باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
چەتئەللىك مېھمانلارئو ت م غا ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كېلىشكە باشلىدى
2008- 08- 06 10:50 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. ئو ت م نىڭ كۈنسېرى يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، بېيجىڭغا بېرىپ ئو ت م غا ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدىغان چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار ئارقا – ئارقىدىن كېلىشكە باشلىدى. 4 – ئاۋغۇست گوللاندىيە، دانىيە، ئەنگلىيە، ليۇكسېمبۇرگ، قاتار قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار بېيجىڭغا كەلدى.

   دانىيە شاھزادىسى فرېدرىچ، گوللاندىيە شاھزادىسى ۋىللېم ئالېكساندېر، ئەنگلىيە مەلىكىسى ئاننې، ليۇكسېمبۇرگ كىنەزى ھېنرى ۋە ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت كاتىپى كىسىنگېر قاتارلىق ئەزىز مېھمانلار ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ بېيجىڭ پايتەخت خەلقئارا ئايروپورتىغا كەلدى. ئۇلار 29 – نۆۋەتلىك بېيجىڭ ئو ت م نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ.

   4 – ئاۋغۇست كەچتە قاتار ۋەلىئەھدى تامىم ئەل شانى ئەسلىدىكى پىلان بويىچە بېيجىڭغا كەلدى. قاتار ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان تامىم بۇنىڭدىن ئىلگىرى: بېيجىڭ ئو ت م نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى پۈتكۈل دۇنيانى تەقەززا قىلماقتا، بېيجىڭ ئو ت م نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قويۇق جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئويۇنلارنى كۆرۈشنى ئىنتايىن ئۈمىد قىلىمەن، دېگەنىدى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ