|
بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن ئارخىپ چىقىرىش نومۇر چېكى 28 – ئىيۇن ئېلان قىلىندى .
بۇ يىل خەنزۇ تىل سىستېمىسىدا 600 دىن يۇقىرى نۇمۇر ئالغان ئوقۇغۇچى 766 بولۇپ ، 2008 – يىلىدىكىدىن 1248 ى ، 500 دىن يۇقىرى نومۇر ئالغانلار 11 مىڭ 370 بولۇپ ، 2008 – يىلىدىكىدىن 8184 ى ئازلاپ كەتكەن . شۇڭا بۇ يىل خەنزۇ تىلى سىستېمىسىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى ئۆتكەن يىلدىكىگە قارىغاندا تۆۋەن بولغان . خۇشاللىنارلىق يېرى شۇكى ، بۇ يىل مىللىي تىل سىستېمىسىدىكىلەرنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي پەندىن ئىمتىھان بەرگەنلەرنىڭ نەتىجىسى ئۆتكەن يىلدىكىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان .
ئىگىلىنىشىچە ، 6 – ئىيۇلدىن 9 – ئىيۇل ئەتراپىدا 0 – تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ . 11– ئىيۇلدىن 16 – ئىيۇل ئەتراپىدا تولۇق كۇرس 1 – تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ ؛ ( ج خ ئالىي مەكتەپلىرى بىلەن خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ ) ؛ 19 – ئىيۇلدىن 24 – ئىيۇل ئەتراپىدا تولۇق كۇرس 2 – تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ ؛ 27 – ئىيۇلدىن 30 – ئىيۇل ئەتراپىدا تولۇق كۇرس 3 – تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ ؛ 3 – ئاۋغۇستتىن 6 – ئاۋغۇست ئەتراپىدا مەخسۇس كۇرس 0 – تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ . 9 – ئاۋغۇستتىن 13 – ئاۋغۇست ئەتراپىدا مەخسۇس كۇرسقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ .

|