باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
قەشقەردىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى تېلېۋىزور ئارقىلىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى كۆردى
2008- 08- 09 14:24 تەڭرىتاغ تورى

      ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قەمەردىللا دولقۇن خەۋىرى ، فوتوسى : پۈتۈن دۇنيا خەلقى كۆز تىككەن ، 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 8- ئاينىڭ 8- كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى كەچ سائەت سەككىزدە  رەسمىي باشلاندى . بۇ كۈنى بۇ مۇسابىقىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتكەن  قەشقەردىكى نەچچە مىليون ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى تېلېۋىزور ئارقىلىق مەملىكىتىمىزنىڭ پايتەختى بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىدىغان 29- نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە كۆردى. 

      مۇخبىر بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قۇمدەرۋازا كوچا ئىش بېجىرىش باشقارمىسى قىزىل دۆۋە ئىجتىمائىي رايونىدىكى ئائىلىلىكلەر رايونىغا بېرىپ ، بۇ يەردە ئولتۇرۇشلۇق جۇ كەيمىن ئائىلىسىگە كىرىپ ئۇنىڭ ئايالى، نەۋرىسى ھەمدە خوشنىلىرى بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ تېلېۋىزوردىن 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى كۆرۈۋاتقانلىقىنى كۆردى ، قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى كۆرۈۋاتقان 70 ياشلىق جۇ كەيمىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۈزۈندىن بۇيان ئىنتىزار بولۇپ كۈتۈپ كېلىۋاتقان ئارزۇسى بۈگۈن ئاخىرى رەسمىي رۇياپقا چىقتى، يەتتە يىل ئىلگىرى مەملىكىتىمىز ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىپ غەلبە قىلغاندىن باشلاپ بۈگۈنگە قەدەر ئۆز ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ ، ئالاھىدىلىككە ئىگە، يۇقىرى سەۋىيىلىك بىر نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلىپ ، زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ ، دۇنيانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشى ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. مەن ۋە بالىلىرىم شۇنداقلا خوشنىلىرىم بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولۇشتۇق. جۇ كەيمىن ئائىلىسىگە تېلېۋىزور كۆرۈشكە كىرگەن 67 ياشلىق بوۋاي جاڭ يۇڭچى يەنە مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى 29- قېتىملىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەملىكىتىمىزدە ئۆتكۈزۈلىشى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بىز مۇشۇنداق خاسىيەتلىك پائالىيەتنىڭ خۇشاللىقىدىن بىرگە بەھرىمان بولۇش ئۈچۈن بىر قانچە خوشنىلار بىر يەرگە جەم بولۇپ بىللە كۆرۈپ ئىپتىخارلىق ئىچىدە پائالىيەت خۇشاللىقىدىن تەڭ بەھىر ئالدۇق. بىزنىڭ ھەممىدىن بەك ئۈمىد قىلىدىغىنىمىز بۇ قېتىمقى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تىنچ، بىخەتەر ئۆتكۈزۈلىشى.

      قۇمدەرۋازا كوچا ئىش بېجىرىش باشقارمىسىنىڭ مۇرەسسە خىزمىتىگە مەسئۇل خادىمى باھارگۈل ھوشۇر مۇنداق دېدى: رايونىمىزدىكى ئاھالىلەرنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى كۆرۈش قىزغىنلىقى بەكلا يۇقىرى خۇلۇم-خوشنىلار ئۆز ئارا جەم بولۇشۇپ ، بۇ خۇشاللىقتىن ئورتاق بەھىر ئېلىپ ، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەر ئۆتكۈزۈلۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرمەكتە.
      مۇخبىر بۇ كۈنى يەنە مۇشۇ ئىجتىمائىي رايونىدىكى 20 گە يېقىن كىشىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى كۆرۈپ ، بۇ خۇشاللىقتىن ئورتاق بەھرىمان بولۇش ئۈچۈن مۇشۇ ئىجتىمائىي رايوندا ئولتۇرۇشلۇق  ئابلىز خېلىل ئائىلىسىگە جەم بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ، بۇ ئۆيگە كىرگەندە ھەممەيلەننىڭ  ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى پۈتۈن دىققىتى بىلەن كۆرۈۋاتقانلىقىنى كۆردى. بۇ ئائىلىدىكىلەر بىلەن بىللە تېلېۋىزور كۆرۈۋاتقان قۇمدەرۋازا كوچا ئىش بېجىرىش باشقارمىسى قىزىل دۆۋە ئىجتىمائىي رايونى 4- گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق سابىر ئىسمائىل مۇنداق دېدى: بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى — جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى ئابىدىگە شۇنداقلا جۇڭگۇ خەلقىنىڭ كەلگۈسىگە قەدەم تاشلايدىغان يېڭى چىقىش نوقتىسىغا ئايلانغۇسى. بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەملىكىتىمىز تارىخىدىكى چوڭ ئىش، بىز بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە مەملىكىتىمىز تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ ھەر قايسى تۈرلەردە ياخشى نەتىجىلەرنى يارتىپ ، مۇسابىقىدە تارقىتىلغان ئالتۇن مىداللارنى كۆپلەپ قولغا كەلتۈرۈشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ