|
شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى 39 كىشى 7 – ئاۋغۇست چۈشتە ئايروپىلانلىق بېيجىڭغا باردى. ئۇلار 8 – ئاۋغۇست كەچتە ‹‹چاڭگا›› دا بېيجىڭ ئو ت م نىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى كۆرىدۇ.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن ئىمىرباقى، ئەسقەت كەرىمباي، دۇ چىنرۈي، كې لىلارمۇ شۇ ئايروپىلاندا بېيجىڭغا باردى.
شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت مۇنداق دېدى: شىنجاڭ خەلقىگە ۋاكالىتەن بېيجىڭغا كېلىپ، بېيجىڭ ئو ت م نىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى كۆرىدىغان بولغانلىقىمىزدىن تولىمۇ شەرەپ ھېس قىلماقتىمىز.
شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدە يەنە ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى ئەمگەك نەمۇنىچىسى ۋە ئىلغار شەخستىن 20 نەچچىسى بار.
ئاپتونوم رايونلۇق تەنھەرىكەت ئىدارىسى مەشىقلەندۈرۈش 2 – چوڭ ئەترىتىنىڭ ترېنېرى لى ۋېنجيې بىلەن رۇ گۇاڭسۈي ئو ت م نىڭ مۇسابىقە مەيدانىغا چۈشۈپ باققان بولسىمۇ، ئو ت م نىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىغانىدى، ئۇلار 8 – ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلىدىغان باشلىنىش مۇراسىمىنى كۆرۈشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتىدۇ. ئۇلار: 8 – ئاۋغۇست ‹‹چاڭگا››غا قىلىدىغان سەپىرىمىز ھاياتىمىزدىكى ئۇنتۇلغۇسىز ئىش بولىدۇ، دېدى.
|