باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
دۆلەت مەمۇرلىرى ئىدارىسى قۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى
2008- 08- 07 16:54 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. دۆلەت مەمۇرلىرى ئىدارىسى يېقىندا ئىدارە قۇرۇش يىغىنى ئاچتى، بۇ دۆلەت مەمۇرلىرى ئىدارىسى قۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغانلىقىدىن، خىزمەتنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، يېڭىدىن قۇرۇلغان دۆلەت مەمۇرلىرى ئىدارىسى بىرنەچچە تۈرلۈك خىزمەت فۇنكسىيىسىنى كۆپەيتكەن.

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ ئىدارە مۇئاۋىن مىنىستىرلىك دەرىجىلىك ئىدارە بولۇپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكى باشقۇرىدىكەن، ئىچكى قىسمىدا بەش ئاپپارات يەنى ئۇنىۋېرسال مەھكىمە، خىزمەت ئورنىنى باشقۇرۇش مەھكىمىسى، ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش مەھكىمىسى، باھالاش –  مۇكاپاتلاش مەھكىمىسى، تەربىيىلەش ۋە نازارەت قىلىش مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. خىزمەتچىلەر شتاتى 60 بولۇپ، ھازىر ھەممىسى سەپلىنىپ بولغان.

   دۆلەت مەمۇرلىرى ئىدارىسى يەنە ئىلگىرىكى مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ تولۇقلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى خىزمەت ساھەسىنى كېڭەيتتى:

   يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان مەمۇرلارنى سىناپ ئىشلىتىش مەزگىلىدە باشقۇرۇش چارىسى تۈزۈش مەسئۇلىيىتى قوشۇلدى.

   كەسپىي ئورۇن خىزمەتچىلىرىنى مەمۇرلار قانۇنىدىن پايدىلىنىپ باشقۇرۇش چارىسى تۈزۈش ھەم يولغا قويۇشقا تەشكىللەش ۋە نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈش، مەمۇرلار قانۇنى بويىچە باشقۇرىدىغان ئورۇنلارنىڭ خادىملىرىنى ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇش مەسئۇلىيىتى قوشۇلدى.

   تەكلىپلىك تەيىنلەش تۈزۈمىدىكى مەمۇرلارنى باشقۇرۇش چارىسىنى تۈزۈش ھەم يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىش –  تەكشۈرۈشكە تەشكىللەش، تەكلىپلىك تەيىنلەش تۈزۈمىدىكى مەمۇرلارنىڭ كادىرلار ئىشلىرى ماجىرالىرىغا كېسىم چىقىرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەكلىپلىك تەيىنلەش تۈزۈمىدىكى مەمۇرلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق  – مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتى قوشۇلدى.

   دۆلەتنىڭ شان –  شەرىپى تۈزۈمىنى تۈزۈش مەسئۇلىيىتى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ دۆلەتنىڭ شان –  شەرىپى تۈزۈمى لايىھىسىنى تۈزۈش ھەم يولغا قويۇشقا تەشكىللەش، مەمۇرلارغا شەرەپ نامى بېرىشكە مەسئۇل بولۇش قوشۇلدى.

    مەمۇرلارنى كۈندىلىك تىزىملاپ باشقۇرۇش چارىسىنى تۈزۈش، مەركەزدىكى دۆلەت ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇلارغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى مەمۇرلارنى تىزىملاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇش قوشۇلدى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ