باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى
خەلق ئۈچۈن باشتىن – ئاخىر ھاكىمىيەتنى ياخشى يۈرگۈزەيلى، ھوقۇقنى ياخشى تۇتايلى
2009- 07- 01 10:00 شىنجاڭ گېزىتى

— جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 88 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

     بۈگۈن پارتىيىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 88 يىللىقى، يەنە 90 نەچچە كۈندىن كېيىن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز.

     بۇ قاينام – تاشقىنلىققا چۆمگەن تارىخىي مۇساپە. پارتىيىمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە چىڭ تايىنىپ ۋە ئۇلارنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ناھايىتى جاپالىق، قەتئىي بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق يېڭى تارىخىي دەۋر يارىتىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇپ، سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئورناتتى؛ يېڭى تارىخىي سەھىپە ئېچىپ، جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىغا مېڭىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئۇلۇغ گۈللەنگەن پارلاق ئىستىقبالنى كۈتۈۋالدى. پارتىيىمىز رەھبەرلىك قىلغان ئىككى قېتىملىق ئۇلۇغ ئىنقىلاب جۇڭگو خەلقىنىڭ تەقدىر – ئىستىقبالىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، جۇڭگو تارىخىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بەلگىلىدى.

     بۇ تەبرىكلەشكە ئەرزىيدىغان تارىخىي پەيت. ئاجايىپ يىللارنى بېسىپ ئۆتكەن، بوران – چاپقۇنلارنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولغان 70 نەچچە مىليون ئەزاسى بار چوڭ پارتىيىمىز تېخىمۇ پىشىپ يېتىلمەكتە، تېخىمۇ قۇدرەت تاپماقتا، زامانىۋىلىشىشقا، دۇنياغا، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن مەدەنىيەتلىك قەدىمىي دۆلەت تېخىمۇ سالماق بولماقتا، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى ئاشۇرماقتا. ئۇلۇغ پارتىيىمىز، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز قولغا كەلتۈرگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر، توپلىغان قىممەتلىك تەجرىبىلەر تېخىمۇ پارلاق ئىستىقبالىمىزنى يورۇتۇپ بەرگۈسى.

     جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ تارىخى  نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت داۋامىدا ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش تارىخى.

    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ تارىخى  جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقى، ئازادلىقى، گۈللىنىشى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى، دېموكراتىيىسى، بەخت – سائادىتى ئۈچۈن ھارماي – تالماي كۈرەش قىلىش تارىخى.

     جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ تارىخى  ئۆز – ئۆزىنى تاكاموللاشتۇرۇپ ئالغا بېسىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش، ماركسىزملىق پارتىيىنىڭ ئىلغار پەزىلىتىنى ساقلاش ۋە راۋاجلاندۇرۇش تارىخى.

     تارىخ بىلەن كەلگۈسىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ نەزەر سالغاندا، دۇنيا ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالى ۋە پارتىيە ئەھۋالىدا زور ئۆزگىرىش بولدى، بۇ مىسلىسىز پۇرسەت ۋە خىرىسقا تولغان دەۋر. پارتىيىمىز قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغاندا، 1 مىليارد نەچچە يۈز مىليون نوپۇسقا نەپ يەتكۈزىدىغان تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىدىكى ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىمىز، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغاندا، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، باي – قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت بەرپا قىلىمىز. ئۇلۇغۋار نىشانىمىز بىلەن سېلىشتۇرغاندا، مەغرۇرلىنىپ ئۆز – ئۆزىمىزدىن قانائەتلىنىشكە، بىر ئىزدا توختاپ قېلىشقا ھېچقانداق ئاساسىمىز يوق. پارتىيىدىكى بارلىق يولداشلار جەزمەن تەرەققىياتتىن ئىبارەت پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسىنى بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش، مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ ئىجتىھات بىلەن ئىشلەپ، توختىماي ئىلگىرىلەش روھىنى مەڭگۈ ساقلاپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلقنىڭ ئىشەنچى ۋە ئۈمىدىنى مەڭگۈ يەردە قويماسلىقى كېرەك. 

     دەۋر ئېقىمى توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە، پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى بىر قېتىملىق ئەجىر بىلەنلا مۇستەھكەملىگىلى بولمايدۇ، ئۇ ئۆزگەرمەس نەرسە ئەمەس. ئىلگىرىكى ئىلغارلىق ھازىرقى ئىلغارلىقتىن، ھازىرقى ئىلغارلىق مەڭگۈلۈك ئىلغارلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ؛ ئىلگىرى ئىگە بولغىنىمىز ھازىر ئىگە بولغىنمىزغا، ھازىر ئىگە بولغىنىمىز مەڭگۈ ئىگە بولىدىغانلىقىمىزغا تەڭ ئەمەس. پارتىيىدىكى بارلىق يولداشلار مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە دۆلەت ئىچىدىكى مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋەزىپىسى ئالدىدا، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، تېز تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ساقلاش ئۈچۈن، ئىلمىي تەرەققىياتنى يېتەكچى قىلىپ، كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، خەۋپ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خەلق مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، شەخسىي غەرەز، نام – شۆھرەت، مال – دۇنيا قوغلاشماي، خەلق ئۈچۈن باشتىن – ئاخىر ھاكىمىيەتنى ياخشى يۈرگۈزۈپ، ھوقۇقنى ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى تېخىمۇ ياخشى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، بەختلىك تۇرمۇش بەرپا قىلىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇزاققىچە، قەيسىرانە بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

     60 يىل ئاۋۋالقى شىبەيپودا يولداش ماۋ زېدۇڭ ئىشەنچ بىلەن: ‹‹بىز كونا دۇنيانى بەربات قىلىشقا ماھىر بولۇپلا قالماي، يېڭى دۇنيا بەرپا قىلىشقىمۇ ماھىر›› دېگەن ئىدى. 60 يىل ئۆتۈپ كەتتى، تاغ – دەريالار ھۆسنىگە تولۇپ، جۈمھۈرىيىتىمىز مەردانە قەد كۆتۈردى. تارىخنىڭ كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش كالتىكى بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ قولىغا ئۆتتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بەرپا قىلىش تارىخىي مۇساپىسىدە تېخىمۇ يېڭى، تېخىمۇ شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشقا تولۇق ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 30 – ئىيۇن تېلېگراممىسى

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ      بېكىتىمىز ھەققىدە