ئەكەلگەن زىبۇ–زىننەت بۇيۇملىرى باھاسىنىڭ مۇۋاپىقلىقى ، كۆركەملىكى بىلەن ‹‹5–نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر ئوتتۇرا ئاسىيا ، جەنۇبىي ئاسىيا تاۋار سودا يەرمەنكىسى››گە قاتناشقانلار تالىشىپ سېتىۋالدىغان بۇيۇمغا ئايلىنىپ قالدى .

ئامما پاكىستاننىڭ زىبۇ–زىننەت بۇيۇملىرىنى سېتىۋالماقتا
* ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز قۇربانجان ئابلا ، جۇ لىخوڭلار خەۋىرى ، فوتوسى : يېزا ئىگىلىك 3–شى شۆبە تەپتىش مەھكىمىسى ئۆزىنىڭ فونكسىيىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، ئىككى دەرىجىلىك ئۈچ مەھكىمىدىكى ئاز سانلىق كادىرلىرىنىڭ كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىدى .
بۇ مەھكىمە پارتگۇرۇپپىسى بۇلتۇردىن بۇيان ، ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش ، تەربىيىلەش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ ، كەڭ كادىر –ساقچىلانىڭ دېلو بېجىرگەندە قانۇن بويىچە ئىش قىلىش ئاڭلىقلىقىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش بىلەن بىرگە ، ئۇلانىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ ، ھەر ھەپتىدە يېرىم كۈن مەخسۇس ۋاقىت ئاجىرىتىپ ، كادىر – ساقچىلارنى كومپىيۇتېر بىلىملىرى بويىچە سىستېمىلىق تەربىيىلىدى .

كادىر–ساقچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە كومپىيۇتېر مەشغۇلاتى قىلماقتا
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز كامال جامال خەۋىرى ، فوتوسى : نىلقا ناھىيىسى ئوتلاقلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈر قۇرۇلۇشىنى چارۋىچىلىقنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم خىزمەت قاتارىدا چىڭ تۇرۇپ ياخشى ئىشلەپ ، چېكىنگەن ئوتلاقلارنى ئارام ئالدۇرۇش ، ئوت–چۆپ تولۇقلاپ تېرىش بىلەن سۈنئىي ئوتلاق پەرپا قىلىش سالمىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، ئومۇمىي ئوتلاق كۆلىمىنى 10 مىليون مودىن ئاشۇردى .

بۇ ناھىيىنىڭ چارۋا بېقىش چەكلەنگەن مىس يېزا ئوتلىقى
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ياقۇپ خەۋىرى ، فوتوسى : بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ، تېكەس ناھىيىسى ھەر خىل ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ ، يولغا قويۇش ئارقىلىق ، دېھقان–چارۋىچىلارنى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ، نەسىللىك ئىنەك باقمىچىلىقى ۋە ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلەپ ، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى .

دېھقان–چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرىدە بېقىلىۋاتقان ئۆي قۇشلىرى
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز كامال جامال خەۋىرى ، فوتوسى : غۇلجا شەھىرىدە يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ كەنتلەرگە تۇتاشتۇرۇلۇشى بىلەن ، دېھقان–چارۋىچىلار ئارىسىدا پىكاپ ۋە توكلۇق موتسىكلىت سېتىۋالىدىغانلار ھەسسىلەپ كۆپەيدى . غۇلجا شەھەردىكى توكلۇق موتسىكلىت سېتىش ئورۇنلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە ، ھازىر ، دېھقانلار ھەر كۈنى 10 دىن ئارتۇق توكلۇق موتسىكلىت سېتىۋالىدىكەن .

توكلۇق موتسىكلىت سېتىش ئورنى
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نۇرئەخمەت نۇرامبەگ خەۋىرى ، فوتوسى : ئىلى ئوبلاستلىق سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ ، تۇپراقنى ساقلاش قانۇنى›› ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 18 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ، يېقىندا ، تۈرلۈك مەزمۇندىكى تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ ، كىشلەرنىڭ سۇ ، تۇپراقنى ساقلاشنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشىنى يۇقىرى كۆتۈردى .

شەھەر ئاھالىلىرى تەشۋىقات دوسكىلىرىنى كۆرمەكتە
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ياقۇپ خەۋىرى ، فوتوسى : تېكەس ناھىيىسى نۇقتىلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونتىرول قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ ، تېببىي خادىملارنىڭ A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ، قۇش زۇكىمى ۋە ئېنىقسىز ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، دىئاگنوز قويۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ، يېقىندا ، تېببىي خادىملارنى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋادلىرى بويىچە سىستېمىلىق تەربىيىلىدى .

تېببىي خادىملار تەربىيىلەش كۇرسىدا
* ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مەڭلىك ئىمىن ، مېھرىگۇل غالىپلار خەۋىرى ، فوتوسى : يېقىندا ، چەرچەن ناھىيسىى پۈتۈن جەمئىيەتتە ‹‹ ھاياتنى قەدىرلەپ ، بىخەتەر تەرەققىي قىلىش ›› كەيپىياتىنى ئەۋجى ئالدۇرۇش مەقسىتىدە ، 2–نۆۋەتلىك ‹‹ئامانلىق ۋە سالامەتلىك لوڭقىسى ››نى تالىشىش بويىچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بىلىملىرىدىن نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ ، مۇسابىقە ئاخىردا ، نەتىجىگە ئېرىشكەن ماھىرلارنى تەقدىرلىدى .

نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدىن كۆرۈنۈش
|