|
مۇھەررىر ئىلاۋىسى
جېمىنەي ناھىيىسىنىڭ ساياھەت تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مۇز تاغنى قوغدىغانلىقى تەبىئەتنى ئاسرىغانلىق ھەم ئۆز مەنپەئىتىنى قوغدىغانلىق. ساياھەتچىلىكتىن قىلىنىۋاتقان مول كىرىمدىن ۋاز كېچىش كۆز ئالدىمىزدىكى زىيان بولسىمۇ، لېكىن، ئۇ پۇقرالارغا ياخشى تۇرمۇش مۇھىتى ۋە ئۇزاق مەزگىللىك مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەر شارىدا تەبىئىي ئاپەت كۆپلەپ يۈز بېرىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تاسادىپىيلىقمۇ، مۇقەررەرلىكمۇ بار. ئىنسانىيەتنىڭ زىيادە ئېچىشى ۋە قوغداش تەدبىرىنىڭ كەمچىل بولۇشى تەبىئەتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى تېزلىتىۋەتكەچكە، تەبىئەتنىڭ جازاسىغا ئۇچراۋاتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئېڭىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، تەبىئەتنى قوغداش، تەبىئەت بىلەن ئىناق ئۆتۈش تەشەببۇسى كىشىلەرنىڭ چۈشىنىشى ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. لېكىن، بەزى جايلار گەپنى كۆپ، ئىشنى ئاز قىلىۋاتىدۇ، ھەتتا پەقەت ئىش قىلمايدىغانلارمۇ بار. جېمىنەي ناھىيىسىنىڭ مەسىلىنى ۋاقتىدا بايقاپ توغرا پوزىتسىيە تۇتۇشى ھەم ۋاقتىدا تۈزىتىشى پارتىيە ۋە خەلققە مەسئۇل بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى.
ئالتاي ۋىلايەتلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى 21 – ئىيۇل ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، جېمىنەي ناھىيە بازىرى ۋە ئەتراپتىكى رايوندىكىلەرنىڭ ئىچىدىغان سۈيىدىكى چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسىنىڭ كۆرسەتكۈچ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 20 پوئېنت تۆۋەنلەپ، دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە ئاساسەن يەتكەن. ناھىيىلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گاۋ ئەيگو مۇنداق دېدى: بۇ مۇز تاغ ساياھەت تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئېكولوگىيىنى قوغدىغانلىقنىڭ نەتىجىسى.
بايلىقى كەمچىل جېمىنەي ناھىيىسى دۆلەت نۇقتىلىق يۆلەيدىغان نامرات ناھىيە، شۇنداقلا، ئالتاي ۋىلايىتى، ھەتتا پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە سۇ بايلىقى ئىنتايىن كەمچىل ناھىيە. چەكلىك سۇ بايلىقى ناھىيە بويىچە %60 تېرىلغۇ يەرنى سۇغىرىش ۋە ئادەم، چارۋىنىڭ ئىچىشىگە ئاران كاپالەتلىك قىلالايتتى، ھەر يىلى 10 مىڭ موچە يەر قۇرۇق تاشلىۋېتىلەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ناھىيە تايىنىدىغان سۇنىڭ %80 ى ناھىيە بازىرىدىن 50 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مۇز تاغدىن ئېرىپ چۈشىدۇ. تەرەققىياتنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ھەر نۆۋەتلىك ناھىيىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بۇ ئىشتا كۆپ باش قاتۇردى. 2004 – يىلى ناھىيە مۇز تاغ بايلىقىدىن پايدىلىنىپ ساياھەت تۈرىنى يولغا قويۇپ، ناھىيىنىڭ 3 – كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قارار قىلغان. تەدبىر بەلگىلەنگەندىن كېيىن، مۇز تاغنى ئاساس قىلغان ساياھەتچىلىك خېلىلا جانلانغان، مۇز تاغقا تاشيول تۇتاشتۇرۇلغان، مۇز تاغ باغرىغا بىنا سېلىنغان، مۇز ئۆي كولانغان، ھەر يىلى 10 مىڭغا يېقىن ساياھەتچىنى جەلپ قىلغان. ئالاقىدار تارماقلار يەنە مۇز تاغ ئەتراپىغا چاڭغا تېيىلىش مەشق بازىسى سېلىشنى پىلانلىغان. مۇز تاغ ساياھەتچىلىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، مۇز تاغ ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى بۇلغىغان، مۇز تاغدىن ناھىيە بازىرىغا ئېرىپ چۈشكەن سۇنىڭ سۈپىتى يىلدىن – يىلغا ناچارلاشقان. مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىنىڭ ئەۋرىشكە ئېلىپ تەجرىبە قىلىشىچە، 2004 – يىلىدىن 2006 – يىلىغىچە ناھىيە بازىرىدىكىلەرنىڭ ئىچىدىغان سۈيىدىكى چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسى كۆرسەتكۈچى ئۆلچەمدىن ئېغىر دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن.
مۇز تاغ ساياھەتچىلىكىنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشى پۇقرالارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان، شۇنداقلا ناھىيىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىغان. بۇلتۇر 9 – ئايدا ناھىيىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، مۇز تاغنى ئاساس قىلغان بارلىق ساياھەت تۈرلىرىنى توختىتىشنى ھەم تاغنى مەڭگۈ قامال قىلىپ قوغداشنى قارار قىلدى. 21 – ئىيۇل ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، مۇز تاغ ئەتراپىغا بېرىپ، ئىلگىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان يېپىنچىلارنىڭ ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىقىنى، ئېقىن سۇنىڭ سۈزۈلگەنلىكىنى كۆردۈم. ناھىيىلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئالاقىدار تارماقلار كېيىنكى باسقۇچلۇق قوغداش، تۈزەش تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىدۇ، ھاۋانىڭ ئىسسىشى تۈپەيلىدىن، مۇز تاغنىڭ ئېرىش سۈرئىتى تېزلەشكەن بولسىمۇ، لېكىن، بىز ئۇنىڭغا سۈنئىي تەسىر كۆرسەتسەك بولمايدۇ، ئۇنى ئامالنىڭ بارىچە قوغدىشىمىز كېرەك.
|