|
پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككەن ، جۇڭگو خەلقى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەن دۇنياۋى كاتتا مەرىكە —2008 – يىللىق بېيجىڭ ئو ت م نىڭ باشلىنىش مۇراسىمى بۈگۈن (8 – ئاۋغۇست) كەچ سائەت 8 دە باشلىنىدۇ . بۇ مۇناسىۋەت بىلەن چەت ئەل رەھبەرلىرى جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنياۋى كاتتا مەرىكىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئارقا – ئارقىدىن بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى .
دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 7 – ئاۋغۇست بېيجىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا ، بېيجىڭ ئو ت م نىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ۋە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن ئالجىرىيە ، ۋېيتنام ، چاۋشىيەن ، سرىلانكا ، قازاقىستان ، شەرقىي تمور قاتارلىق چەت ئەل رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بېيجىڭ ئو ت م نىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
خۇ جىنتاۋ ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقىنىڭ جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ ئو ت م نى يېقىندىن قوللىغانلىقىغا چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈردى ۋە ھەر قايسى دۆلەتتىن كەلگەن تەنھەرىكەتچى ئەزىمەتلەرنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقە مەيدانىدا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىلەكداشلىق بىلدۈردى . خۇ جىنتاۋ يەنە جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقنىڭ جۇڭگودىكى ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۈچرىغان سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۈەن ناھىيىسىنى قىممەتلىك ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى .
بېيجىڭ ئو ت م نىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ۋە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن ھەر قايسى دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى جۇڭگونىڭ 2008 – يىللىق بېيجىڭ ئو ت م نى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا يۇقىرى باھا بەردى ھەمدە بېيجىڭ ئو ت م نىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى .
كۆرۈشۈشتە ، خۇ جىنتاۋ مۇناسىۋەتلىك دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بولىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى .

خۇ جىنتاۋ ئالجىرىيە زۇڭتۇڭى باۋتېفلايكا بىلەن كۆرۈشتى

خۇ جىنتاۋ ۋېيتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى رۇەنمىڭجې بىلەن كۆرۈشتى

خۇ جىنتاۋ چاۋشيەن ئەڭ ئالىي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم يوڭنەن بىلەن كۆرۈشتى

خۇ جىنتاۋ قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايوف بىلەن كۆرۈشتى

خۇ جىنتاۋ سرىلانكا زۇڭتۇڭى راجاپاكس بىلەن كۆرۈشتى

خۇ جىنتاۋ شەرقىي تمور زۇڭتۇڭى ھورتا بىلەن كۆرۈشتى
|