|
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋەزىيىتى توغرىسىدا (2)
قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشنىڭ 1 – سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان ئاپتونوم رايونلۇق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش – قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق شتابى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ جىلياڭ بۇ يىلقى قۇرغاقچىلىق ئەھۋالى توغرىسىدا توختىتىلىپ، قۇرغاقچىلىق ئۈستىدىن جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: 30 نەچچە يىل قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىدە زور ئۆزگىرىش بولدى، بىز قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشتا ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇش قىلىش ئىدىيىسىنى چىڭ تۇرغۇزۇپ، مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، نەزەرىمىزنى كەلگۈسىگە قارىتىدىكەنمىز، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى جەزمەن قولغا كەلتۈرەلەيمىز.
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى كۈچلۈك تايانچقا ئايلاندى
جاڭ جىلياڭنىڭ ئىشەنچ بىلەن قىلغان سۆزى ھەرگىز ئاساسسىز ئېيتىلغان ئەمەس. بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈگۈن قۇرۇلۇشى بولغاچقا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇچىلىق تۈگۈنى جايلاشقان رايوندىكى دېھقانچىلىق ئېتىزلىرى بۇ قېتىمقى قۇرغاقچىلىق ئاپىتىدە ئاساسىي جەھەتتىن سۇغىرىلدى. مەسىلەن: قەشقەر دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى سۇ ئامبىرى، تېكەس دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى سۇ ئامبىرى تۆۋەن ئېقىنىدىكى سۇغىرىش رايونىغا كېرەكلىك سۇنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، تۆۋەنگە ئاقىدىغان سۇنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتتى، بۇنىڭ بىلەن سۇ ئامبىرىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى سۇغىرىلىدىغان رايوندا سۇغىرىشقا ئېھتىياجلىق سۇ ئاساسىي جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈلدى.
ئېتىز – ئېرىق ۋە سۇچىلىق ئاساسىي قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، سۇغىرىش رايونىنى ئۆزگەرتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، چوڭ – ئوتتۇراھال سۇغىرىش رايونىدا يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەر ئاساسىي جەھەتتىن مۇكەممەللىشىپ، سۇ باشلاش ئىقتىدارى ۋە پايدىلىنىدىغان ئۆستەڭ كۆپەيدى، نورمىلىق سۇغىرىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ، سۇغىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش نىسبىتى ھەقىقىي يۇقىرىلىدى. بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى بورتالا دەرياسى سۇغىرىش رايونى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى قۇتۇبى دەرياسى سۇغىرىش رايونى، ماناس دەرياسى سۇغىرىش رايونى، قەشقەر دەرياسى سۇغىرىش رايونى، قەشقەر – قاغىلىق دەرياسى سۇغىرىش رايونى قاتارلىقلار چوڭ سۇغىرىش رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغاچقا، سۇغىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش نىسبىتى يەنىمۇ ئېشىپ، بۇ يىلقى قۇرغاقچىلىق ئاپىتىدە زىرائەتلەرنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىشى ئازايتىلدى.
بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكىلەر جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىپ، ماشىنىلاشقان قۇدۇقتىن 1629 نى قازدى، ماشىنىلاشقان قۇدۇق ئارقىلىق ئېلىنىدىغان يەر ئاستى سۈيىنىڭ مىقدارى 240 مىليون كۇب مېتىرغا، سۇغىرىلىدىغان كۆلەم 2 مىليون 400 مىڭ موغا يېتىپ، شىنجاڭنىڭ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى.
قۇرغاقچىلىققا ئۇزاققىچە تاقابىل تۇرۇش، زور قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئىدىيىسى تۇرغۇزۇلدى
مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، 7 – ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاپتونوم رايونىمىزدا كەڭ دائىرىدە يامغۇر يېغىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى ئاز ئىكەن. 8 – ئايدىن 10 – ئايغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدىكەن. ئەگەر يامغۇر ياغمىسا، قۇرغاقچىلىق ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدىكەن.
بۇنىڭغا قارىتا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى 23 – ئىيۇل ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بويىچە جىددىي تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: قۇرغاقچىلىققا ئۇزاققىچە تاقابىل تۇرۇش يېتەكچى ئىدىيىسىنى تۇرغۇزۇپ ھەم قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىرنى چىڭ تۇتۇش، ھەم قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى بالدۇر پىلانلاش، مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قۇرغاقچىلىققا پاسسىپ تاقابىل تۇرۇش، يامغۇر يېغىشنى كۈتۈشتىن ئىبارەت پاسسىپ ۋەزىيەتنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى ۋە يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىشەنچىلىك بولغان ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك
قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىگە ئېھتىياجلىق سۇ يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنى ھەل قىلىشتا يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىشنى يولغا قويۇش نۆۋەتتىكى ئەڭ ئەمەلىي، ئەڭ ئۈنۈملۈك يولنىڭ بىرى. شۇ سەۋەبتىن ئاپتونوم رايون بۇلتۇر جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئۈچ يىلدا 1 مىليارد كۇب مېتىر يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىشنى پىلانلىغانىدى. بۇ يىل ئاپتونوم رايون شىمالىي شىنجاڭنىڭ يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىش خىزمىتىنى باشلاپ، شىمالىي شىنجاڭدا قۇدۇقتىن بىرنى قازسا، ئاپتونوم رايوندىن 100 مىڭ يۈەن ياردەم قىلىشنى قارار قىلدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يۇقىرىقى تەدبىر يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىشتا پائال رول ئوينايدۇ.
كەلكۈن مەزگىلىدە دەريالاردا سۇ مىقدارى كۆپەيگەن پۇرسەتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، سۇغىرىشقا ئىشلىتىدىغان سۇنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك كۆپەيتىش كېرەك. كەلكۈن مەزگىلىدە ھۆل – يېغىن مىقدارى كۆپ بولۇشتىن ئىبارەت پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، سۈنئىي يامغۇر ياغدۇرۇش ئارقىلىق تۇپراقنىڭ نەملىكىنى ئۈنۈملۈك تولۇقلاش ۋە ياخشىلاش كېرەك. سۇ ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۇغىرىش تۈزۈمىنى چىڭىتىپ، ئېتىز – ئېرىقلارنى باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يەر ئۈستى سۈيى، يەر ئاستى سۈيىگە ئوخشاش باھا قويۇش، بىر تۇتاش تەڭشەشنى يولغا قويۇش كېرەك. نورمىلىق سۇ تەمىنلەش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ سۇ تېجەشكە قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، قۇرغاقچىلىققا پۈتۈن كۈچ بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، مول ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يىراق كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاپ، تاغلىق رايونلارنىڭ تىزگىنلەش خاراكتېرلىك سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق سۇ تېجەشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك
بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاساسلىقى بىنەم زىرائەتلىرى، ئوتتۇرا – كىچىك دەريالار سۇغىرىش رايونى، سۇغىرىش رايونىنىڭ تۆۋەن قىسمى قاتارلىقلار قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئۇچرىدى. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى شۇكى، بۇ رايونلاردا تىزگىنلەش خاراكتېرلىك سۇچىلىق قۇرۇلۇشى كەمچىل.
ئاپتونوم رايونىمىزدا 570 تىن ئارتۇق چوڭ – كىچىك دەريا بار، تاغلىق رايونلارنىڭ تىزگىنلەش خاراكتېرلىك سۇ تەڭشەش ئامبىرى ئاز، سۇ بايلىقىنى تەڭشەش – ساقلاش ھەم كەلكۈن ۋە قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز. شۇ سەۋەبتىن بىز جەزمەن تاغلىق رايونلارنىڭ تىزگىنلەش خاراكتېرلىك سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك، بولۇپمۇ تاغلىق رايونلاردىكى كۆپ يىلدىن بۇيان تەڭشەپ كەلگەن چوڭ سۇ ئامبارلىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىنى ئۇزاققىچە ھەل قىلىشىدىكى مۇھىم تەدبىر بولغاچقا، تاغلىق رايونلارنىڭ سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسىغا ئايلاندى. سۇچىلىق خىزمىتىدە سۇ تېجەشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك. ئىگىلىنىشىچە، يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون بۇ يىلدىن باشلاپ جايلاردىكى ئەسلىي بېرىلگەن ياردەم پۇلنى ئۆزگەرتمىگەن ئاساستا، جايلار ئەگەر يوپۇق ئاستىدىن سۇغىرىدىغان بىر مو يەرنى ئارتۇق ئاچسا، ئاپتونوم رايون مالىيىسىدىن 100 يۈەن ياردەم بېرىش، تۆۋەن بېسىملىق يۇمشاق تۇرۇبا ئارقىلىق سۇغارسا، ھەر مو يەرگە 30 يۈەن ياردەم بېرىشنى قارار قىلغان. ئىشىنىمىزكى، بۇ ياردەم پۇل بېرىلسە، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەشكە پائال تۈرتكە بولىدۇ.
|