باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
     خۇ جىنتاۋ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى ئەزىز مېھمانلارنى كۈتىۋېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى
2008- 08- 08 14:59 تەڭرىتاغ تورى

     دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى ليۇ يۇڭچىڭ 8 – ئاۋغۇست ، بېيجىڭ ئو ت م نىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن ئەزىز مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى . 

     قارشى ئېلىش زىياپىتىدە ، خۇ جىنتاۋ تەبرىك سۆزى قىلىپ ، ئو ت م نىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

     ئۇ مۇنداق دېدى : خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى روگگې ئەپەندى ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئۆمۈرلۈك پەخرىي رەئىسى سامارىچ ئەپەندى ، ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ۋە ئوردا ۋەكىللىرى ، ھۆرمەتلىك خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ، ھەر قايسى ئەزىز مېھمانلار ، دوستلار ، پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككەن ، ھەممە كىشى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈۋاتقان 2008 – يىللىق بېيجىڭ ئو ت م نىڭ باشلىنىش مۇراسىمى بۈگۈن (8 – ئاۋغۇست)كەچتە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ . مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن ئەزىز مېھمانلارنىڭ بېيجىڭ ئو ت م گە قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن .

      بېيجىڭ ئو ت نى ئىلتىماس قىلىش ۋە تەييارلىق قىلىش جەريانىدا ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقنىڭ سەمىمىي ياردىمىگە شۇنداقلا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە ئولىمپىك چوڭ ئائىلىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتى . بۇ يەردە مەن ، سىلەرگە ھەمدە سىلەر ئارقىلىق بېيجىڭ ئو ت م  ئۈچۈن تۆھپە قوشقان كىشلەرگە سەمىمىي رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمەن .

    مەن بۈگۈنكى جەم بولۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارنى سەمىمىي ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن . دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ چوڭقۇر مېھر – مۇھەببىتىنى جۇڭگو خەلقى مەڭگۈ ئەستىن چىقارمايدۇ !   

      ئەپەندىلەر ، خانىملار ، دوستلار:

     ئو ت م نى ئۆتكۈزۈش جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ يۈز يىللىق ئارزۇسى ، شۇنداقلا پۈتكۈل جۇڭخۇا ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى . 2001 – يىلى بېيجىڭنىڭ 29 – نۆۋەتلىك ئو ت م نى ئۆتكۈزۈش ئىلتىماسى تەستىقلاندىن بۇيان ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ ، ‹‹يېشىل ئولىمپىك ، پەن – تېخنىكا ئولىمپىكى ، ئىنسانىيەت ئولىمپىكى››دىن ئىبارەت ئولىمپىك ئىدىيىسىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ ، بارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىدى. مەن ئىشىنىمەنكى ، بىز چوقۇم ئورتاق ھالدا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ، يۇقىرى سەۋىيىلىك بېيجىڭ ئو ت م نى ئۆتكۈزىمىز .

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ