|

خۇ جىنتاۋ گېرمانىيە زۇڭتۇڭى كېل بىلەن كۆرۈشتى
دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن گېرمانىيە زۇڭتۇڭى كېل ۋە ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيسىنىڭ سابىق باش ئىش بىجىرگۈچىسى، ياپونىيە- جۇڭگو دوستلۇق جەمىئىيىتىنىڭ باشلىقى جياتېڭ خۇڭيى بىلەن ئايرىم- ئايرىم كۆرۈشتى. خۇجىنتاۋ كېل بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭ بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى، گېرمانىيە تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى. خۇجىنتاۋ گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ سىچۈەن ۋېنچۈەندە كۈچلۈك يەر تەۋرىگەندە ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى. كېل مۇنداق دېدى: گېرمانىيە بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ. گېرمانىيە تەرەپ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان ھەر قايسى تەرەپلەردە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋاپپەقىيەتلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، گېرمانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بىرىدۇ، سۆزلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىشىنى خالايدۇ.

دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيسىنىڭ سابىق باش ئىش بىجىرگۈچىسى، ياپونىيە- جۇڭگو دوستلۇق جەمىئىيىتىنىڭ باشلىقى جياتېڭ خۇڭيى بىلەن سۆھبەتتە
خۇجىنتا جياتېڭ خوڭيى بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىنى قارشى ئالدى ، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەلەرنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قوللىغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى ھەمدە ياپونىيە تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىىدا ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى. جياتىڭ خوڭيى مۇنداق دېدى: بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمۇ ھەيۋەتلىك كاتتا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئىككى مەرىكە ئىنسانىيەتنىڭ تارىخىي سەھىپىسىگە چوقۇم يېزىلىدۇ، بۇنى چىن قەلبىمىزدىن تەبرىكلەيمىز. ئۇ مۇنداق دېدى: ياپونىيە- جۇڭگو دوسلۇق جەمىئىيىتى ياپونىيە- جۇڭگو دوستلۇق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىغا 60 يىل بولاي دەپ قالدى، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇق ھېسسىياتىنى كۈچەيتىپ، ياپونىيە- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق ساغلام، مۇقىم تەرەققى قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش يولىدا كۈچ چىقىرىشنى خالايمىز.
|