|
ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن بۇلتۇر 11 – ئايدا رەسمىي قاتناش باشلانغان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 2 – قۇملۇق تاشيولى ––– ئارال – خوتەن قۇملۇق تاشيولىدا بۇ يىل 1 – سېنتەبىردىن باشلاپ يول يۈرۈش ھەققى ئېلىنىدىكەن.
شىنجاڭنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى ئارال – خوتەن قۇملۇق تاشيولى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 2 – قۇملۇق تاشيولى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 424 كىلومېتىر، تاشيول دەرىجىسى 2 – دەرىجە، سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 790 مىليون يۈەن ئەتراپىدا. ئومۇمىي لىنىيىدە بىر ئاساسىي لىنىيە ھەق ئېلىش پونكىتى ––– ئارال ھەق ئېلىش پونكىتى تەسىس قىلىندى. ھەق ئېلىش مۇددىتى بۇ يىل 1 – سېنتەبىردىن باشلاپ ۋاقتىنچە 20 يىل قىلىپ بېكىتىلدى. ئېلىنغان ئاپتوموبىل يۈرۈش ھەققىگە قارىتا كىرىم – چىقىمنى ئايرىۋېتىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، مالىيە مەخسۇس ئىسچوتىغا كىرگۈزۈلۈپ باشقۇرۇلۇپ، مەخسۇس تاشيول قۇرۇلۇشى قەرز پۇلىنىڭ دىرى ۋە ئۆسۈمىنى قايتۇرۇش، شۇنداقلا ترانسىپورت، يول ئاسراش خىراجىتى ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلىتىلىدۇ.
|