|
پارتىيە 17 –قۇرۇلتىيىدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۇنجى قېتىم خىزمەت دوكلاتىغا كىرگۈزۈلدى ھەم 2020 – يىلىغا بارغاندا ئېلىمىزنى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ياخشى دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش كۈرەش نىشانى توغرىسىدىكى يېڭى تەلەپ. بىراق، مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش ئاسانلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس، بولۇپمۇ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى بەرپا قىلىشتا، كىشىلەرنىڭ ئېكولوگىيە ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ۋە ئۇلاردا ئېكولوگىيە مەدەنىيەت قارىشى، قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇپ، نەچچە ئەۋلادنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ.
ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ بىر شەكلى، ئۇنىڭدا ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش ئاساسىي مەقسەت، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئاساس، كەلگۈسى ئىنسانلارنىڭ داۋاملىق تەرەققىياتى ئاساسلىق نىشان قىلىنىدۇ. بۇ خىل مەدەنىيلىك قارىشى كىشىلەرنىڭ ئاڭلىقلىقى ۋە تەلەپچانلىقىنى تەكىتلەيدۇ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئۆزئارا بېقىنىشچانلىقىنى، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۇشچانلىقىنى، ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ بىرىكىشچانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
ئالتاي تېغى دۆلەت ئىلكىدىكى ئورمانلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى كونكرېت خىزمەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ئىنچىكە نۇقتىلاردىن باشلاپ، ئىدىيە تارقىتىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتۈشىدىكى نۇقتا ئۈستىدە ئىزدەندى، بۇ خىل ئىزدىنىش شۈبھىسىزكى ئاكتىپ، شۇنداقلا مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ.
|