باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
شىزاڭنىڭ داڭشيۇڭ ناھىيىسىدە 6.6 بال يەر تەۋرىدى
2008- 10- 07 10:07 تەڭرىتاغ تورى

         6–ئۆكتەبىر ، شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ داڭشيۇڭ ناھىيىسىدە 6.6 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ ، يەر تەۋرەشتە 100 دىن ئارتۇق ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن .  قاتناش ، ئالاقە ئىشلىرى ئۈزۈلۈپ قالغان  

     شىنخۇا تورى لخاسا 7 – ئۆكتەبر تېلېگراممىسى : شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى ، داڭشيۇڭدىكى يەر تەۋرەشكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق شىتابىنىڭ باش قوماندانى خاۋ پېڭنىڭ 7 – ئۆكتەبر تونۇشتۇرۇشىچە ، 7 – ئۆكتەبر سائەت 0 گىچە ، يەر تەۋرەشتە 9 ئادەم قازا قىلغان . 19 ئادەم يارىلانغان ، 147  ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن .

       ئىگىلىنىشىچە ، 6 – ئۆكتەبر سائەت 16 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە لخاسا شەھىرى داڭشيۇڭ ناھىيىسىدە 6.6 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ  ، شىزاڭ لخاسا شەھىرى ، رېكازې شەھىرى قاتارلىق جايلاردا روشەن تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلگەن .

    يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن ، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى ئاكتىپ تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى قوللانغان ھەمدە ئىككىنچى دەرىجىلىك جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق شىتابى قۇرغان .

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ