باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
    خۇ جىنتاۋ مېيىپلار سەنئەت ئۆمىكى ئورۇنلىغان چوڭ تىپتىكى مۇزىكىلىق ئۇسسۇل ‹‹مىنىڭ چۈشۈم››نى كۆردى
2008- 09- 12 09:25 تەڭرىتاغ تورى

خۇ جىنتاۋ كلېۋېن ، سامارىچلار بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلەشمەكتە

     شىنخۇا تورى بېيجىڭ 11 – سېنتەبر تېلېگراممىسى : 2008 – يىللىق بېيجىڭ مېيىپلار ئو ت م ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلۋاتقان پەيتتە ، جۇڭگو مېيىپلار سەنئەت ئۆمىكى 11 – سېنتەبر كەچتە بېيجىڭ ‹‹باۋلى››تىياتىرخانىسىدا چوڭ تىپتىكى مۇزىكىلىق ئۇسسۇل ‹‹مېنىڭ چۈشۈم›› ناملىق ئەسەرنىڭ 5 – قىسمىنى ئورۇنداپ ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى . 

     پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن خۇ جىنتاۋ ، ۋۇ باڭگو ، ۋېن جياباۋ ، جيا چىڭلىن ، لى چاڭچۈن ، شى جىنپىڭ ، لى كېچياڭ ، خې گوچياڭ ، جۇ يۇڭكاڭ قاتارلىقلار ، خەلقئارا مېيىپلار ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى كلېۋېن ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئۆمۈرلۈك پەخرىي رەئىسى سامارىچ قاتارلىقلار ئويۇننى كۆردى .

     ‹‹مېنىڭ چۈشۈم ››ناملىق ئەسەرنىڭ 5 – قىسمى جۇڭگو مېيىپلار سەنئەت ئۆمىكىنىڭ بېيجىڭ ئو ت م ۋە مېيىپلار ئو ت م ئۈچۈن كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال سەنئەت نومۇرى بولۇپ ، مۇزىكا ، ئۇسسۇل ، جىڭجۈي تىياتىرى ، ئۇسسۇللۇق تىياتىر ، مۇزىكىلىق تىياتىر قاتارلىق كۆپ خىل سەنئەت شەكلىدىن تەركىب تاپقان .

ئويۇن كۆرسىتىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، خۇ جىنتاۋ سەھنىگە چىقىپ ، ئارتىسلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى ھەمدە ئويۇننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى

خۇ جىنتاۋ ئويۇن كۆرسىتشكە قاتناشقان ئارتىس ۋە خىزمەتچىلەر بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ