|
قازان دەرياسى چېگرا مۇداپىئە ليەنىدىكى ئوفىتسېر–ئەسكەرلەرنىڭ خەلقنى سۆيۈش خاتىرىسى
1962 – يىلى 8 – ئايدا قۇرۇلغان بورتالا شۆبە ھەربىي رايونى قازان دەرياسى چېگرا مۇداپىئە ليەنى گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن ئىككى قېتىم ‹‹مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك ئورۇن››، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن ئىككى قېتىم ‹‹مەملىكەت بويىچە ھەر مىللەت ياشلىرى ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىلغار كوللېكتىپ›› بولۇپ تەقدىرلەندى؛ لەنجۇ ھەربىي رايونى تەرىپىدىن ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۈلگىلىك ليەن›› دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى، لەنجۇ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن 11 قېتىم ‹‹<ئىككىنى ھىمايە قىلىش>تىكى ئۈلگىلىك ئىلغار ئورۇن››، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار ئورۇن››، ‹‹لېي فېڭدىن ئۆگىنىشتىكى ئىلغار ئورۇن››، ‹‹ئاممىۋى خىزمەتتىكى ئىلغار ئورۇن››، ‹‹ئىلغار پارتىيە ياچېيكىسى›› بولۇپ تەقدىرلەندى. بىر قېتىم كوللېكتىپ 2 – دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، تۆت قېتىم كوللېكتىپ 3 – دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، دەپ ئەنگە ئېلىندى؛ سابىق پونكىت باشلىقى جاڭ يۇدې، سابىق سىياسىي يېتەكچى ليۇ شۇجۇڭ، جاڭ جىمېي قاتارلىقلار ماۋ زېدۇڭ، جياڭ زېمىن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ سەمىمىي قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى.
قەلبىگە خەلقنى پۈكۈش
بىز 22 – ئىيۇل مۇشۇ ئىلغار ليەندۈيگە كېلىپ زىيارەت قىلدۇق. پاكىز، رەتلىك گازارما رايونىدا ئېگىزلىكى 5.5 مېتىر، كەڭلىكى 8.5 مېتىر كېلىدىغان دۆلەت بايرىقى تېمى كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى؛ ئىككى تەرەپتىكى تامغا جەڭگىۋارلىق ۋە كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتىدىغان ھېكمەتلىك سۆزلەر چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، تىپىك ھەربىي مۇھىت گەۋدىلىنىپ تۇراتتى.
ليەندۈينىڭ كۆرگەزمىخانىسىدا 100 دىن ئارتۇق لەۋھە بۇ ليەندۈينىڭ شان – شەرىپىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرىنى بۇ يىل 25 – ئاپرېل بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى تەقدىم قىلغان بولۇپ، بۇ يەرنى رەتلەپ، تازىلىقىنى قىلىۋاتقان كەنجى ئوفىتسېر، بەنجاڭ تيەن خەييۈن بۇ لەۋھەنىڭ تەقدىم قىلىنىش تارىخىنى سۆزلەپ بەردى.
بۇ يىل 17 – ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، بورتالا ئوبلاستلىق پارتىيە مەكتىپىنىڭ 22 ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىسى قازان دەرياسى چېگرا مۇداپىئە ليەنىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ۋە دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى ئالغان. چۈشتىن كېيىن قايتقاندا، ليەندۈي بىلەن بولغان ئارىلىقى ئون كىلومېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان جايدا جۇدۇنغا ئۇچراپ، ئاپتوبۇس ئېھتىياتسىزلىقتىن تېيىلىپ يولدىن چىقىپ كەتكەن، يان تېلېفون سىگنالى بولمىغاچقا، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىپ، ياردەم سوراشقىمۇ ئىلاجسىز قالغان.
ليەندۈينىڭ يېتەكچىسى سۈي خېڭيىڭ مەلۇمات تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن دەرھال ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنى تەشكىللەپ، جۇدۇنغا قارىماي ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا كەلگەن، ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ توڭلاپ تىترەپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، قىلچە ئىككىلەنمەستىن پاختىلىق كىيىملىرىنى سېلىپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى يۆگىگەن. 3 – بەننىڭ بەنجاڭى ۋاڭ مىڭسېن پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ گۈرجەك بىلەن قارنى تازىلاپ يول ئاچقان، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەسكەر ليۇ ۋېنتاۋ، جاڭ جيەنچاۋلار خېيىمخەتەرگە قارىماي ئاپتوبۇس گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرغان. بىر سائەتتىن ئارتۇق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئاپتوبۇسنى ئىتتىرىپ يولغا چىقارغان. ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر داۋاملىق قوغداپ مېڭىشنى قارار قىلغان. تەخمىنەن ئىككى كىلومېتىر يۈرگەندىن كېيىن ئاپتوبۇس يەنە بىر قېتىم تېيىلىپ كېتىپ، ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر قۇتقۇزۇۋالغان؛ يەنە ئۇزاققا بارمايلا كۈچلۈك بوراندا 3 – قېتىم يولدىن چۈشۈرۈۋېتىلگەن، ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر بەلگە كېلىدىغان قاردا ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇپ خەتەردىن قۇتۇلدۇرغان، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار تەسىرلەنگەنلىكىدىن كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالغان. مەكتەپكە بىخەتەر قايتقان ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار بىر ھەپتىدىن كېيىن ئالايىتەن بۇ لەۋھەنى ئېلىپ كېلىپ تەقدىم قىلغان.
بۇنداق ئىشلارنى قازان چېگرا مۇداپىئە ليەنىدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر بەك كۆپ ئۇچراتتى.
خەلقنى كۆزلەش ئاساسىي مەقسەت
ليەندۈينىڭ مۇئاۋىن سىياسىي يېتەكچىسى بادىڭنىڭ چارۋىچى ساۋۇت كامالنى يوقلايدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ بىزمۇ بىللە باردۇق.
ساۋۇتنىڭ ئۆيى قازان دەرياسى بويىدىكى ئويمانلىققا جايلاشقانىدى. ساۋۇتنىڭ خوتۇنى رەيھانگۈل ئەتكەن چاي قىلىۋاتاتتى، ئۇ بادىڭنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇش بولدى.
ئۇ بىزگە مۇنداق دېدى: ئادەتتە ليەندۈيدىكىلەر چارۋىچىلارغا ئۇن، گۈرۈچ يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، ئۇزاق داۋاملىشىدىغان قىشتا يەنە كۆكتات يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. بۇ يىل 3 – ئايدا ئوقۇش باشلانغاندا، تۆت بالامنىڭ تاماق ۋە ياتاق ھەققىگە چىقىش قىلىپ بولالمىغاندا، ليەنجاڭ ليۇ جىنگاڭ 1500 يۈەن بەردى. بۇلتۇر قىشتا ئاغرىپ قالغىنىمدا ليەندۈينىڭ ئاپتوموبىلى ئارىشاڭ ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قويدى. كېسىلىم ساقايغاندا ليەندۈينىڭ ئاپتوموبىلى ئۆيۈمگە ئەكىلىپ قويدى. بۇ يەردە چارۋىچىلارنىڭ قايسىمىزنىڭ ئائىلىسىدە بىرەر ئىش بولسا تۇنجى بولۇپ ليەندۈينى ئويلايمىز، ليەندۈيدىكىلەر بىز چارۋىچىلارنىڭ قەلبىدىكى قېرىندىشىمىز.
چارۋىچى سالىكنىڭ ئەسلىدە 120 قويى بار بولۇپ، بىر كېچىدىلا 70 نەچچە قويىنى بۆرە يېۋىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئائىلىسى بويىچە قازان دەريا چارۋىچىلىق مەيدانىغا كۆچۈپ كېلىدۇ. ليەندۈيدىكىلەر ئۇلارنى يوقلاپ بېرىپ بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ياردەم بېرىش بويىچە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى ھەم ئۇلارنىڭ بانكىدىن قەرز ئېلىپ نەسىللىك قوي ۋە ئىنەك سېتىۋېلىشىغا ياردەم قىلدى؛ ليۇ ليەنجاڭ ئۇنىڭغا توردىن قوينى ئىلمىي ئۇسۇلدا بېقىش تېخنىكىسىغا ئائىت ماتېرىيال چۈشۈرۈپ بەردى، مۇئاۋىن ليەنجاڭ سۇڭ چىڭمىن تۇغقان يوقلاش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئالايىتەن يۇقۇم مۇداپىئە پەن تەتقىقات ئورنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا كالا، قويلاردىكى كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاشقا ئائىت كىتابلارنى ئالغاچ كەلدى.
ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ياردىمىدە سالىك بانكىدىن ئالغان قەرزىنى قايتۇرۇپلا قالماي، يەنە 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پايدا ئالدى. ئۇ ئۇچرىغانلىكى كىشىگە: ليەندۈيدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر بولمىغان بولسا ئائىلىمىزدىكىلەر بۈگۈنكىدەك ياخشى كۈنگە ئېرىشەلمىگەن بولاتتى، دەيدۇ.
ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر ھەر مىللەت چارۋىچىلىرىغا ئىلمىي باقمىچىلىق ۋە كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ساۋاتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ تۇردى، چارۋىچىلار ئۈچۈن 1200 پارچىدىن ئارتۇق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كىتابىنى ۋاكالىتەن سېتىۋېلىپ تارقىتىپ بەردى، يەرلىك ھۆكۈمەتكە ماسلىشىپ يىلدا ئىككى قارار ئىلمىي باقمىچىلىق كۇرسى ئاچتى، چارۋىچىلارغا قەرەللىك ھالدا ئىلمىي باقمىچىلىق ۋە كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاشقا ئائىت DVD پلاستىنكىسى قويۇپ بەردى. چارۋىچىلار ليەندۈينى پەن – تېخنىكا بىلىملىرى ‹‹تەشۋىقات پونكىتى›› ۋە بېيىش ئۇچۇرلىرى تارقىتىدىغان ‹‹ئۇچۇر پونكىتى›› دەپ تەرىپلەيدىغان بولدى.
ئىناقلىق ئارقىلىق چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش
ھەر يىلى ‹‹1 – ئاۋغۇست›› ئارمىيە بايرىمى ۋە يەرلىكنىڭ ئەنئەنىۋى ھېيت – بايراملىرىدا، ليەندۈي چارۋىچىلارنى ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، چېلىشىش، ئارقان تارتىشىش قاتارلىق مۇسابىقىلەرگە تەشكىللەپ، بۇ پائالىيەتلەر ئارقىلىق ھەربىي – خەلق مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرىدۇ. ‹‹پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش پروگراممىسى›› ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ليەندۈي يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن ماسلىشىپ، ‹‹رايون قائىدىسى، خەلق ئەھدىنامىسى›› تۈزدى؛ ‹‹مەدەنىي چارۋىچىلىق رايونى›› بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ‹‹مۇنەۋۋەر ئالاقىچى››، ‹‹بەشتە ياخشى ئائىلە››، ‹‹ياخشى قوشنىلار››نى باھالاپ چىقتى؛ سەييارە لېكسىيە سۆزلەش، قانۇنغا ئائىت ماتېرىيال تارقىتىش، سۆھبەت – مۇزاكىرىگە تەشكىللەش، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش رەسىم دوسكىسى ياساش، يەرلىكتىكى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرىنى دەرس ئۆتۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ‹‹ئوتلاق قانۇنى››، ‹‹جىنايى ئىشلار قانۇنى››، ‹‹نىكاھ قانۇنى›› قاتارلىق قانۇنلارنى تەشۋىق قىلدى، 3000 پارچىدىن ئارتۇق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ماتېرىيالىنى بېسىپ تارقاتتى، 53 قېتىم سەييارە قانۇن – تۈزۈم تەشۋىقاتى تەشكىللىدى، چارۋىچىلىق رايونىدا 32 يىلدىن بۇيان بىرەر قېتىممۇ جىنايى ئىشلار دېلوسى يۈز بەرمىدى.
ھەر مىللەت چارۋىچىلىرى ليەندۈي بىلەن ‹‹قازان دەرياسى ھەربىي – خەلق بىرلەشمە ئەھدىنامىسى›› ئىمزالاپ، خالىس نۆۋەتچىلىك قىلىپ، چېگرىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. ئۇلار 360 نەچچە قېتىم مۇھىم ئاخبارات يەتكۈزدى، دۆلەت چېگرىسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان 120 نەچچە كىشىنى تۇتۇشقا ياردەملەشتى، قىسىمغا ماسلىشىپ ئوغرىلىقچە قېچىپ كەتمەكچى بولغان بەش كىشىنى تۇتتى.
شۆبە ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى ياڭ خۇڭلى چوڭقۇر تەسىرات بىلەن مۇنداق دېدى: قازان دەرياسى چېگرا مۇداپىئە ليەنىدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر ھەربىي – خەلق ئىتتىپاقلىقىغا ئەزەلدىن ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، يەرلىكتىكى چارۋىچىلار بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. چەت، يىراق، چېگرىنى قوغداش شارائىتى ئىنتايىن جاپالىق بولسىمۇ، ھەربىيلەر خەلقنى سۆيۈپ، خەلق ئارمىيىنى ھىمايە قىلىپ، ھەربىي – خەلق ئورتاق پولاتتەك مۇستەھكەم قورغان قۇرماقتا.
|