باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
17 – نۆۋەتلىك جۇڭگو يىپەك يولى تۇرپان ئۈزۈم بايرىمى باشلاندى
2008- 08- 26 17:09 تەڭرىتاغ تورى

17 – نۆۋەتلىك جۇڭگو يىپەك يولى تۇرپان ئۈزۈم بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى تۇرپان شەھىرى ساياھەت مەدەنىيەت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى

      17 – نۆۋەتلىك جۇڭگو يىپەك يولى تۇرپان ئۈزۈم بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بۈگۈن ( 26 – ئاۋغۇست) چۈشتىن بۇرۇن، تۇرپان شەھىرى ساياھەت مەدەنىيەت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. تۇرپاندىكى 600 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلقى شاد – خوراملىققا چۆمۈپ ، ناخشا – ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپ ، يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۈزۈم بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەشتى .

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇ ۋېي ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلماقتا

     ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇ ۋېي ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە تەبرىك سۆزى قىلىپ ، ئۈزۈم بايرىمىغا قاتناشقان ھەر ساھەدىكى دوستلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە تۇرپان ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى شۇنداقلا 17 – نۆۋەتلىك جۇڭگو يىپەك يولى تۇرپان ئۈزۈم بايرىمىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

     جۇڭگو يىپەك يولى تۇرپان ئۈزۈم بايرىمى گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان يەرلىك مۇھىم پائالىيەتلەرنىڭ بىرى. كۆپ يىللاردىن بېرى، تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان بايرامنىڭ تەبرىكلەش پائالىيىتىنى چىڭ تۇتۇپ ، مەملىكەتكە ، دۇنياغا ئۆزىنى تەشۋىق قىلدى، تونۇشتۇردى، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە تۇرپاننىڭ تەسىرى بارغانسېرى زورىيىپ ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ياخشى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى . ئۈزۈم بايرىمىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى تۇرپان ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، تۇرپاننىڭ ئىقتىساد تەرەققىياتىدا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.

   تۇرپان مۇقامچىلىرى ئۆزگىچە نومۇرلىرى بىلەن مۇراسىمنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى

باشلىنىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈشلەر

 ئۈزۈم كۆرگەزمىسى

     ئېچىلىش مۇراسىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇ ۋېي ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۈزۈم كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ ، تېتىپ بېقىش ، سېتىش پائالىيەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. تۇرپان شەھىرىگە قاراشلىق توققۇز يېزا ، بازاردىن كەلگەن 60 خىل سورتتىكى ئەلا سۈپەتلىك ئۈزۈم كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلدى.  

تاماشىبىنلار دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تونۇردىن چىققان پۈتۈن كالا كاۋىپىغا ئېغىز تەگدى 

 

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ