|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتقان بېيجىڭ ئو ت م 8 – ئاۋغۇست باشلىنىدۇ، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ يېڭى ئەلچىخانىسىمۇ شۇ كۈنى ئېچىلىدۇ. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇش يېڭى ئەلچىخانىنىڭ لېنتىسىنى كېسىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.
يېڭى ئەلچىخانىغا 434 مىليون دوللار سەرپ قىلىنغان بولۇپ، تەخمىنەن تۆت گېكتار يەرنى ئىگىلىگەن، كۆلىمى ئامېرىكىنىڭ باغدادتىكى ئەلچىخانىسىدىن قالسىلا 2 – ئورۇندا تۇرىدۇ. يېڭى ئەلچىخانىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 8 – ئاۋغۇست سائەت 8 دىن 8 مىنۇت ئۆتكەندە ئۆتكۈزۈلىدۇ، لېنتا كېسىش مۇراسىمى ئۇنىڭ بىر قىسمى.
يېڭى ئەلچىخانىنىڭ ئېچىلىشى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىدىكى 1000دىن ئارتۇق خىزمەتچى خادىمنىڭ تۇنجى قېتىم بىرگەۋدىلەشكەن سورۇندا خىزمەت قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھازىر ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى ئاپپاراتى 26 گە كۆپەيگەن، خادىملىرى 1100 دىن ئاشقان بولسىمۇ، يەنىلا 22 ئورۇندا تارقاق ئىش بېجىرمەكتە.
|