باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
بورتالا ئوبلاستلىق سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ يەرمەنكىدە ئىمزالىغان توختام سوممىسى 1 مىليارد 296 مىليون يۈەنگە يەتتى
2008- 09- 02 16:14 تەڭرىتاغ تورى

 

توختام ئىمزالاش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش

    بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بۇ قېتىمقى ئۈرۈمچى سودا يەرمەنكىسىگە 62 خىل تۈرنى قاتناشتۇرغان بولۇپ ، يەرمەنكە باشلىنىپ ئىككى كۈندىلا 12 خىل تۈر بويىچە 1 مىليارد 296 مىليون يۈەنلىك توختام ئىمزالىغان .

 جۇڭگو – قازاقىستان ماي يوللاش تۇرۇبا يولىنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ ، ئالاتاۋ ئېغىزى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق يولى بىلەن مال يۆتكەيدىغان چېگرا ئېغىزى بولۇپ قالغان . بورتالا ئوبلاستى بۇ پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ، سانائەتلىشىش قەدىمىنى تېزلەتكەن . 

      بورتالا ئوبلاستى سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى 60 كىشىدىن تەشكىل قىلىنغان . بورتالا ئوبلاستى چېگرا ئېغىزى ، ساياھەت ، كان مەھسۇلاتى ، ئۆزگىچە دېھقانچىلىق قاتارلىق ئەۋزەل بايلىقنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان 62 تۈرنى بۇ نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدىكى خېرىدار چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش تۈرى قىلىپ تاللىغان .

موڭغۇل مىللىتىنىڭ ناخشا – ئۇسسۇلى بورتالا ئوبلاستىنى تونۇشتۇرىدىغان يەنە بىر يارقىن نۇقتا بولۇپ قالدى

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ