|
دۆلەت بوكس كوماندىسىنىڭ ترېنېرى، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرى ئابلىكىم ئابدۇرېشىتنى زىيارەت
ئو ت م نىڭ بوكس مۇسابىقىسى باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭلىق ماھىرلار مەيدانغا چۈشسىلا، كىشىلەر قەددى – قامىتى كېلىشكەن، ئوتتۇرا ياشلىق ئۇيغۇر ترېنېرنى دائىم كۆرۈپ تۇردى. مۇھەممەدتۇرسۇن چوڭ مۇسابىقىگە چۈشۈشتىن بۇرۇن، بۇ كىشى مۇھەممەدتۇرسۇن چوڭنىڭ دولىسىغا بوشقىنە ئۇرۇپ قويدى. قانات ئىسلام رەقىبىنى يېڭىپ، غەلىبە قىلغاندا، ئۇ بىرىنچى بولۇپ مەيدانغا چۈشۈپ شاگىرتىنى چىڭ قۇچاقلىدى. بۇ كىشى دەل دۆلەت بوكس كوماندىسىنىڭ ترېنېرى، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرى ئابلىكىم ئابدۇرېشىت ئىدى.
شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ مەشىق زالىدا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق بوكس سەھنىسىنىڭ ئۈستىگە ئېسىلغانىدى، مەشىق زالىدىكى تامغا چوڭ يېزىلغان: ‹‹ۋەتەننىڭ شان – شەرىپى ھەممىدىن ئەلا›› دېگەن خەتلەر كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. ئابلىكىم ئابدۇرېشىت: ‹‹كۆپچىلىك ھەر ۋاقىت ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئەستە ساقلىسۇن ئۈچۈن، مەن بۇ بىر جۈملە سۆزنى تامغا يازدۇرۇپ قويدۇم››، دېدى.
1999 – يىلى ئابدۇراخمان ئاسىيا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، ئاسىيا چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن ھەم 2000 – يىلى سېدنىيدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئو ت م گە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنىدى. مۇسابىقىدە ئابدۇراخمان ھىندىستانلىق، كورىيىلىك، قىرغىزىستانلىق ماھىرلارنى بىر – بىرلەپ يەڭگەندە، چەت ئەللىك ماھىرلار: ‹‹ئۇ جۇڭگولۇق ئەمەسكەن!››دېيىشتى، ئابلىكىم ئابدۇرېشىت ئاچچىقى كېلىپ، پاسپورتىنى چىقىرىپ: ‹‹قاراڭلار، بىز جۇڭگولۇق، جۇڭگودىمۇ ئاسىيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بوكس ماھىرلىرى بار››، دېدى.
2004 – يىلى 4 – ئايدا ئافىنا ئو ت م نىڭ ئاسىيا رايونى بويىچە تاللاش مۇسابىقىسى گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلدى، قانات ئىسلام رەقىبىلىرىنى يېڭىپ، ئافىنا ئو ت م غا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. ئابلىكىم ئابدۇرېشىت خۇشاللىقىدىن قانات ئىسلامنى چىڭ قۇچاقلىدى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن خۇشاللىق ياشلىرى تاراملاپ ئاقتى. ئارقىدىن ئۇ ئاللىبۇرۇن تەييارلاپ قويغان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى قانات ئىسلامنىڭ دۈمبىسىگە ئارتىپ قويدى، قانات ئىسلام تەنھەرىكەت مەيدانىنى ئايلىنىپ يۈگۈردى. تەنھەرىكەت مەيدانىدا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق لەپىلدىدى، كىشىلەر بەس – بەستە ئالقىش سادالىرىنى ياڭرىتىپ، تەنھەرىكەت سارىيىنى لەرزىگە سالدى. يېشى 50 تىن ئاشقان ئابلىكىم ئابدۇرېشىت خۇددى كىچىك بالىدەك يىغلاپ كەتتى.
14 – ئاۋغۇست قانات ئىسلام سەككىز كۈچلۈك ماھىر قاتارىغا كىرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ بوكسچىلىقىنىڭ ئو ت م دىكى يېڭى رېكورتى يارىتىلغان بولسىمۇ، ئابلىكىم ئابدۇرېشىت ناھايىتى سالماقلىق بىلەن مۇخبىرغا: ‹‹بىز پەقەت باسقۇچ خاراكتېرلىك غەلىبىگە ئېرىشتۇق، كىيىنكى مۇسابىقىلەردە بىر – بىرلەپ ئېلىشمىساق بولمايدۇ››، دېدى.
ئابلىكىم ئابدۇرېشىتنىڭ شېرىن ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىپ، شىنجاڭلىق بوكس ماھىرلىرىنىڭ بېيجىڭ ئو ت م دا يېڭى مۆجىزە يارىتىشىغا تىلەكداشمىز.
|