باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ دەرىجىسى دۆلەتلىك يەرمەنكىگە كۆتۈرۈلدى
2008- 08- 06 10:06 شىنجاڭ گېزىتى

     ئالدىنقى 16 –نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنى ئاپتونوم رايونىمىز ئۆز ئالدىغا ئۆتكۈزگەن ئىدى، بۇ يىلقى 17 – نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنى دۆلەت سودا مىنىستىرلىكى، جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ۋە ئاپتونوم رايونىمىز بىرلىكتە ئۆتكۈزىدىغان بولدى، بۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ دەرىجىسى ئىلگىرىكى رايونلۇق يەرمەنكىدىن دۆلەتلىك يەرمەنكىگە كۆتۈرۈلدى. بۇنى مۇخبىر 5 – ئاۋغۇست چاقىرىلغان ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە رەھبەرلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدىن ئىگىلىدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى رەھبەرلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولدى.

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە يارقىن نۇقتىلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئىلگىرىكى ئۈرۈمچى يەرمەنكىلىرىگە قارىغاندا، بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىنىڭ كۆلىمى ئەڭ چوڭ، يەرمەنكىگە قاتنىشىدىغان چەت ئەللىك سودىگەرلەر ئەڭ كۆپ ئىكەن. بۇ يىل يەرمەنكە مەيدانى كېڭەيتىلگەن بولۇپ، قۇرۇلۇش ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغان، يەرمەنكىنىڭ ئىچى – سىرتىنىڭ كۆلىمى 18 مىڭ 810 كۋادرات مېتىرغا يېتىدىكەن، ئۆلچەملىك يايما ئورنىدىن 2090 ى بار ئىكەن. دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى كارخانىلار يەرمەنكىگە قاتنىشىش ئۈچۈن قىزغىنلىق بىلەن ئۆزىنى تىزىملىتىپتۇ، ھازىر يەرمەنكىنىڭ ئىچى – سىرتىدىكى يايما ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسى سېتىلىپ بوپتۇ. بۇ نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك كارخانىچىلارنى يۈز كۆرۈشتۈرۈش، كېڭەشمە ئۆتكۈزۈش خىزمىتى داۋاملىق ياخشى ئىشلىنىپ، يەرمەنكىگە قاتناشقان سودىگەر، مەبلەغ سالغۇچىلارغا ياخشى سودىلىشىش سۇپىسى ھازىرلاپ بېرىلىدىكەن. بۇ نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ ‹‹يۇقىرى قاتلامدىكىلەر مۇنبىرى›› سودا مىنىستىرلىكى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئاساسىي تېمىسى  ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشى ۋە ھەمكارلىقى››، قوشۇمچە مۇھاكىمە تېمىسى  ‹‹رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە پۇرسىتى›› ئىكەن.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ