|
—ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىچاڭنى زىيارەت
‹‹ئالتۇن كۈزدىكى ئوقۇشقا ياردەم بېرىش›› پائالىيىتى مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مەملىكەت مىقياسىدا تەشكىللەپ يولغا قويغان قىيىنچىلىقى بار ئىشچى – خىزمەتچىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشىنى تاماملاپ، ياراملىق يېتىشىپ چىقىشىغا ياردەم بېرىدىغان مۇھىم تەدبىر. ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ پائالىيەت قانات يايدۇرۇلغان تۆت يىلدىن بۇيان، جەمئىي 56 مىليون 170 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 94 مىڭ 775 قىيىنچىلىقى بار ئىشچى – خىزمەتچى، دېھقان ئىشلەمچى پەرزەنتىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى، ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى بارغانسېرى كېڭەيدى.
بۇ پائالىيەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى. مۇخبىرىمىز ئوقۇشقا ياردەم بېرىشكە ئالاقىدار ئىشلار ئوقۇرمەنلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىچاڭنى زىيارەت قىلدى.
جايلارنىڭ ‹‹ئوقۇشقا ياردەم بېرىش›› مەبلەغ سوممىسى ئوخشىمايدۇ
مۇخبىر: ھەر يىللىق ‹‹ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش›› پائالىيىتىنىڭ مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بېرىش دائىرىسى ۋە سوممىسى ئوخشاشمۇ؟ كونكرېت ئىلتىماس قىلىش تەرتىپى قانداق؟
شى جىچاڭ: ‹‹ئالتۇن كۈزدىكى ئوقۇشقا ياردەم بېرىش›› پائالىيىتىنىڭ مەبلەغ ياردەم بېرىش دائىرىسى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، يەرلىكتە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان قىيىنچىلىقى بار ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى؛ ئىككىنچى، ئىش ئورنىدىن قېلىش، ئېغىر كېسەل، مېيىپ بولۇپ قېلىش، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئاپەت قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق كۆرۈلگەن ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى؛ ئۈچىنچى، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ شەھەردە ئوقۇۋاتقان پەرزەنتلىرى، ئىشتا يارىلىنىش، مائاش ئالالماسلىق، ئېغىر كېسەللىك قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق كۆرۈلگەنلەرنىڭ پەرزەنتلىرى.
‹‹ئالتۇن كۈزدىكى ئوقۇشقا ياردەم بېرىش›› پائالىيىتىنىڭ مەبلەغ سوممىسى جايلاردا ئوخشىمايدۇ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ئۆز يېرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالى، قىيىنچىلىقى بار ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە قىيىنچىلىقى بار دېھقان ئىشلەمچىلەر ئائىلىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى، پەرزەنتلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش ئەھۋالىغا قاراپ كونكرېت ياردەم بېرىش ئۆلچىمىنى بېكىتىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ھازىرقى قىيىنچىلىقى بار ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ياردەم بېرىش ئۆلچىمى مۇنداق: تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا 3000 يۈەن، مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا 2000 يۈەن، ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىغا 1500 يۈەن بېرىلىدۇ.
كونكرېت ئىلتىماس قىلىش تەرتىپى مۇنداق: ياردەم بېرىلىدىغان ئوبيېكتنىڭ شارائىتىغا قاراپ شەخسلەر ئۆزى كۆرسىتىش، باشقىلار كۆرسىتىش، ئورۇنلار نامزات كۆرسىتىش، كۆپچىلىك باھالاش، تىزىملىكنى ئاشكارىلاش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ بېكىتىش.
تۈرلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق مەبلەغنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ
مۇخبىر: ‹‹ئالتۇن كۈزدىكى ئوقۇشقا ياردەم بېرىش›› مەبلىغىنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار ناھايىتى كۆپ. بۇنىڭدا سالاھىيەتنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ بېكىتىش تۈزۈمى بارمۇ – يوق؟ مەبلەغنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولامدۇ؟
شى جىچاڭ: ‹‹ئالتۇن كۈزدىكى ئوقۇشقا ياردەم بېرىش›› پائالىيىتىدە ئىلتىماس قىلغۇچى، يەنى ياردەم بېرىلىدىغان ئوبيېكتقا قارىتا سالاھىيەتنى ئىنچىكە تەكشۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىلغان بولۇپ، مەزمۇنى مۇنداق: بىرىنچى، يۇقىرىغا يوللانغان ياردەم بېرىش ئوبيېكتى ئائىلىنىڭ شۇ ئورۇن، شۇ مەھەللىدىكى قىيىنچىلىقى ئېغىر ئائىلە ياكى ئەمەسلىكىگە قارىلىدۇ؛ ئىككىنچى، يۇقىرىغا يوللانغان تىزىملىكنىڭ مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە قويغان تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان – كەلمەيدىغانلىقىغا قارىلىدۇ؛ ئۈچىنچى، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىدىكى ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىنىڭ قوبۇل قىلىنىش ئۇقتۇرۇشى بار – يوقلۇقىغا قارىلىدۇ؛ تۆتىنچى، ياردەم بېرىلىدىغان ئوبيېكتلارنىڭ تىزىملىكى جەمئىيەتتە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن باشقىچە پىكىرلەرنىڭ بار – يوقلۇقىغا قارىلىدۇ.
مەبلەغنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مۇنداق تەدبىر قوللاندۇق: بىرىنچى، ھەقىقىي ئىسمىنى يېزىش تۈزۈمى قوللىنىلدى، ياردەم پۇلنى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى ئىمزا قويۇپ ئالىدۇ؛ ئىككىنچى، نازارەت قىلىنىدۇ، ھەقىقىي ئىسمىنى يېزىش جەدۋىلىدىكى ئالاقىلىشىش تېلېفونى ۋە ئادرېس بويىچە تېلېفون ئۇرۇلۇپ ۋە ئائىلىسىگە بېرىپ ئەھۋال سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
‹‹ئالتۇن كۈزدىكى ئوقۇشقا ياردەم بېرىش›› پائالىيىتىنىڭ بەش خىل مەبلەغ توپلاش ئۇسۇلى بار
مۇخبىر: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹ئالتۇن كۈزدىكى ئوقۇشقا ياردەم بېرىش›› پائالىيىتىنىڭ مەبلەغ توپلاش ئۇسۇللىرى قانداق؟ شەخسلەر ئىئانە قىلسا بولامدۇ؟
شى جىچاڭ: ‹‹ئالتۇن كۈزدىكى ئوقۇشقا ياردەم بېرىش›› ئىقتىسادنى ئاساس قىلىپ قانات يايدۇرۇلغان جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى پائالىيەت. ھازىر بەش خىل مەبلەغ توپلاش ئۇسۇلى بار: بىرىنچى، پارتىيە، ھۆكۈمەت قوللاپ، دۆلەت مالىيىسى ۋە يەرلىك مالىيىدىن مەبلەغ ئاجرىتىش؛ ئىككىنچى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بەلگىلىك مەبلەغ بىلەن قوللاش؛ ئۈچىنچى، ئوخشاش دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىراجەتتىن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇش؛ تۆتىنچى، كارخانا ۋە ئالاقىدار ئورۇنلار بىر قىسىم مەبلەغ توپلاش؛ بەشىنچى، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەدىكىلەرنىڭ ئىئانىسى.
ھەردەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ‹‹ئالتۇن كۈزدىكى ئوقۇشقا ياردەم بېرىش›› پائالىيىتىنى ئورتاق قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ھەم شەخسلەر ئىئانە قىلىش ئۇسۇلى بىلەن بۇ پائالىيەتنى قوللىشىنى قارشى ئالىدۇ.
بىرقاتار پائالىيەتلەر ئارقىلىق قىيىنچىلىقى بار ئىشچى – خىزمەتچىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشىنى تاماملىشىغا ياردەم بېرىلىدۇ
مۇخبىر: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹ئالتۇن كۈزدىكى ئوقۇشقا ياردەم بېرىش›› پائالىيىتىدە مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بېرىشتە يەنە قانداق ياردەم بېرىش شەكىللىرى بار؟
شى جىچاڭ : مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئالاقىدار تەلىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەردەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ئوقۇشقا ياردەم بېرىش، يۆلەش پائالىيىتىنىڭ سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇردى. قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى مەبلەغ جەھەتتىن قوللىغاندىن سىرت، پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىش ئارقىلىق يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىشتىكى تۈرلۈك سىياسەتلەرنى تۈزۈشى، مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەردەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى يەنە ھەر قايسى مائارىپ باسقۇچىدىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا كىتاب ۋە ئۆگىنىش قوراللىرى ئىئانە قىلىدۇ، مائارىپ تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئوقۇش پارچە خىراجىتىنى ئازايتىش، كەچۈرۈم قىلىش، ئاپتوموبىل ۋە پويىز بېلىتى ئېلىپ بېرىش، ئورۇنلارنىڭ ساھەلەر بويىچە ئوقۇشقا ياردەم بېرىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ۋە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش، كەسىپكە تونۇشتۇرۇش، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيىلەش قاتارلىق جانلىق، كۆپ خىل ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ. بۇ بىرقاتار پائالىيەتلەر قىيىنچىلىقى بار ئىشچى – خىزمەتچىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
‹‹ئالتۇن كۈزدىكى ئوقۇشقا ياردەم بېرىش›› پائالىيىتىنىڭ ياردەم بېرىش ئۇسۇلى جانلىق، كۆپ خىل
مۇخبىر: ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا ‹‹ئالتۇن كۈزدىكى ئوقۇشقا ياردەم بېرىش›› پائالىيىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسى كەڭ، ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى، مەمۇرىي ئورۇنلار ۋە كارخانىلارغىچە كېڭەيگەن. تەشكىللەش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە كېڭەيتىشكە ئەرزىيدىغان قانداق ياخشى تەجرىبىلەر بار؟
شى جىچاڭ : ‹‹ئالتۇن كۈزدىكى ئوقۇشقا ياردەم بېرىش›› نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدىكى ئۈچ چوڭ پائالىيەتنىڭ بىرى. بۇ پائالىيەت ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قوللىشى، ھەرمىللەت ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ھىمايە قىلىشى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرساھەدىكىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.
ئاساسلىق تەجرىبىلەر تۆۋەندىكىچە: بىرىنچى، پارتكوم، ھۆكۈمەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتۇق. بۇ ‹‹ئالتۇن كۈزدىكى ئوقۇشقا ياردەم بېرىش›› پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشتىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كاپالەت؛ ئىككىنچى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ئايىماي مەبلەغ سېلىش بىلەن بىللە، ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرساھەدىكىلەرنىڭ قوللىشىنى پائال قولغا كەلتۈردى؛ ئۈچىنچى، ياردەم بېرىلىدىغان ئوبيېكتلار توغرا تاللىنىپ، تىزىملىكى ئاشكارا ئېلان قىلىنىپ جەمئىيەتنىڭ نازارىتى قوبۇل قىلىندى، چەكلىك مەبلەغ ياردەمگە ھەقىقىي موھتاج نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ئىشلىتىلدى؛ تۆتىنچى، ياردەم بېرىش ئۇسۇلى جانلىق، كۆپ خىل بولدى. ياردەم بېرىش ئوبيېكتى تاللانغاندىن كېيىن، ئوقۇش ياردەم پۇلى ۋە ماددىي ئەشيالار مەركەزلىك تارقىتىلسىمۇ، تۈركۈمگە بۆلۈپ تارقىتىلسىمۇ، ئۆيلىرىگە ئاپىرىپ بېرىلسىمۇ بولىدىغان بولۇپ، ئادىمىيلىك گەۋدىلەندۈرۈلدى.
بۇ پائالىيەت كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىنىدۇ
مۇخبىر: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرگەندە، باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ‹‹ئالتۇن كۈزدىكى ئوقۇشقا ياردەم بېرىش›› خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا قانداق يېڭى ئوي ۋە نىشانلىرى بار؟
شى جىچاڭ: ئادەمنىڭ يېتىلىپ چىقىشىغا ئۇزاق يىل كېتىدۇ. ‹‹ئالتۇن كۈزدىكى ئوقۇشقا ياردەم بېرىش›› پائالىيىتى ھەردەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك خىزمىتى.
بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ‹‹ئالتۇن كۈزدىكى ئوقۇشقا ياردەم بېرىش›› خىزمىتىدە: بىرىنچىدىن، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىغا تايىنىمىز؛ ئىككىنچىدىن، خىزمەت تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياردەم بېرىش ئوبيېكتلىرىنى توغرا تاللاپ، ياردەم بېرىلىدىغان ئوبيېكتلارنىڭ نەپكە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز؛ ئۈچىنچىدىن، پائال مەبلەغ توپلاپ، ئوقۇشقا ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز؛ تۆتىنچىدىن، ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنى نامرات ستۇدېنتلار بىلەن ياردەم بېرىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا، ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىشكە سەپەرۋەر قىلىمىز؛ بەشىنچىدىن، قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ تۈزۈلۈشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ئوقۇش ياردىمى قەرز پۇلى، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىختىسادچانلىق بىلەن ئوقۇش قاتارلىق كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئوقۇشىنى تاماملىشىغا ياردەم بېرىمىز؛ ئالتىنچىدىن، ‹‹ئالتۇن كۈزدىكى ئوقۇشقا ياردەم بېرىش›› پائالىيىتىنى كەسىپ جەھەتتىن تەربىيىلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىشىغا ياردەم بېرىمىز؛ يەتتىنچىدىن، ‹‹ئالتۇن كۈزدىكى ئوقۇشقا ياردەم بېرىش›› پائالىيىتىنى كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىمىز.
خىزمەت نىشانىمىز: قىيىنچىلىقى بار ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ بىرمۇ پەرزەنتىنى ئوقۇش پۇلى سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قالدۇرمايمىز، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى تۈركۈملەپ يېتىشتۈرۈپ بېرىمىز.
|