|
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇشۈكۈر راشىدىن خەۋىرى ، فوتوسى : قاغىلىق ناھىيە يېتىملىقۇم يېزا لايباغ 14- كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ياش دېھقان ئاينۇر ئايۇپ 2005- يىلى ئىككى مو يەردە پارنىك ياساپ ، گۈلچىلىك بىلەن شۇغۇللانغانىدى . نەتىجىدە ، ئۇ بۇ يىل 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر 5000 تەشتەكتىن ئارتۇق ھەر خىل گۈل ۋە گۈل كۆچەتلىرىنى سېتىپ چىقىرىپ ، 45مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلغاندىن باشقا يەنە كېلەر يىلى ئەتىيازدا بازارغا سېلىش ئۈچۈن 50 خىلدىن ئارتۇق 5000 تەشتەك گۈل ۋە گۈل كۆچەتلىرىنى تەقلەپ قويدى.


سۈرەتتە: ئاينۇر ئايۇپ (سولدىن 1-كىشى) پارنىكتىكى گۈللىرىنى پەرۋىش قىماقتا
|