باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئالتاي تېغى دۆلەت ئىلكىدىكى ئورمانلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئېكولوگىيىلىك مەدەنىيلىكنى تەشەببۇس قىلدى
2008- 08- 07 16:41 شىنجاڭ گېزىتى

    مەن 7 – ئاينىڭ بېشىدا ئالتاي تېغى دۆلەت ئىلكىدىكى ئورمانلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنى زىيارەت قىلغاندا، ياپيېشىللىققا پۈركەنگەن ئىدارە – ئورگان ھويلىسىغا سىبېرىيە بال قارىغىيى، سىبېرىيە شەمشادى، سىبېرىيە قىزىل قارغىيى، سىبېرىيە ئاق شەمشادى، تۈگىنەك شاخلىق قېيىن قاتارلىق ئالتاي تېغىدىكى ئاساسلىق دەرەخلەر تىكىلگەندىن سىرت، يەنە چوڭ يوپۇرماقلىق ئەرمۇدۇن، ياۋروپا دۇب دەرىخى،گىنال ئىرەن دەرىخى، موڭغۇلىيە قارىغىيى قاتارلىق ئۆزلەشتۈرۈلگەن دەرەخلەرنىڭ تىكىلگەنلىكىنى ھەم ھويلىغا ئېرتىش دەرياسىدىن ئېلىپ كېلىنگەن چوڭ – كىچىكلىكى مۇۋاپىق تاشلار قويۇلۇپ، ئۇنىڭغا بۇ دەل – دەرەخلەرنىڭ قايسى كىلاس، قايسى ئائىلىگە تەۋەلىكى ئويۇلغانلىقىنى كۆردۈم. بۇ مەزكۇر ئىدارىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى تەشەببۇس قىلغانلىقىنىڭ كارتىنىسى ئىدى.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالتاي تېغى دۆلەت ئىلكىدىكى ئورمانلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، ئالتاي تېغى ئورمان رايونى ئېكولوگىيە ئىقتىدارى ۋە مەدەنىيەت مەزمۇنىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئورمانچىلىق مەيدانى خىزمەتچىلىرىنى ‹‹تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى ھەقىقىي سۆيۈش›› ئېكولوگىيە قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ‹‹ئورمانلىققا بېرىش، تەبىئەتكە يېقىنلىشىش›› ئېكولوگىيە ئىدىيىسىنى تەشەببۇس قىلدى. بولۇپمۇ پارتىيە 17 –  قۇرۇلتىيىدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيىسى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، بۇ ئىدارە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ مەزمۇنىنى ئورمانچىلىق خىزمىتىدىكى ئىنچىكە نۇقتىلار ئارقىلىق نامايان قىلىشقا  يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، چوڭ ئورمانلىقتىن تارتىپ بىر تۈپ دەرەخكىچە، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى نامايان قىلىشقا كۈچىدى.

   مەن قابا، بۇرچىن، ئالتاي قاتارلىق جايلاردىكى ئورمانچىلىق مەيدانلىرىدا زىيارەتتە بولغىنىمدا، يىراقتىنلا قوغداش مەيدانىنىڭ ئالدىدا ‹‹ئورمان ئوت مۇداپىئەسى›› دېگەن خەت يېزىلغان بايراقنىڭ ئېگىزدە لەپىلدەپ تۇرغانلىقىنى، يەنە بىر ئەسكەرتىش تاختىسىغا قايسى ۋاقىتتا ئوت ئاپىتىنىڭ كۆپ يۈز بېرىدىغانلىقى، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش توغرىسىدىكى مەزمۇنلار يېزىلغانلىقىنى كۆردۈم. بۇ ئالتاي تېغى دۆلەت ئىلكىدىكى ئورمانلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ بىر قىسمى. ئىدارە باشلىقى جۇ جېنشۆ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەن ياپونىيىگە تەكشۈرۈشكە بارغاندا ئالغان تەسىراتىمغا ئاساسەن، بۇ ئۇسۇلنى يولغا قويدۇم. ئورمانچىلىق مەيدانلىرىغا ئوت مۇداپىئە بايرىقىنى تىكىپ قويغاندا، ساياھەتچىلەرنىڭ ئوت مۇداپىئە ئېڭىنى كۈچەيتكىلى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تاسادىپىي ئوت ئاپىتى يۈز بەرسە، تېزدىن ئورمانچىلىق تارماقلىرىغا خەۋەر قىلىپ، زىياننى ئازايتقىلى بولىدۇ.

   بۇ ئىدارە ھەر يىلى شەھەر، بازار، يېزا، كەنت ئورمانچىلىق رايونىدا ‹‹ئورمان بايلىقىنى قوغداش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىگە ئىنتىلىش››نى ئاساسلىق مەزمۇن قىلغان تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، جەمئىيەتتە زور تەسىر پەيدا قىلدى. ئىدارە يەنە 900 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، مەزمۇنى يېڭى، ئادىمىيلىك مەزمۇنىغا باي، چوڭ تىپتىكى رەڭلىك تەشۋىقات تاختىسىدىن 60 نى ياسىتىپ، ئورمان رايونىدىكى ئاساسلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى ۋە يول بويىغا قويۇپ، ياخشى زامانىۋى ئورمانچىلىقنىڭ يېڭى ئوبرازىنى تىكلىدى.

   بۇ ئىدارە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئۇل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جيادېڭگۇ دۆلەت ئورمان باغچىسى، ئاققابا دۆلەت ئورمان باغچىسى، شياۋدۇڭگو ئورمان باغچىسى قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق قۇرۇپ، كەلگۈسىدە بۇ ئورمان باغچىسىنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تەربىيىسى ئۈلگە بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى نىشانلىدى، ساياھەتچىلەرنى تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلاندۇرۇش بىلەن بىللە، ئۇلاردا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى خاراكتېرىنى يېتىلدۈردى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ