|
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى تېخنىكىلىق سەۋەب تۈپەيلىدىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قىسمەن تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھان نۇقتىسىدا ئىنگلىزچە ئاڭلاش ئىقتىدارى ئىمتىھانىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىگە تەسىر يەتكەنلىك مەسىلىسى توغرىسىدا 27 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن مۇنداق قارار چىقاردى: ئىمتىھانغا قاتناشقان بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنگلىزچە ئاڭلاش ئىقتىدارى نەتىجىسى 30 نومۇرلۇق تولۇق نومۇر بويىچە ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئارزۇ كارتىسىنى تاپشۇرۇش مۆھلىتى 30 – ئىيۇنغىچە ئۇزارتىلىدۇ.
تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانىنىڭ 26 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن ئېلىنغان ئىنگلىزچە ئاڭلاش ئىقتىدارى ئىمتىھانىدا، قىسمەن تېخنىكىلىق مەسىلە سەۋەبىدىن ، بىر قىسىم ئىمتىھان نۇقتىلىرىدا تاۋۇش تېمبىرىنىڭ ئېنىقلىقىغا تەسىر يەتتى. شەھەرنىڭ مائارىپقا مەسئۇل تارماقلىرى ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرىنىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى ئىنكاسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ‹‹ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2009 – يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىر تۇتاش ئىمتىھانىدا تاسادىپىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش لايىھىسىنى يولغا قويۇش قائىدىسى›› بويىچە تېزدىن نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈردى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى بۇ ئەھۋالغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاقىدار ئورۇنلاردىن بۇ ئىشنى دەرھال مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئالاقىدار رەھبەرلەر ۋە تارماقلار كېچىلەپ يىغىن ئېچىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، ھەل قىلىش لايىھىسىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش، ئىمتىھاننىڭ ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مۇشۇ خىلدىكى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ھەر تۈرلۈك ئاساسىي نىزاملىرىدىن پايدىلىنىپ، ئىمتىھان بەرگەن بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى ئىنگلىزچە ئاڭلاش ئىقتىدارى نەتىجىسىنى 30 نومۇرلۇق تولۇق نومۇر بويىچە ھېسابلاشنى قارار قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرىغا ئىمتىھان نومۇرنى مۆلچەرلەپ ئارزۇ تولدۇرۇشقا يېتەرلىك ۋاقىت بېرىش ئۈچۈن، شەھەرلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى يەنە ئارزۇ كارتىسىنى تولدۇرۇش مۆھلىتىنى 28 – ئىيۇندىن 30 – ئىيۇنغا ئۇزارتتى.
ھازىر، مەكتەپلەر بۇ قارارنىڭ مەزمۇنىنى ئىمتىھان بەرگەن ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ئۇقتۇردى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرىنىڭ ئىنكاسى ياخشى بولدى.
|