|
‹‹ئىخلاس›› يېمەكلىك سانائىتى زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەنلىكى توغرىسىدا
مول – ھوسۇلغا تولغان ئالتۇن كۈز پەسلى ئەمدىلا باشلانغان، 17 – نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى تاشقى ئىقتىساد – سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئىككىنچى كۈنى يەنى 2 – سېنتەبىر ئۈرۈمچىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى خۇڭيەنچى 2 – ئوت ئېلېكتر ئىستانسىسى بىلەن گۈلساي مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى ئارىسىدىكى خۇڭيەن يولى 268 – قورۇ باشقىچە جانلاندى. بۇ يەردە ‹‹ئىخلاس›› يېمەكلىك سانائىتى زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى باشلاش، لېنتا كېسىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى .
چىڭقى چۈش مەزگىلى ئىدى. زاۋۇت بىناسىنىڭ ئۆگزىسىدە ياڭراۋاتقان ناغرا – سۇناي ئاۋازى مۇراسىمغا قاتنىشىشقا كەلگەن مۇتەخەسسىس – ئالىملار، ئۈرۈمچىدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر، تۈركىيە سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ۋە ‹‹ئىخلاس›› شىركىتىنىڭ ۋاكالەتچىلىرى، ھەرساھەدىن كەلگەن ئامما بولۇپ 1000 دىن ئارتۇق كىشىنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى. مۇراسىم مەيدانىغا ئېسىلغان لوزۇنكا، پلاكات، شارلار، لەپىلدەپ تۇرغان ھەرخىل رەڭدىكى بايراقلار بۇ يەرنى بايرام تۈسىگە كىرگۈزگەن ئىدى. تۈركىيىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى كۈرشاد تۈزمېن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نەيىم ياسىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمەتھەسەن توختالى قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە ‹‹ئىخلاس›› شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرى مۇراسىم سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغاندا، ھەممەيلەن قىزغىن چاۋاك چېلىپ، ئۇلارغا ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈشتى.
سائەت دەل بىردە رىياسەتچى ‹‹ئىخلاس›› يېمەكلىك سانائىتى زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى باشلاش، لېنتا كېسىش مۇراسىمىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ئالدى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى مۇراسىم سەھنىسىنىڭ ئالدىدىكى سەينادا بىر پەدە مەشرەپ ئوينىغاندىن كېيىن، ياش ناخشىچى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ‹‹ئىخلاس ناخشىسى›› نى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىپ، مۇراسىم كەيپىياتىنى ئەۋجىگە كۆتۈردى. ئارقىدىن ‹‹ئىخلاس›› شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى روزاخۇن ئاتۇش سەھنىگە چىقىپ، قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ كۆپچىلىككە سالام بەرگەندىن كېيىن، مېكرافون ئالدىغا كەلدى.
ئىخلاس بىلەن بېسىپ كەلگەن قەدىمىڭلارغا مەرھابا،دېدى ئۇ كۆپچىلىككە قاراپ، بىز يېڭىچە روھ بىلەن بۇ يېڭى كارخانىنى قۇرۇپ چىقتۇق. 50 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان ‹‹ئىخلاس›› يېمەكلىك سانائىتى زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لېنىيىسى مانا بۈگۈن ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. زاۋۇتىمىزنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 35 مىڭ كۋادرات مېتىر، ئەمەلىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 28 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، بەش چوڭ سېختا 250 ئىشچىمىز ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىپ كەتتى. بۈگۈندىن باشلاپ بۇ زاۋۇتىمىزدا ‹‹ئىخلاس›› ماركىلىق ھەرخىل قۇۋۋەت تولۇقلاش يىمەكلىكلىرى، ھەرخىل ئەتكەن چاي ھەمرىيى، شاكىلات، شاكىلاتلىق كەمپۈت، گوفرەت، تۇخۇم تۈرمىلى قاتارلىق بەش چوڭ تۈر بويىچە 100 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. زاۋۇتىمىزنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى شىركىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى بۈيۈك نامايەندە، ئەھمىيىتى زور كاتتا ئىش. بىز بۇ زاۋۇتىمىز ئارقىلىق سانائەتلىشىش قەدىمىمىزنى تېخىمۇ تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىپ، خەلققە سۇنالايمىز. زاۋۇتىمىزنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ قۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى بارلىققا كەلتۈرەلەيمىز. دۆلەت ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پايدا – باج يارىتالايمىز. تېخىمۇ كۆپ ئىختىساس ئىگىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرالايمىز. ئاپتونوم رايونىمىز، ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە چەتئەللەر بىلەن، جۈملىدىن تۈركىيە بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرەلەيمىز.. .
تەكلىپ بىلەن سۆزگە چىققان تۈركىيىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى كۈرشاد تۈزمېن غۇلىچىنى كەڭ كېرىپ، ‹‹ئىخلاس›› شىركىتىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ، كۆكتە پەرۋاز قىلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرگەندە، مۇراسىم مەيدانىدا يەنە بىر قېتىم گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت تېخنىكا ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى مۇھەممەت تۇردى قاتارلىقلارمۇ ئارقا – ئارقىدىن سۆزگە چىقىپ ‹‹ئىخلاس›› شىركىتىگە ئۈمىد – تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈشتى. مۇراسىم سەھنىسىنىڭ ئالدىدىكى سەينادا قىسقىغىنا لېنتا كېسىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، مۇراسىمغا ئاتالغان سەنئەت نومۇرلىرى ئورۇندىلىپ، مۇراسىم كەيپىياتىنى تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرۈۋەتتى.
مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تۈركىيە سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ۋە ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى زاۋۇتنىڭ سېخلىرىغا كىرىپ، يېڭى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. رەتلىك زاۋۇت فورمىسى كىيىشكەن يىگىت – قىزلار پۈتۈن زېھنى بىلەن ئىشلەۋاتاتتى، كۆپچىلىك زاۋۇتنىڭ ئاپتوماتىك ئاقما لىنىيىلىرىدە ئىشلەپ چىقىرىلىۋاتقان ھەرخىل فرىما، ئەتكەنچاي ھەمرىيى، پىرەنىك، شاكىلاتلارنى كۆرۈپ، قايىل بولۇشۇپ، ئارقا – ئارقىدىن باش لىڭشىتىشتى. . .
|