|

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. قەھرىمانلارنىڭ جاسارىتى مەڭگۈ جۇلالىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ روھى كىشىلەرنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. 7 – ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن ۋە كەچتە پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن خۇ جىنتاۋ، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، لى چاڭچۈن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، خې گوچياڭ، جۇ يۇڭكاڭ قاتارلىقلار جۇڭگو خەلق ئىنقىلابىي ھەربىي مۇزېيىغا بېرىپ، ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ‹‹ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىرادىمىزدىن مۇستەھكەم سېپىل ھاسىل قىلايلى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تېمىسىدىكى كۆرگەزمە››نى كۆردى.
كۆرگەزمە زالىنىڭ ئىشىكى يېنىغا قۇتقۇزغۇچى خادىملارنىڭ خارابە ئارىسىدىن قاپسىلىپ قالغان ئاممىنى قۇتۇلدۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈشى تەسۋىرلەنگەن چوڭ ھەيكەل قويۇلغانىدى. كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان بۇ كۆرۈنۈش كىشىلەرگە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ پۈتكۈل مەملىكەتتىكى ئارمىيە، خەلققە يېتەكچىلىك قىلىپ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرغان ئاشۇ كۈنلەرنى ئەسلىتەتتى.
خۇ جىنتاۋ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار زالغا كىرىپ كۆرگەزمىگە قويۇلغان بۇيۇملارنى تەپسىلىي كۆردى، چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. كۆرگەزمە زالىغا قويۇلغان قۇم مودېللار، ئاخبارات سۈرەتلىرى، ستاتىستىكا گرافىكلىرى، قىممەتلىك بۇيۇملاردا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پەۋقۇلئاددە چوڭ يەر تەۋرەش ئاپىتى ئالدىدا قىلچە تىز پۈكمەي، غەيرىتىنى ئۇرغۇتۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاپەتكە قارشى كۈرەش قىلغانلىقىدىن ئىبارەت كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان كۆرۈنۈش جانلىق ئەكس ئەتكەن، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىدە مەيدانغا كەلگەن قەھرىمانلارنىڭ ئىش – ئىزلىرىغا مەدھىيە ئوقۇلغانىدى. خۇ جىنتاۋ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار قىسىمدىكى كوماندىر – جەڭچىلەر ھايات قالغانلارنى قۇتۇلدۇرغاندا كىيگەن پەلەي، كەسپىي قۇتقۇزۇش ئەترىتىدىكىلەر ئىشلەتكەن ئىزدەش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق قۇتقۇزۇش ئاپپاراتلىرى؛ تېببىي خادىملار يارىلانغانلارنى ئوپېراتسىيە قىلغاندا يورۇتۇشقا ئىشلەتكەن قول چىراغ ۋە زەرەتلىنىدىغان پەنەر چىراغ، ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى پارتىيە ئەزالىرى زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ بايرىقى، ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ھايات – ماماتلىق پەيتتە بىر – بىرىنى قۇتۇلدۇرۇۋاتقان ھالەت خاتىرىلەنگەن بىر يۈرۈش رەسىم؛ ھەل قىلغۇچ جەڭ بولغان تاڭجياشەن توسۇلما كۆلىنىڭ ئېلېكترونلۇق قۇم مودېلى، جايلاردىكى ئامما ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكىلەرگە بەس – بەستە قان تەقدىم قىلغان، پۇل ئىئانە قىلغان كۆرۈنۈش ۋە سۈرەت؛ كارخانا ئىشچى – خىزمەتچىلىرى پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئاپەت يۈز بەرگەن رايون ئۈچۈن قۇراشتۇرما ئۆي ماتېرىياللىرى ئىشلەپ چىقىرىۋاتقان كۆرۈنۈش تەسۋىرلەنگەن مودېل؛ ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى قايتا قۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى تەسۋىرلەنگەن رەسىم ۋە چوڭ تىپتىكى مەنزىرە رەسىم قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل كۆرۈپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى سوراپ تۇردى.
كۆرگەزمىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىدە مەيدانغا كەلگەن بىر تۈركۈم قەھرىمان – نەمۇنىچى شەخسلەر تونۇشتۇرۇلغانىدى. چيۇ گۇاڭخۇا، ۋۇ ۋېنبىن، ۋاڭ يى، جياڭ مىن، خۇاڭ چيۇڭ، تەن چيەنچيۇ، ۋاڭ خۇڭفا، سۇڭ جىيۇڭ، زو ۋېنيىڭ، سۇڭ شۆ... خۇ جىنتاۋ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار ئۇلارنىڭ تەسىرلىك ئىش – پائالىيەتلىرىنى ئاڭلاپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىدىكى قەھرىمان – نەمۇنىچىلارغا چوڭقۇر ئېھتىرام بىلدۈردى.
خۇ جىنتاۋ كۆرگەزمىنى كۆرۈش جەريانىدا مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ كۆرگەزمە ناھايىتى ياخشى ئېچىلىپتۇ، كۆرگەندىن كېيىن كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىكەن، روھلاندۇرىدىكەن››. خۇ جىنتاۋ مۇنداق تەكىتلىدى: كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلغان يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۇلۇغ روھىنى بارلىققا كەلتۈردى. يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرىدىغانلا بولساق، ئىلگىرىلەش يولىدىكى ھەر قانداق جاپا – مۇشەققەت ۋە توسالغۇنى يېڭىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرەلەيمىز.
ۋاڭ گاڭ، ۋاڭ جاۋگو، ۋاڭ چىشەن، خۈي لياڭيۈ، ليۇ چى، ليۇ يۈنشەن، ليۇ يەندۇڭ، لى يۈەنچاۋ، جاڭ گاۋلى، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، شۈ سەيخۇ، گو بوشيوڭ، لو گەن، خې يۇڭ، لىڭ جىخۇا، چېن جىلى، ئىسمائىل تىلىۋالدى، لياڭ گۇاڭليې، ما كەي، مېڭ جيەنجۇ، چېن كۇييۈەن، ئابلەت ئابدۇرېشىت، لى جاۋچاۋ، جاڭ رۇڭمىڭ، چيەن يۈنلۇ، سۈن جياجېڭ، لى جىنخۇا، ۋەن گاڭ، لو فۇخې ۋە جاڭ ۋەننيەن، پېڭ پېييۈن، ساۋ جى، چېڭ سىۋېي، رېدى، ياڭ رۇدەي، جاڭ خۇەيشى، لى مېڭ شۇنداقلا مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئەزالىرىدىن لى جىنەي، چاڭ ۋەنچۈەن، شۈ چىلياڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلارمۇ كۆرگەزمىنى كۆردى.
بۇ كۆرگەزمىنى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئازادلىق ئارمىيە باش سىياسىي بۇسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. كۆرگەزمە 20 – سېنتەبىر باشلانغاندىن بۇيان 300 مىڭ ئادەم (قېتىم) نى كۈتۈۋالدى.
|