––‹‹سۇ–تۇپراقنى ساقلاش قانۇنى››ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 18 يىللىقىنى خاتىرىلەيمىز
تارىختا قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىنىڭ ناھىيە بازىرى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەدىمىي يىپەك يولىغا جايلاشقان، لېكىن قۇم بوراننىڭ خورىتىشى ئېغىر بولغاچقا، جەنۇبقا ئۈچ قېتىم كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان، كونا ناھىيە بازىرى قۇمنىڭ ئاستىدا قالغان.
چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە شىمالىي شىنجاڭدا قۇرۇلغان چېگرا قورغىنى ––– بايانداي قەدىمىي شەھىرى دەريا قۇم – لاتقىلىرىنىڭ يىغىلىشى ۋە كۆچىشى تۈپەيلىدىن يوقالغان.
ئاپتونوم رايونىمىز ياۋروپا – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز – ئوكياندىن يىراق، ھاۋاسى قۇرغاق، يامغۇر ئاز ياغىدۇ، كەلكۈن ھەم قۇرغاقچىلىق كۆپ يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، ئېكولوگىيىسى ۋە مۇھىتى ئىنتايىن ئاجىز، سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىش ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر. دۆلەت يىراقتىن سېزىش سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، ئاپتونوم رايون بويىچە ئېقىپ كەتكەن سۇ – تۇپراقنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1 مىليون 30 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئېقىپ كەتكەن سۇ – تۇپراق ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %28.9 ىنى ئىگىلىگەن. سۇ خوراتقان كۆلەم 110 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا، بوران خوراتقان كۆلەم 920 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا يەتكەن. ئاپتونوم رايون بويىچە 70 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بوستانلىق كۆلىمىنىڭ 20 مىڭ كۋادرات كىلومېترىدا سۇ – تۇپراق ئېقىپ كېتىش ئەھۋالى ئوخشاشمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت ئىكەن.
سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى يەرنى ئۈنۈمسىزلەشتۈرۈپ، قۇربىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، مۇھىتنىڭ يامانلىشىشىنى تېزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھاياتىغا بىۋاسىتە تەھدىت سالدى.
شۇڭلاشقا ئاپتونوم رايونىمىزدا يېشىل ماكانىمىزنى قوغداش جېڭى رەسمىي باشلاندى.
كىچىك ۋادىنى تۈزەش ئارقىلىق قاقاس تاغ مېۋىزارلىققا ئايلاندى
ئارىشاڭ ناھىيىسىنىڭ ئارشات قاتارلىق 50 نەچچە يېرىدىكى كىچىك ۋادىنىڭ سۇ – تۇپرىقىنى ساقلاشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش، ئۈلگە قۇرۇلۇشى دۆلەتنىڭ 76 مىليون يۈەنلىك مەبلەغ ياردىمىگە ئېرىشىپ، دەسلەپكى قەدەمدە 1400 كۋادرات كىلومېتىر دائىرىدىكى سۇ ۋە تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تىزگىنلەپ، شەھەر ئەتراپى، ۋادا، ئېدىرلىقلاردا سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تىزگىنلەش بويىچە بىر تۈركۈم ئەندىزىلەرنى بارلىققا كەلتۈردى، تۈزەش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، سىناق نۇقتىسىدا ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى ئوينىدى.
ئىلى دەريا ۋادىسى شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدا بولۇپ، تۇپرىقى مۇنبەت، يايلاقلىرى گۈزەل، ھۆل – يېغىنى كۆپ، ھاۋاسى ئىللىق بولغانلىقتىن، ‹‹چېگرىدىكى بوستانلىقى›› دەپ تەرەپلىنىدۇ. بىراق سۇ – تۇپراقنىڭ زور دەرىجىدە ئېقىپ كېتىشى يەرلىك خەلقنى غەم – ئەندىشىگە سالدى. ئىلى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى چېگراغا ئەڭ يېقىن سەندوخوزا گىدرولوگىيە پونكىتى 1987 – يىلىدىن 1995 – يىلىغىچە ئەمەلىي ئۆلچىگەن يىللىق قۇمنىڭ ئېقىن مىقدارى تەخمىنەن 11 مىليون 800 مىڭ توننا بولۇپ، 2000 – يىلىغا كەلگەندە قۇمنىڭ ئېقىن مىقدارى 14 مىليون 900 مىڭ توننىغا يەتكەن، قىسقىغىنا نەچچە يىلدا قۇمنىڭ ئېقىن مىقدارى 3 مىليون 100 مىڭ توننا كۆپەيگەن. ئېقىپ كەتكەن قۇمسىمان لاتقا كىشىلەرنى تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
ئىلى دەريا ۋادىسى ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مۇھىملىقى ۋە ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى تۈپەيلىدىن، ئاپتونوم رايونىمىز تەرىپىدىن سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى نۇقتىلىق تىزگىنلەش رايونى قىلىپ بېكىتىلىپ، تىزگىنلەش نۇقتىدا سىناق قىلىندى. 1999 – يىلىدىن 2005 – يىلىغىچە، زايوم تۈرىنىڭ مەدىتىدە، غۇلجا شەھىرى 7 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجرىتىپ، تېچاڭگۇ كىچىك ۋادىسىدا سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تۆت قارار ئۇنىۋېرسال تۈزىدى. ئۇلار دەريا سۈيىنى تاغقا باشلاپ، توغان ياساپ، كۆچەت تىكىپ، ئوت – چۆپ ئۆستۈرۈپ، 26 كۋادرات كىلومېتىر يەرنى تىزگىنلىدى، بۇنىڭ بىلەن ئىلگىرىكى قاقاس تاغ مېۋىزارلىققا ئايلاندى، تېچاڭگۇ كىچىك ۋادىسى مەملىكەت بويىچە سۇ – تۇپراقنى ساقلاش ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىدىكى ‹‹ئون شەھەر، 100 ناھىيە، 1000 كىچىك ۋادا›› بويىچە ئۈلگىلىك قۇرۇلۇش، دەپ باھالاندى. ئىلىدىكى قاش دەرياسى سۇ باشلاش تۈگۈن قۇرۇلۇشى دەريا يولىنىڭ يانتۇ يۈزى ئۆرۈلۈپ، دەرياغا تىقىلىپ قالغاچقا، سۇ بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكى ۋە قۇرۇلۇش ئۈنۈمىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن، ئەتراپتىكى سايلىقتىكى كىچىك يوپۇرماقلىق ئەرمۇدۇن دەرىخى ئورمانلىقى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ مۇھاپىزەت قىرغىقى تەدبىرلىرى كەمچىل بولغاچقا، كەلكۈن سۈيىنىڭ يالاپ كېتىشى سەۋەبىدىن ئورمانلىقنىڭ كۆلىمى يىلدىن – يىلغا ئازلاپ كەتكەن. 2004 – يىلى زايوم ئارقىلىق سۇ – تۇپراقنى ساقلاش تۈرى مەبلىغىنىڭ ياردىمىدە، دەريا يولىنىڭ 14 كۋادرات كىلومېتىر دائىرىسىدە سېمونت لاي بىلەن قوپۇرۇش ۋە شېغىل تاش ياتقۇزۇش، ئوت – چۆپ ئۆستۈرۈش، قاشالاش، قىر سېلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق، دەريانىڭ قىياپىتىنى يېڭىچە تۈسكە كىرگۈزدى، دەريانىڭ تۆت ئەتراپى يېشىللىققا ئايلاندى، بۇلتۇر يەنە دۆلەت دەرىجىلىك سۇ مەنزىرىسى رايونى قىلىپ بېكىتىلدى. بۇ تۈر سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدا سۇ – تۇپراقنى ساقلاپ قېلىشتىكى ئېكولوگىيىلىك قۇرۇلۇشنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئەمەلىي تەجرىبىلەر بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، ئىلى دەريا ۋادىسىدا سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تىزگىنلەشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىزدىنىش بولدى. تۈرنى باھالاشقا قارىغاندا، ھەر يىلى 345 كۇب مېتىر سۇ – تۇپراق ساقلاپ قىلىنغان.
ئېكولوگىيىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئەۋلادلارغا پاكىز مۇھىت قالدۇرايلى
دۆلەتنىڭ سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ‹‹چوڭ جەھەتتىن قامال قىلىش، كىچىك جەھەتتىن تىزگىنلەش››تىن ئىبارەت يېڭى پىكرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىز سۇ – تۇپراقنى ساقلاپ، ئېكولوگىيىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇردى.
بۇغدا كۆلى ––– تەڭرىتاغدىكى گۆھەر، دەپ تەرىپلىنىدۇ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا مەشھۇر دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى، شۇنداقلا، ب د ت مائارىپ – پەن – مەدەنىيەت تەشكىلاتى بېكىتكەن بۇغدا بىئوسفېرا قوغداش رايونىنىڭ ئاساسلىق تەركىبىي قىسمى.
شىنجاڭغا كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى بۇغدا كۆلىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئەمما بۇغدا كۆلى دۇچ كەلگەن خەۋپنى بىلىدىغانلار كۆپ ئەمەس. زىيادە چارۋا بېقىش تۈپەيلىدىن، بۇغدا كۆلىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى ئۆسۈملۈكلەر ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئېغىر بولىۋاتىدۇ. كەلكۈن زور مىقداردىكى لاتقىلارنى بۇغدا كۆلىگە ئېقىتىپ كىرگەچكە، بۇغدا كۆلىنىڭ كۆلىمى يىلمۇ يىل كىچىكلەۋاتىدۇ.
‹‹فۇكاڭ شەھىرى سەنگۇڭخې دەرياسى كىچىك ۋادىسىدا سۇ – تۇپراقنى ساقلاش بويىچە ئۇنىۋېرسال تىزگىنلەش تۈرى›› ئىككى قارار يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بۇغدا كۆلىدىكى 1100 گېكتاردىن ئارتۇق يازلىق تەبىئىي ئوتلاق پۈتۈن يىل قامال قىلىنىپ قوغداشقا ئېرىشتى، يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان 333 گېكتار ئوتلاقنىڭ ھەممىسى قاشالىنىپ پەرۋىش قىلىندى، ساي ۋە ئېدىرلىقلارنى تىزگىنلەش، قوغداش سىستېمىسى ئورنىتىلدى. سەنگۇڭخې دەرياسىنىڭ كىچىك ۋادىسىدىكى سۇ – تۇپراقنى ساقلاش بويىچە ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئارقىلىق، يەرلىكنىڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى، 2010 – يىلىغا بارغاندا، ساياھەتچىلىك كىرىمى 1 مىليارد يۈەنگە يېتىشى، يىللىق ئېشىش نىسبىتى %25كە يېتىشى، يېزىلاردىكى كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن كىرىم 112 يۈەن ئېشىشى مۇمكىن.
بەزىلەر، سەنگۇڭخې دەرياسىنىڭ كىچىك ۋادىسىدىكى سۇ – تۇپراقنى ساقلاپ، ئېكولوگىيىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ئەھمىيىتى سۇ – تۇپراقنى ساقلاشنىڭ ئەھمىيىتىدىن ئېشىپ كەتتى، ئۇلارنىڭ ئىشلىگەن خىزمىتى دۆلەتنىڭ تەبىئىي مىراسىنى قوغدىغانلىق دېيىشتى. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، فۇكاڭنىڭ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقىنى قوغدىغانلىق؛ مۇرەككەپ قىلىپ ئېيتقاندا، جۇڭگو، ھەتتا، دۇنيانىڭ قىممەتلىك تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغدىغانلىق دېيىشتى.
|