باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى
دۆلەتنىڭ ‹‹ يېزىلاردىكى ھامىلدار ئاياللارنىڭ بالنىستا يېتىپ بوشىنىپ قوشۇمچە ياردەم پۇلىدىن بەھرىمان بولۇش ›› سىياسىتى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەمەلىيلىشىدۇ
2009- 06- 29 11:54 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى

      بۇ يىلدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق ناھىيە يېزىلار ۋە شەھەر–بازارلىرىدىكى ھامىلدار ئاياللار ، دۆلەتنىڭ ‹‹ يېزىلاردىكى ھامىلدار ئاياللارنىڭ بالنىستا يېتىپ بوشىنىش قوشۇمچە ياردەم پۇلىدىن بەھرىمان بولۇش ›› سىياسىتىدىن نەپ ئالىدىكەن . يېزىلاردىكى بالنىستا يېتىپ بوشانغان ھەر بىر ئايالغان 400 يۈەن قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىلىدىكەن ، شىنجاڭدا بوشانغان كۆچمە نوپۇسلۇق ھامىلدار ئاياللارمۇ بۇ سىياسەتتىن بەھرىمان بولالايدىكەن .

     ئىگىلىنىشىچە ، بۇ سىياسەت يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش ، نامراتلانى داۋالاش ، قۇتقۇزۇش قاتارلىق سىياسەتلەر بىلەن باغلاپ ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ ، بۇنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايون يېزىلىرىدىكى نامرات ھامىلدار ئاياللارنىڭ ناھىيىلىك ، يېزىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا ھەقسىز بوشىنىشى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن .

     ھازىرغا قەدەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 84 ناھىيە (شەھەر) بۇ تۈرنى يولغا قويۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ، مۆلچەرلىنىشىچە ، 10 – ئايغىچە يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 34 ناھىيە ، ( شەھەر ) لەردىمۇ بۇ سىياسەت يولغا قويۇلىدىكەن . 

( مۇھەررىر : قەيـسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ      بېكىتىمىز ھەققىدە