|
29–نۆۋەتلىك يازلىق ئو ت م نىڭ باشلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز
بۈگۈن كەچتە بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق، بەش چەمبىرەكلىك بايراق دۆلەت تەنھەرىكەت مەيدانىدا ئاستا – ئاستا كۆتۈرىلىدۇ – دە، ئو ت م نىڭ ئۇلۇغۋار مۇساپىسىدە يېڭى سەھىپە ئېچىلىدۇ.
بۈگۈن كەچتە 29 – نۆۋەتلىك يازلىق ئو ت م نىڭ مۇقەددەس ئوتى بېيجىڭنىڭ ئاسمىنىنى يورۇتقاندا، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئۇزۇن ئېقىنى يەنە بىر قېتىم شەرقتىكى قۇرىماس بۇلاققا قوشۇلىدۇ.
ئولىمپىك ھەرىكىتىدىكى بۇ كاتتا مۇراسىمنىڭ سەھنىسى شەرقتىكى بۇ مۇنبەت تۇپراققا تۇنجى قېتىم بەرپا قىلىندى. 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگولۇق تۇنجى قېتىم يۇرت – ماكانىدا ئو ت م نىڭ ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق، تىنچلىق كۈيىنى ياڭراتتى. ئافىنادىن بېيجىڭغىچە شادلىق، قايناق ھېسسىيات، ئارزۇ ئۆزگىرىپ قالمىدى، لېكىن دۇنيادا ئۆزگىچە ئۆزگىرىش بولغۇسى.
جەلپكار ئولىمپىك، بېيجىڭ سېنى قارشى ئالىدۇ! دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كونا دوستلار، بېيجىڭ سىلەرنى قارشى ئالىدۇ!
ھازىرقى زامان ئولىمپىك ھەرىكىتى بېسىپ ئۆتكەن بۇ ئەسىر ئىنسانلار تارىخىدىكى ئەڭ شانلىق سەھىپىلەرنى روياپقا چىقاردى. ئۆتكەن 100 يىل جەريانىدا كىشىلەر دۇنيا ئۇرۇشىدىكى زەمبىرەكلەرنىڭ ئىس – تۈكەتلىرىنى، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىكى قامال قىلىش، قارشىلىشىشلارنى باشتىن كەچۈردى، شۇنداقلا يەنە ئاۋىئاتسىيە، ئالەم قاتنىشى، كۆچمە ئالاقىچىلىكى، تېلېۋىزور، ئالاقە تورى قاتارلىق يېڭى كەشپىياتلار ئېلىپ كەلگەن ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەردىن بەھرىمەن بولدى، كائىنات توغرىسىدىكى ئىزدىنىشتە يېڭى نەزەرگە ئىگە بولدى. ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى بارلىققا كەلگەندىن بۇيان، ھېچقانداق ئەسىردە بۇنداق ئاپەت ۋە تراگېدىيىلەر ئېغىر بولۇپ باقمىغانتى؛ ھېچقانداق ئەسىردە بۇنداق كۈرەش ۋە تەرەققىيات كىشىنى ھاياجانغا سېلىپ باقمىغانتى.
بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئو ت م ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات مۇساپىسىنى يەنە بىر نۇقتىدىن خاتىرىلىدى. ھازىرقى زامان ئو ت م ئەگرى – توقاي، داۋالغۇپ تۇرغان دۇنيا تارىخىغا ئەگىشىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق غايىسىنى توختىماي يەتكۈزۈپ، ھازىرقى دۇنيادىكى تەڭداشسىز مەدەنىيەت ھادىسىسى ۋە مەدەنىيەت ۋاسىتىسىگە ئايلاندى. ئولىمپىكنىڭ مۇقەددەس ئوتى باشقىچە پىكىر ۋە ئىختىلاپلارنى قايرىپ قويۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتۇپ، دۇنيا تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەر ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، چۈشىنىش ئارزۇسىنى نامايان قىلدى. بەش چەمبىرەكلىك بايراق ئاستىدا ئوخشاش بولمىغان دۆلەت، ئېتىقاد، ئىرق، مىللەتتىن بولغان كىشىلەر ئورتاق غايە ئۈچۈن بىر يۈگرۈرۈش يولىغا جەم بولدى. ئو ت م نىڭ دۇنيادىكى بەشتىن بىر قىسىم نوپۇسقا ئىگە جۇڭگوغا كېلىشىنىڭ ئەھمىيىتى زوردۇر. بۇ دۇنيانىڭ جۇڭگوغا ئىشەنگەنلىكى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ دۇنياغا قوشقان تۆھپىسى. جۇڭگونىڭ ئولىمپىك چوڭ ئائىلىسىگە قايتىپ كەلگەن بۇ 30 يىل ۋاقىت دەل ھازىرقى جۇڭگونىڭ قاينام تاشقىنلىققا چۆمگەن تەرەققىيات مۇساپىسىنىڭ ۋاقتىغا توغرا كەلدى. بۇ 30 يىلدا جۇڭخۇا ئېلى ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ، دۇنياغا يۈزلەندى، دۇنيامۇ قۇچىقىنى ئېچىپ، جۇڭگونى باغرىغا باستى. 2008 – يىللىق بېيجىڭ ئو ت م جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغانلىقىنىڭ يېڭى سۇ بۆلگۈچ سىزىقى بولۇپ قالدى، دۇنيانىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر چوڭ دۆلەتتىن كۈتۈۋاتقان ئۈمىدىنى نامايان قىلىپ بەردى. دۇنيانىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدىكى كىشىلەر ئوخشاش بولمىغان مەسىلىلەرگە ئوخشاش بولمىغان قاراشتا بولسىمۇ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنىڭ دۇنيادىن ئايرىلالمايدىغانلىقىغا، دۇنيانىڭ گۈللىنىپ، مۇقىم بولۇشىنىڭمۇ جۇڭگودىن ئايرىلالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ؛ مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئو ت م نىڭ جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلۈشى ‹‹جۇڭگو ۋە دۇنياغا بىباھا مىراس›› قالدۇرغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ. جۇڭگو خەلقى ئەڭ چوڭ قىزغىنلىقى بىلەن يەتتە يىل تەييارلىق كۆرۈپ، ھازىرقى دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ زور بۇ تەنھەرىكەت كاتتا مەرىكىسىنى ئورتاق زىممىسىگە ئالدى. قەدىمكى جۇڭخۇا يەتتە يىل داۋامىدا ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەت دوستلۇقنى ئورتاق ئىزھار قىلىدىغان، تىنچلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان بۇ كاتتا مەرىكىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىدى. بۈگۈن كېچە ئو ت م باشلىنىدۇ، ئورتاق دۇنيا، ئورتاق ئارزۇ كۈيلىنىدۇ، بۇ 16 كۈندە بىز ئولىمپىكنىڭ جەلپكارلىقى ۋە شادلىقىدىن بىرلىكتە بەھرىمەن بولىمىز؛ بىز بەش چەمبىرەكلىك بايراق ئاستىدا ‹‹تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ كۈچلۈك›› تەنھەرىكەت روھىنى تولۇپ – تاشقان ھېسىيات بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ‹‹ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق، تىنچلىق›› سىمفونىيىسىنى بىرلىكتە ياڭرىتىمىز.
|