باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئەڭ ئىشەنچلىك ۋەدە
2008- 08- 06 10:54 شىنجاڭ گېزىتى

  ۋېن جياباۋنىڭ جى شيەنلىن، چيەن شۆسېن ۋە خې زېخۇيلار بىلەن سەمىمىي كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا

    8– ئاي كىرىشى بىلەن بېيجىڭ شەھىرى تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كەتتى، ھەممىلا يەر ئو ت م نى كۈتۈۋېلىش خۇشاللىقىغا چۆمدى.

   ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ 2 – ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن دۆلىتىمىزنىڭ پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت –  مائارىپ ئىشلىرىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان پېشقەدەملەردىن جى شيەنلىن، چيەن شۆسېن ۋە خې زېخۇينى ئالايىتەن يوقلاپ، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

ئاپەت مىللەتنىڭ ئىرادىسىنى چېنىقتۇرىدۇ

    جى ئاقساقال، تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى ئالدىن تەبرىكلەپ كەلدىم، – دېدى ۋېن جياباۋ ئازادلىق ئارمىيە باش دوختۇرخانىسى كېسەلخانىسىدا جى شيەنلىن ئەپەندىنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ.

   جى شيەنلىن دۆلىتىمىزدىن چىققان داڭلىق تەرجىمان، ئەدىب ۋە مائارىپچى. ئۇ ئىنگلىز تىلى، گېرمان تىلى، سانسكرىت تىلى، ۋېدا تىلى، پالى تىلى، توخار تىلىنى پىششىق بىلىدۇ، ئۇ يەنە فرانسۇزچە، رۇسچە كىتابلارنى ئوقۇيالايدۇ. ئۇ ئىلگىرى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇزاق يىل دەرس بەرگەن بولۇپ، تىلشۇناسلىق، كۇلتۇرولوگىيە، تارىخشۇناسلىق، بۇددىزملىق، ئىندولوگىيە ۋە سېلىشتۇرما ئەدەبىيات جەھەتلەردە مول بىلىمگە ئىگە. جۇڭگو ۋە غەرب مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغان جى شيەنلىن ئەپەندى 6 – ئاۋغۇست 97 ياشقا كىرىدۇ.

    بۇ ۋېن جياباۋنىڭ جى شيەنلىن ئەپەندىنى 2003 – يىلىدىن بۇيان 5 – قېتىم يوقلاپ كېلىشى بولۇپ، بۇ ئىككى قەدىناس ھەر قېتىم كۆرۈشكەندە، سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆڭۈللۈك پاراڭلىشىدۇ.

    كېسەلخانا ئىچى ئازادە ھەم يورۇق بولۇپ، جى شيەنلىن جۇڭگوچە پاسوندىكى ئاقۇش كۈلرەڭ كىيىم كىيىۋالغانىدى.

    يەنە نەچچە كۈندىن كېيىن ئالدىراش بولۇپ كېتىمەن، شۇڭا تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى ئالدىن تەبرىكلەپ كەلدىم، – دېدى ۋېن جياباۋ جى شيەنلىن ئەپەندىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇرغاچ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: 

    ئېسىمدە قېلىشىچە، بۇ يىل 97 ياشقا كىرىسىزغۇ دەيمەن؟ ھازىرغىچە تەپەككۇرىڭىز شۇنچە ئوچۇق تۇرۇپتۇ، بۇ سىزنىڭ مېڭىڭىزنى دائىم ئىشلىتىپ تۇرغىنىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

     شۇنداق، مېڭە دېگەننى ئىشلىتىپ تۇرۇش كېرەك، گەرچە ئۆيدىن چىقمىساممۇ، ئالەمدىكى ئىشلاردىن خەۋەر تېپىپ تۇرىمەن.

   بۇ يىل ئاپەت كۆپرەك بولدى، يىل بېشىدا قار – مۇز ئاپىتى يۈز بەردى،  ‹‹12 – ماي›› يۈز بەرگەن كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتىمۇ مىسلىسىز ئاپەت بولدى.

   يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت تېز ئىنكاس قايتۇرغاچقا، ئىناۋىتى زور دەرىجىدە ئۆستى، يەرلىك خەلقمۇ ئاپەتتىن خېلى كۆپ ساۋاق ئالدى. نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى دۆلىتىمىزدە ئاپەتنىڭ يۈز بېرىشى ھەم مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى دائىم بىر – بىرىدىن ئايرىلمىدى. شۇڭا ‹‹تارىختا يۈز بەرگەن ھەر قېتىملىق چوڭ ئاپەت تارىخنىڭ ئالغا بېسىش قەدىمىنى ئىلگىرىلەتكەن››، دەيدىغان سۆز بار.

   بۇ ئېنگلىسنىڭ سۆزى – ، دېدى جى ئەپەندى. ئۇنىڭ ئىنكاسىنىڭ تېزلىكىنى كۆرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى كۈلۈشۈپ كەتتى.

   تارىخىمىز كەلكۈن، قۇرغاقچىلىق، يەر تەۋرەش قاتارلىق ئاپەتلەر بىلەن چەمبەرچاس باغلاندى. لېكىن مىللەت بۇنىڭ بىلەن توزۇپ كەتمىدى، ئەكسىچە ھەر قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا، تېخىمۇ غەيرەتكە تولدى،  –  دېدى ۋېن جياباۋ.

   جى شيەنلىن ئەپەندى ئۇنىڭ سۆزىنى تەستىقلاپ مۇنداق دېدى:

    توغرا دېدىڭىز، ئاپەت ئادەمنىڭ ئىرادىسىنى چېنىقتۇرىدۇ،  مىللەتنىڭ ئىرادىسىنىمۇ چېنىقتۇرىدۇ.

    ئو ت م باشلىنىشقا ئاز قالدى، –  دېدى ۋېن جياباۋ.

    بۇ ھەقىقەتەن چوڭ ئىش، بۇ دۇنيانىڭ جۇڭگونى ئېتىراپ قىلغىنى، – دېدى جى ئەپەندى.

    بۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئىپادىسى – ، دېدى ۋېن جياباۋ. ئۇ جى شيەنلىن ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگونىڭ يۈز يىلدىن بۇيانقى ئو ت م گە قاتنىشىش مۇساپىسىنى  ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ يەنە:
 تەنھەرىكەت ئىشلىرىنىڭ كۈچەيگەنلىكى مىللەتنىڭ كۈچەيگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى – ، دېدى.

    ھازىر دۆلەت رەھبىرى بولۇش ئاسان ئەمەس، ئەنسىز زاماننى تۈزەش ئوڭاي بولسىمۇ تىنچ زاماننى باشقۇرۇش تەس، دۆلىتىمىزگە ئوخشاش چوڭ دۆلەتنى باشقۇرۇش تېخىمۇ تەس، –  دېدى جى شيەنلىن ئەپەندى.
زۇڭلى ۋېن جياباۋ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولغاندەك:

   ‹‹ھەممە تىنچتەك تۇيۇلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئويلىمىغان خەۋپلەر يوشۇرۇنغان بولىدۇ››، دېگەن سۆزنى دائىم ئويلاپ قالىمەن. بىزدە ھەر ۋاقىت ئەندىشە قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلار مەۋجۇت، شۇڭا قىلچە بىخەستەلىك قىلىشقا بولمايدۇ، – دېدى.

  ۋېن جياباۋ سۆزىنى ئاياغلاشتۇرۇپ ئورنىدىن تۇردى، ئۇ جى ئاقساقالنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ:

    بولدى، ئورنىڭىزدىن تۇرماڭ، كېلەر يىلى سىزنى يەنە يوقلاپ كېلىمەن، –  دېدى.

   دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىنى پېشقەدەم ئالىملارنىڭ  تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ

   جى شيەنلىن ئەپەندىدىن تۆت ئايلىق كىچىك چيەن شۆسېن جۇڭگونىڭ ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسىنىڭ ئاساسىنى سالغۇچى، دۆلەتكە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان ئالىم.

   چيەن ئاقساقال، سىزنى يوقلاپ كەلدىم، كۆرۈشمىگىلى بىر يىل بوپتۇ، –  دېدى ۋېن جياباۋ چيەن شۆسېننىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ، كارىۋاتقا يانچە يۆلىنىپ ئولتۇرغان چيەن شۆسېنغا.

    سىلەر ئالدىراش تۇرساڭلار، –  دېدى چيەن شۆسېن. ئۇ ياشىنىپ قالسىمۇ، ئىنكاسى ناھايىتى تېز ئىدى.

   20 –  ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرى چيەن شۆسېن جۇڭگو پەن – تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان چاغلاردا، ۋېن جياباۋ مەركەزدە پەن  – تېخنىكا خىزمىتىنى باشقۇراتتى. ئۇ ئىلگىرى چيەن شۆسېننىڭ ئىشخانىسىغا بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلغان ھەم چيەن شۆسېن بىلەن كۆپ قېتىم خەت ئالاقىسى قىلىپ، قۇمچىلىق ۋە ماتېماتىكا  جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنى بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلغانىدى. چيەن شۆسېن 1993 – يىلى يازغان بىر پارچە خېتىدە ‹‹ يىرىك خىمىيە سانائىتى›› ۋە ‹‹يەر ئاستى خىمىيە سانائىتى›› توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەينى يىللاردا گېئو قېزىلما بايلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ۋېن جياباۋ بىلەن ئورتاقلاشقانىدى. ۋېن جياباۋ جاۋاب خېتىدە چيەن شۆسېننىڭ تەسەۋۋۇرىغا تولۇق قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەم ‹‹مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر قىسىم چوڭ ئىستراتېگىيىلىك مەسىلىلەر دىققەت – ئېتىبارنى قوزغاش كېرەك››، دەپ قارىغان، مۇتەخەسسىسلەرنى چيەن شۆسېنگە ماتېرىيال توپلاپ بېرىشكە تەشكىللىگەن شۇنداقلا چيەن شۆسېنگە دۆلەت ئۈچۈن ئامان – ئېسەن تۇرۇشنى تاپىلىغانىدى. 

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ۋېن جياباۋ چيەن ئاقساقالنى كۆپ قېتىم  يوقلاپ كېلىپ، ئۇنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆھپىسى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى تەرىپلىدى ھەم ئۇنىڭغا ھۆرمىتىنى بىلدۈردى. چيەن شۆسېن ئەينى ۋاقىتتا ۋېن جياباۋغا: ‹‹بىرىنچىدىن، ئالىي مەكتەپلەردە جەزمەن تالانتلىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش كېرەك. ئىككىنچىدىن، مەكتەپ تەربىيىسىدە پەن – تېخنىكا بىلەن مەدەنىيەت – سەنئەتنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك، يەنى تەبىئىي پەن ئۆگەنگەنلەر مەدەنىيەت – سەنئەتنى ئاز – تولا بىلىشى، ئىجتىمائىي پەن ئۆگەنگەنلەر تەبىئىي پەننى ئاز – تولا بىلىشى كېرەك››، دېگەن ئىككى تەكلىپ بەرگەنىدى. ۋېن جياباۋ ئۇنىڭ پىكرىگە قوشۇلغان ھەم مەكتەپ، سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق سورۇنلاردا چيەن ئاقساقالنىڭ تەكلىپىنى تونۇشتۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىغانىدى.

   دۆلەتنىڭ ئىشلىرى قانداقراق؟ – دەپ سورىدى چيەن شۆسېن يېنىدا ئولتۇرغان زۇڭلى ۋېن جياباۋدىن.

   دۆلەتنىڭ ئىشلىرى جايىدا كېتىۋاتىدۇ. شۇغىنىسى بۇ يىل ئاپەت كۆپرەك بولدى، يېقىندا  كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەردى، ھازىر بىز ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ھەممىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇپ بولدۇق، – دېدى ۋېن جياباۋ.

    ياخشى قىلىۋاتىسىلەر.

   بۇ پېشقەدەم ئالىملارنىڭ ئون نەچچە يىل كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ مەھسۇلى.

   بىزنىڭ پەن  – تېخنىكىمىزنى تەرەققىي قىلغان ئەللەرگە سېلىشتۇرغاندا، پەرق يەنىلا ناھايىتى چوڭ.

    توغرا دەيسىز، بىز بەزى ئاچقۇچلۇق پەن  –  تېخنىكا ساھەسىدە ئارقىدا قالدۇق، يەنە تىرىشىشىمىز كېرەك، –  دېدى ۋېن جياباۋ سەمىمىيلىك بىلەن.

   ياش ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش چيەن شۆسېن ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلە ئىدى. ۋېن جياباۋ چيەن ئاقساقالنىڭ قولىنى ئاستا تۇتۇپ تۇرۇپ:

    سىز تاپىلىغان نەچچە ئىشنى ئەستە چىڭ ساقلايمىز. بىرىنچىسى، جۇڭگونىڭ پەن – تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز؛ ئىككىنچىسى، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەشكە، بولۇپمۇ ياش ئىختىساسلىقلار ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىمىز، –  دېدى.

   ۋېن جياباۋ چيەن شۆسېننىڭ خوتۇنى جياڭ يىڭدىن چيەن ئاقساقالنىڭ يېمەك – ئىچمەك، كۈندىلىك تۇرمۇش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈردى. جياڭ يىڭ:

    ئۇنىڭ تامىقى، ئۇيقۇسى ياخشى، ئۇ دېگەن گەپ ئاڭلايدىغان بىمار، – دېدى. بۇنىڭ بىلەن ئۆي ئىچىدە كۈلكە  كۆتۈرۈلدى....

ياشلار سىزدىن ئۆگىنىشى كېرەك

   94 ياشقا كىرگەن يادرو فىزىكا ئالىمى، ئاكادېمىك خې زېخۇي ‹‹جۇڭگونىڭ ئاتوم ئاتىسى›› چيەن سەنچياڭنىڭ خوتۇنى ھەم دۆلىتىمىزدە يادرو فىزىكا تەتقىقات خىزمىتى بىلەن ئەڭ بالدۇر شۇغۇللانغان ئايال ئالىم. ئۇ ئىلگىرى چيەن سەنچياڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇران يادروسىنىڭ ئۈچكە بۆلۈنۈشى، تۆتكە بۆلۈنۈشى ھادىسىسىنى بايقىغان، ئۇنىڭ ‹‹جۇڭگودىكى كيورى خانىم›› دېگەن نامى بار.

   ۋېن جياباۋنىڭ چيەن سەنچياڭ  ۋە ئۇنىڭ  خوتۇن بىلەن بولغان ئالاقىسى 20 – ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىنىڭ بېشىدا باشلانغانىدى. ئۇ چاغدا ۋېن جياباۋ ئۇلارنى دائىم يوقلاپ كېلەتتى، چيەن سەنچياڭ ئەپەندىمۇ مەخسۇس جۇڭنەنخەيگە بېرىپ ۋېن جياباۋغا دۆلىتىمىزنىڭ يادرو سانائىتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇراتتى.

   چيەن سەنچياڭ ۋە خوتۇنى ئىزچىل ئاددىي – ساددا ياشىدى. چيەن سەنچياڭ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، خې زېخۇي خانىم  جۇڭگۈەنسۈندىكى كونا ئۆيىدە يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ياشىدى. يۇقىرىدىكىلەر ئۇنىڭ ئۆيىنى تەڭشەپ بېرىشنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئۇ چىرايلىق رەت قىلدى. ۋېن جياباۋ ئۈچ يىل بۇرۇن تاۋۇز چاغىنىدا خې زېخۇي خانىمنىڭ ئۆيىگە ئۇنى يوقلاپ كەلگەن ھەم مېڭىش ئالدىدا خې زېخۇي خانىمغا يىلدا بىر يوقلاپ كېلىمەن، دەپ ۋەدە بەرگەنىدى.

   ۋەدە ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك. بۇلتۇر يوقلاپ كەتكەندىن كېيىن، ۋېن جياباۋ بۈگۈن خې زېخۇي خانىمنى يەنە يوقلاپ كەلدى.

    ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟

   ۋېن جياباۋ خې زېخۇي خانىمنىڭ تەن سالامەتلىكىنىڭ بۇلتۇرقىدىن ياخشى بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇش بولدى.

   بۇ يىل سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم، لېكىن يىلدا بىر كېلىپ يوقلاش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنىدىم، شۇڭا بۈگۈن ۋەدەمنى ئورۇندىغىلى كەلدىم، –  دېدى ۋېن جياباۋ.

   ھازىر ئىشخانىغا بارمايدىغانسىز؟ كوچىغا كۆكتات سېتىۋېلىشقا چىقمايدىغانسىز؟ – دەپ سورىدى ۋېن جياباۋ خې خانىمنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ.

    مەن ئىنىڭىزگە ئوخشاش، سەنچياڭ ئەپەندى ھايات چېغىدىمۇ سىزنى يوقلاپ كەلگەنىدىم، ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئۇ چاغدا بۇ ئۆيدىكى كىتابلار ھازىرقىدىنمۇ كۆپ ئىدى...دېدى ۋېن جياباۋ. ئۇلار كەتكەنلەرنى ئەسلىشىپ، ئائىلە ئىشلىرىنى سۆزلەشتى، ئۆينىڭ ئىچى بىردەمدىلا كۈلكە ئاۋازىغا تولدى.

   ۋېن جياباۋ تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇدۇلدىكى ئۈستەلگە تىزىپ قويۇلغان سۈرەت جازىسىنى قولىغا ئالدى، جازىغا چيەن سەنچياڭ ۋە  خې زېخۇينىڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە چۈشكەن سۈرىتى ئېلىنغانىدى. ۋېن جياباۋ ئەستايىدىل كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن:

    سەنچياڭ ئەپەندى قازا قىلغان كۈنى كەچتە سائەت 12 دىن ئاشقاندا ئاندىن ئۇنىڭ جەسىتى بىلەن ۋىدالاشتىم، – دېدى ئۇ ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەپ،   سىز ئۆمۈر بويى ئاددىي ياشاپ، ئالىملارغا خاس خىسلىتىڭىزنى نامايان قىلدىڭىز، –  دېدى ۋېن جياباۋ سۈرەتتىكى ئاددىي كىيىنگەن خې زېخۈيگە قاراپ. ئۇ تەسىرلەنگەنىدى:

   خىسلەت دېگەن نېمە؟ ئۇ چىنلىق دېگەن گەپ، ھەقىقىي چىنلىق دېگەن شۇ. بەزىدە كاجلىق قىلىپ تۇرمۇشىڭىزغا كۆڭۈل بۆلمىدىڭىز، ئەمما سىز ھەقىقەتەن پەن – تېخنىكىنى، ۋەتەننى سۆيدىڭىز...سىز ھەقىقەتەن ئىسمى – جىسمىڭىزغا لايىق كۆزگە كۆرۈنگەن پېشقەدەم ئالىم، سىز دۆلەتنىڭ پەن – تېخنىكا ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشتىڭىز، ياشلار سىزدىن ئۆگىنىشى كېرەك، – دېدى.

    سىزنىڭ تەرىپىڭىزگە لايىق ئەمەسمەن، – دېدى خې زېخۇي كەمتەرلىك بىلەن.

   خوشلىشىش ئالدىدا، مېڭىشقا تەمشەلگەن ۋېن جياباۋ خې زېخۇينىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇزاتماقچى بولغانلىقىنى كۆرۈپ ئىككى قولى بىلەن ئۇنى يۆلەپ:

   ئورنىڭىزدىن ئالدىرىماي تۇرۇڭ، بىردەم تۇرۇۋېلىڭ......، – دېدى.

   ۋېن جياباۋ ھويلىغا چىققاندا، چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان خې زېخۇي كىتابخانىسىنىڭ دېرىزىسىنى ئېچىپ دېرىزە ئالدىدا تۇرۇپ، زۇڭلىغا قولىنى پۇلاڭلىتىپ خوشلاشتى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ