باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
بېيجىڭ ئو ت م بۈگۈن باشلىنىدۇ
2008- 08- 08 16:32 شىنجاڭ گېزىتى

 100 يىللىق ئارمان،يەتتە يىللىق تەييارلىق

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاۋغۇست ئو ت م مەخسۇس تېلېگراممىسى. 100 يىلدىن بۇيان ئارمان قىلىپ كەلگەن، يەتتە يىل تەييارلىق قىلغان بېيجىڭ ئو ت م 8 – ئاۋغۇست كەچ سائەت 8)بېيجىڭ ۋاقتى(دە جۇڭگو دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەيدانىدا داغدۇغىلىق باشلىنىدۇ. 205 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى بەش ھالقىلىق بايراق ئاستىدا ئو ت م تارىخىدىكى مىسلىسىز كاتتا جەم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.  

    بۇ، ئو ت م دۇنياغا كەلگەن 112 يىلدىن بۇيان دۇنيا بويىچە نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەتكە تۇنجى قېتىم قەدەم تەشرىپ قىلىشى. ئىنسانىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىقى، دوستلۇقى ۋە تىنچلىقىنىڭ سىمۋولى بولغان ئو ت م نىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ 100 يىللىق ئارمىنىنىڭ ئىشقا ئاشقانلىقى شۇنداقلا 5000 يىللىق تارىخقا ئىگە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ دۇنيا بىلەن قىزغىن قۇچاغلاشقانلىقى بولۇپ، ئولىمپىك ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەڭگۈلۈك تىنچلىق بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق گۈللەنگەن، ئىناق دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقۇسى.

   بېيجىڭ ئو ت م 8 – ئاۋغۇست باشلىنىپ، 24 – ئاۋغۇست ئاخىرلىشىدۇ، دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەر 28 چوڭ تۈردىكى 302 ئالتۇن مېدالنى كەسكىن تالىشىدۇ. ئالدىنقى ئۈچنىڭ قاتارىغا كىرگەنلەر جۇڭگونىڭ قاشتېشى تۇتۇلغان ئۆزگىچە ئالتۇن، كۈمۈش، مىس مېدالى بىلەن تارتۇقلىنىدۇ.

   مۇسابىقىگە 205 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 16مىڭ تەنھەرىكەتچى قاتنىشىدۇ، ئۇرۇشنىڭ دەردىنى يەتكىچە تارتقان ئىراقمۇ ئاخىرى مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. بۇ، ئو ت م تارىخىدىكى قاتناشقان ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەڭ كۆپ ئو ت م ھېسابلىنىدۇ. 7 مىليونغا يېقىن بېلەت تولۇق سېتىلىپ بولدى. بېيجىڭ ئو ت م نى تېلېۋىزوردىن كۆرىدىغان تاماشىبىن 4 مىلياردتىن ئېشىشى مۇمكىن.

   ساھىبخان جۇڭگونىڭ تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى تەركىبىدە 1099 كىشى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 639 ماھىر مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ، بۇ، ئىلگىرىكى ئو ت م لارغا سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگونىڭ قاتناشتۇرغان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بىر قېتىملىقى بولۇپلا قالماي، يەنە بۇ نۆۋەتلىك ئو ت م دىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى. ئۇلار تەنھەرىكەت نەتىجىسى ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىكتە قوش ھوسۇل ئېلىشقا بەل باغلىدى.

   بېيجىڭ 2001 – يىل 7 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ئو ت م ئۆتكۈزۈشنى 2  –  قېتىم ئىلتىماس قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئۆزگىچە، يۇقىرى سەۋىيىلىك ئو ت م ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، 2008 – يىلىدىكى ئاپەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئەڭ زور قىزغىنلىق ۋە ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.

   37 ئو ت م مەيدان – سارىيىنىڭ ھەممىسى پۈتتى ھەم 46 تۈردىكى ‹‹ئامەتلىك بېيجىڭ›› سىناق مۇسابىقىسىدە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ، ئەمەلىي مۇسابىقە تەييارلىقىنى پۈتكۈزدى. بېيجىڭدىكى 45 مەشىق مەيدان – سارىيىمۇ پۈتتى، ‹‹چاڭگا››، ‹‹سۇ كۇپى›› قاتارلىق مەيدان – سارايلارنىڭ پەن – تېخنىكا تەركىبى يۇقىرى، ئىقتىدارى ئىلغار بولۇپ، سەۋىيىسى ۋە سۈپىتى دەسلەپكى ۋەدىدىكىدىن ئېشىپ كەتتى.

   مەشئەل جۇمۇلاڭما چوققىسغا مۇۋەپپەقىيەتلىك يەتكۈزۈلۈپ، ئىنسانلارنىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز چوققىغا يەتكۈزۈش ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلاندى؛

   ھازىر بېيجىڭدا بىر يىل ئىچىدىكى ھاۋا سۈپىتى لاياقەتلىك كۈن سانى %70كە يەتتى، ئو ت م مەزگىلىدە بېيجىڭنىڭ ھاۋا سۈپىتىنىڭ ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؛

   ئو ت م نىڭ ئامانلىقىنى قوغداش خىزمىتى مۇھىم ئورۇنغا قويۇلدى، دۆلەت، مۇسابىقە رايونى، مەيدان – سارايدىن ئىبارەت ئۈچ قاتلاملىق قوماندانلىق مېخانىزمى ۋە رامكىسى بەرپا قىلىندى، تۈرلۈك تەھدىت ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ‹‹ئەمىن ئولىمپىك›› ئۆتكۈزۈش ۋەدىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىشەنچىمىز كامىل.

   بېيجىڭ ئو ت م باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ خىزمەت ئۆمىكى 6 – ئاۋغۇست مۇنۇلارنى جاكارلىدى: باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ تەييارلىقى پۈتتى! بېيجىڭ ئو ت م نىڭ باش ناخشىسىنى ئەنگلىيىلىك داڭلىق ناخشا چولپىنى، ‹‹ئاينۇرى ئىلاھەسى›› سارا بىرايمان بىلەن جۇڭگولۇق ناخشىچى ليۇ خۇەن بىرلىكتە ئېيتىدۇ. ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ مەيدانغا كىرىش رەت تەرتىپى 205 دۆلەت ۋە رايون ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئىسمىنىڭ خەنزۇچە خەت بىخۇا سانى بويىچە تىزىلىدۇ، ئالدىنقى ئىككى ۋەكىللەر ئۆمىكى گرىتسىيە بىلەن كېنىيە، ئەڭ ئاخىرقى ئىككى ۋەكىللەر ئۆمىكى زامبىيە بىلەن ساھىبخانا جۇڭگو.

   بېيجىڭ ئو ت م نىڭ مۇقەددەس ئوتىنى تۇتاشتۇرۇش مۇراسىمى 24 – مارت گرىتسىيىنىڭ ئولىمپىيە خارابىسىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئۇ تۆت ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە قولدىن قولغا يەتكۈزۈلۈپ، بەش قىتئە، دۇنيانىڭ ئۆگزىسى ۋە جۇڭگو زېمىنىنى يورۇتتى. ئولىمپىك مۇقەددەس مەشئىلى 3 – ئاۋغۇستتىن 5 – ئاۋغۇستقىچە سىچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى بولغان رايوندا يەتكۈزۈلدى. 6 – ئاۋغۇستتىن باشلاپ بېيجىڭدا ئۈچ كۈن يەتكۈزۈلۈپ، 8 – ئاۋغۇست كەچتە 29 – نۆۋەتلىك ئو ت م نىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا ئاساسىي مەشئەل ياندۇرۇلۇپ، مەشئەلنىڭ ئولىمپىك ھەرىكىتى ئاتا قىلغان مۇقەددەس بۇرچى ئۇتۇقلۇق تاماملىنىدۇ. 


( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ