باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ شەكىللەندۈرەيلى
2008- 10- 14 10:46 شىنجاڭ گېزىتى

باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ 19–سېنتەبىردىكى مۇھىم سۆزىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (4) 

   پۈتكۈل پارتىيىدە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مەقسەت  ‹‹پارتىيىنىڭ سىياسىي ۋە تەشكىلىي ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش ۋە ئېكولوگىيە، مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۇلۇغۋار نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن مۇھىم بولغان ئىدىيىۋى ئۇل، سىياسىي ئۇل، تەشكىلىي ئۇلنى تېخىمۇ چىڭىتىش››تىن ئىبارەت. باش شۇجى خۇ جىنتاۋ سۆزىدە تەكىتلىگەن بۇ مۇھىم مەزمۇندا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىلىك يۈكسەكلىكى چىقىش قىلىنىپ، پۈتكۈل پارتىيىدە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى چوڭقۇر شەرھلىنىپ، ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ تۈپ نىشانى ۋە ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلگەن.

   يېڭى تارىخىي پەللىدە پارتىيىمىز مەملىكەت خەلقىنى يېتەكلەپ، داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشتەك ئالىي بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان. دۇنيا ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالى، پارتىيە ئەھۋالىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان شارائىتتا، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى ئارقىلىق ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى تېخىمۇ شەكىللەندۈرگەندىلا، دەۋر يۈكلىگەن ئالىي بۇرچنى ئادا قىلالايمىز.

   پارتىيىلىك كادىرلار ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى تايانچ كۈچ، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلار ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ھالقا. ئۇلارنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات ئىدىيىسىنى پۇختا تۇرغۇزغان ياكى تۇرغۇزمىغانلىقى، ئىلمىي تەرەققىياتنى پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان ياكى ھازىرلىمىغانلىقى ئىنتايىن زور دەرىجىدە شۇ رايون، شۇ تارماق، شۇ ئورۇننىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈنۈمىنى بەلگىلەيدۇ. بىز چوقۇم ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى ئارقىلىق، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى نۇقتىلىق ئۆستۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىدىغان، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە پارتىيىلىك كادىرلار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك قورغان، كادىرلار قوشۇنىنى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى تايانچ كۈچ قىلىپ قۇرۇپ چىققاندىلا، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات ئەمەلىيىتىدە پارتىيىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى ۋە تەشكىلىي ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرالايمىز، تېخىمۇ ياخشىلىيالايمىز.

   ئىلمىي تەرەققىيات پۈتكۈل پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئىشى، خەلق ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى سۇبيېكىت. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش جەريانىنى خەلققە داۋاملىق بەخت يارىتىش جەريانى قىلىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلققە نەپ يەتكۈزگەندىلا، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەڭ كەڭ، ئەڭ چوڭقۇر ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولالايدۇ، بىز شۇندىلا خەلقنى تەشكىللەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، ئاساسىي جەھەتتىن زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلالايمىز. ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا چوقۇم ئاممىنى ئىلمىي تەرەققىيات ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە قاتنىشىشقا تېخىمۇ سەپەرۋەر قىلىپ، تەرەققىيات تەسەۋۋۇرىنى پىلانلاشتا ئاممىدىن تەدبىر سوراش، تەرەققىيات جەريانىدىكى مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىشتا ئاممىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ئۆلچەشتە ئامما باھا بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، خەلقنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۇيۇشتۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات ئاكتىپلىقىنى ئىلمىي تەرەققىيات جەھەتكە ئەڭ زور دەرىجىدە يېتەكلەپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلالايمىز.

   يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تېما، يېڭى زىددىيەت، تەرەققىيات باسقۇچىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدى ئالدىدا، بىز چوقۇم پارتىيە خىزمىتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ تەلىپىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات يولىدا تېخىمۇ ئاڭلىق مېڭىشىمىز كېرەك. پۈتكۈل پارتىيىدىكى يولداشلار ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى پارتىيىمىزنىڭ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ، ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىدىكى مۇھىم ۋاسىتە قىلىپ، پائال قاتنىشىشى، ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى ئارقىلىق كۈچلۈك مەسئۇلىيەت ئېڭى، بۇرچ ئېڭى ۋە ئىلمىي تەرەققىي قىلىشتىكى تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ نامايان قىلىپ، خەلقنى تېخىمۇ ئۇيۇشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈشى كېرەك. 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ