|
تۇرسۇن ھېكىم
ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، بىر تەرەپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، نامراتلارنى يۆلەش بويىچە پۇل – مال ئىئانە قىلىشقا ۋەدە بەرگەن، قوبۇل قىلغۇچى ئۇنى قوبۇل قىلغانلىق توغرىسىدا ئېنىق ئىپادە بىلدۈرگەن ئەھۋالدا، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانۇنلۇق ھەدىيە توختامى شەكىللەنگەن بولىدۇ. شۇڭا ئىككى تەرەپ ھەدىيە توختامىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى ھەم مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىم. ئۇنى خالىغانچە ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بولمايدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب:
1. ‹‹توختام قانۇنى››نىڭ 6 –، 8 – ماددىلىرىدا ‹‹ئالاقىدارلار ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغاندا سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك››، ‹‹قانۇن بويىچە شەكىللەنگەن توختام ئالاقىدارلارنى قانۇن بويىچە چەكلەش كۈچىگە ئىگە، ئالاقىدارلار مەجبۇرىيىتىنى پۈتۈشكىنى بويىچە ئادا قىلىشى لازىم، ئۇنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە ياكى توختامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بولمايدۇ، قانۇن بويىچە شەكىللەنگەن توختامنى قانۇن قوغدايدۇ›› دەپ بەلگىلەنگەن. شۇڭا ئىئانە قىلغۇچى قانۇن بويىچە شەكىللەنگەن توختامنى ئۆزى خالىغانچە بىكار قىلىۋەتسە بولمايدۇ.
2. ھەدىيە توختامى ھەدىيە قىلغۇچى مال – مۈلكىنى ھەدىيىنى قوبۇل قىلغۇچىغا ھەقسىز بېرىدىغان، ھەدىيىنى قوبۇل قىلغۇچى ھەدىيىنى قوبۇل قىلىمەن دېگەندىن كېيىن شەكىللىنىدىغان توختام. ‹‹توختام قانۇنى››نىڭ 186 – ماددىسىدا ‹‹ھەدىيە قىلغۇچى ھەدىيە قىلغان مال – مۈلۈك ھوقۇقى يۆتكىلىشتىن ئىلگىرى ھەدىيە قىلىشتىن يېنىۋالسا بولىدۇ. بىراق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، ئەخلاق – مەجبۇرىيەت خاراكتېرىدىكى ھەدىيە توختامى ياكى جامائەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ھەدىيە توختامى قاتارلىقلارغا ئالدىنقى تارماق تەتبىقلانمايدۇ››، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، نامراتلارنى يۆلەشكە ئىئانە قىلىش بويىچە شەكىللەنگەن ھەدىيە توختامىنىڭ خاراكتېرى ئالاھىدە بولغاچقا، ھەدىيە قىلغۇچى ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتەلمەيدۇ.
3. ‹‹توختام قانۇنى››نىڭ 188 – ماددىسىدا ‹‹ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، ئەخلاق – مەجبۇرىيەت خاراكتېرىگە ئىگە ھەدىيە توختامى ياكى جامائەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ھەدىيە توختامىنى ئىجرا قىلىشتا ھەدىيە قىلغۇچى ھەدىيە قىلىشقا ۋەدە قىلغان پۇل – مالنى تاپشۇرمىسا، قوبۇل قىلغۇچى قانۇن بويىچە تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق››، دەپ بەلگىلەنگەن. شۇڭا، ئىئانە قىلغۇچى ھەدىيە قىلغان پۇل – مالنى تاپشۇرماي ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلغان ئەھۋالدا، ھەدىيىنى قوبۇل قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ، ھەدىيە قىلغان پۇلنى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
|