|
––ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارنىڭ شىنجاڭدىكى خىزمەتلىرى توغرىسىدا (9)
ئىلى ئوبلاستى – كۆكدالا تېخىمۇ كۆكلىسۇن
–– ياش چاغلىرىمىزدا ئىلى توغرىسىدىكى تەسىراتىمىز ‹‹يايلاق كېچىسى›› ناملىق ناخشىدىكى گۈزەل كۆكدالاغا ئوخشايتتى. بىراق ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا تۇنجى قېتىم كۆكدالا كەنتىگە كەلگىنىمدە، ناخشىدا تەسۋىرلەنگەندەك يېقىملىق تۇيغۇنى ھېس قىلالمىدىم، ئەكسىچە بۇ جاينىڭ نامراتلىقى قەلبىمنى لەرزىگە سالدى. ئەينى چاغدا كەنتتە 242 ئائىلىلىك بولۇپ، ئوتتۇرىچە كىرىمى ئاران 700 يۈەن ئىكەن، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار 80 ئائىلە بار ئىكەن ––، دېدى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قورغاس ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، جياڭسۇدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر جاڭ شىخۈەي يېڭى كەلگەن چاغلىرىنى ئەسلەپ، –– شۇ چاغدا مەن جەزمەن بۇ يەردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىغا كۆپرەك ئىش قىلىپ بېرىپ، قورغاسنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە دېھقان – چارۋىچىلار كىرىمىدە بەلگىلىك يۈكسىلىش پەيدا قىلىمەن دەپ ئويلىغانىدىم.
قورغاس ناھىيىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارنى شۇجىلىققا تەيىنلەش نۇقتىدا سىناق قىلىنغان ناھىيە(شەھەر) لەرنىڭ بىرى بولۇپ، ۋۇشى شەھىرى ياردەم بېرەتتى. 2005 – يىلى جاڭ شىخۈەي قاتارلىق توققۇز كادىر ۋۇشى شەھىرىدىن قورغاس ناھىيىسىگە كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ۋاسىتىچى بولۇش ئارقىلىق ئىككى جايدىكى يېزا – بازارلار ۋە تارماقلار ئارىسىدا نىشانلىق ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى. ۋۇشى شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى قورغاس ناھىيىسىگە ياردەم قىلىپ، ۋۇشى شەھىرى، شاڭخەي شەھىرى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۈچ مەيدان قورغاس ساياھەتچىلىكى تەشۋىقات يىغىنى ئېچىپ، زور زىلزىلە پەيدا قىلدى. 2006 – يىلى قورغاس ناھىيىسى ‹‹غەربىي دىيار ساياھىتىدىكى نۇرلۇق مەرۋايىت›› بولۇش نىشانىغا قاراپ مۇقىم ئىلگىرىلەپ، بىر يىلدا 550 مىڭ ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، ساياھەتچىلىكتىن 66 مىليون يۈەن كىرىم قىلدى، بۇ ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئايرىم – ئايرىم ھالدا %22 ۋە %154 يۇقىرى بولدى.
جاڭ شىخۈەي مۇنداق دېدى: يېقىندا كۆكدالا كەنتىگە بېرىپ، بۇ جايدا خېلى ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى كۆردۇق. 2005 – يىلى كۆكدالا كەنتىدە ئىككىلا موتسىكلىت بار ئىدى، 2007 – يىلى 7 – ئايغا كەلگەندە، كەنتتىكى موتسىكلىت 76 گە يېتىپتۇ.
ئىككى يىلدىن بۇيان، قورغاس ناھىيىسىنىڭ GDP سى 4 مىليارد 652 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن %33.52، سانائەت قوشۇلما قىممىتى 638 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %111.05، ئادەتتىكى مالىيە خام چوت كىرىمى %116.05 ئاشتى. 2005 – يىلى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 276 يۈەن، 2006 – يىلى 304 يۈەن، 2007 – يىلى 500 يۈەن ئاشتى.
ھازىرغىچە ئىلى ئوبلاستىغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك كىرگۈزگەن ۋە پۈتۈشكەن تۈر 60 تىن ئېشىپ، 1 مىليارد 350 مىليون يۈەن مەبلەغ ئەمەلىيلەشتى، – دېدى ئىلى ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، جياڭسۇدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارنىڭ يېتەكچىسى خۇڭ جىنخۇا پەخىرلەنگەن ھالدا.
سانجى – شىنجاڭغا پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق ياردەم بېرىش يېڭى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى
فۇجيەن ئۆلكىسى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە. فۇجيەن ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارنىڭ يېتەكچىسى، سانجى ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لىن شياۋخۇڭ 2005 – يىلى تاسادىپىي پۇرسەتتە مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ پاي تۈزۈمىدىكى بانكىنىڭ بىرى ‹‹گۈللەندۈرۈش›› بانكىسىنىڭ غەربىي شىمالدا بىر تارماق بانكا قۇرماقچى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، تېزدىن بۇ بانكىنىڭ لىدىرى بولغان دوستى بىلەن ئالاقىلەشتى. 9 – ئايدا ئۇ ‹‹گۈللەندۈرۈش›› بانكىسىنىڭ لىدىرىنى شىنجاڭغا كېلىپ نەق مەيداننى تەكشۈرۈشكە تەكلىپ قىلدى. ‹‹گۈللەندۈرۈش›› بانكىسىنىڭ لىدىرى شىنجاڭغا بولغان قىزىقىشى ھەم دوستىغا بولغان يۇرتداشلىقى يۈزىسىدىن شىنجاڭدا تەييارلىق گۇرۇپپىسى قۇرۇشقا قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ‹‹گۈللەندۈرۈش›› بانكىسىنىڭ شىنجاڭدىكى شۆبە بانكىسى 2006 – يىل 10 – ئاينىڭ 16 – كۈنى رەسمىي ئىش باشلىدى، بۇ بانكا ھازىرغىچە شىنجاڭنى 5 مىليارد يۈەن پۇل مۇئامىلە مەدىتى ۋە 2مىليارد 600 مىليون يۈەن قەرز پۇل بىلەن تەمىنلىدى.
لىن شياۋشيۇڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا ئەڭ كەم بولۇۋاتقىنى ئىختىساسلىقلار، شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى فۇجيەندىكى كەسپىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ، ئىلغار تېخنىكا ئىگىلىتىش – ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىكى ئەڭ ياخشى چارە. بىز ئالاقىلىشىش ئارقىلىق 2006 – يىلى 7 – ئايدىن باشلاپ فۇجيەندىكى ئەڭ ياخشى 11 مەكتەپنى تاللىدۇق. بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتى ئەڭ ياخشى، ئۇلار بۇنىڭدىن كېيىنكى كەسىپ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان 18 كەسىپكە سانجى ئوبلاستىدىكى يەتتە كەسىپ – تېخنىكا تەربىيىلەش مەكتىپى بىلەن بىرلىشىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى يولغا قويدى. بىز ئۈچ يىلدا سانجىدىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم كەسىپ – تېخنىكا مەكتەپلىرىدە 3000 ئوقۇغۇچىنى تەربىيىلەپ، فۇجيەندە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلاۋاتىمىز.
بورتالا – شىنجاڭغا ئەقلىي مەدەت بېرىشتىكى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشتىن بەھرىمەن بولدى
ئېلىمىزدىكى مائارىپتا تەرەققىي قىلغان خۇبېي ئۆلكىسى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە. خۇبېيدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە شىنجاڭغا ئەقلىي مەدەت بېرىشنى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلدى.
خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ تيەنمىن شەھىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى ‹‹ئەليۇلئەلالار يۇرتى››. تيەنمىن تەجرىبە تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى جۈن بورتالاغا كېلىپ، بورتالا تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولدى. ئۇ تيەنمىن شەھىرىنىڭ مائارىپتىكى ئىلغار باشقۇرۇش ئۇسۇلى ۋە قارىشىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلدى. ئۇ بورتالا تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش تۈزۈمى، كوللېكتىپ دەرس تەييارلاش تۈزۈمى، ئۆگىنىش ئۇسۇلى يېتەكچىلىك تۈزۈمى قاتارلىقلارنى ئىسلاھ قىلىپ، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش، باشقۇرۇش ئىشلىرىنى دۆلەت ئىچىدىكى ئىلغار سەۋىيىگە يەتكۈزدى.
خۇبېي ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار ۋە يەرلىكتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، 2002 – يىلى بۇ مەكتەپتىن بىر ئوقۇغۇچى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆتتى، 78 ئوقۇغۇچىنىڭ نومۇرى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس ئۆلچىمىگە يەتتى؛ 2003 – يىلى بىر ئوقۇغۇچى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا، بىر ئوقۇغۇچى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىندى، 130 ئوقۇغۇچىنىڭ نومۇرى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس ئۆلچىمىگە يەتتى؛ 2004 – يىلى ئىككى ئوقۇغۇچى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا، 240 ئوقۇغۇچى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس سىنىپىغا قوبۇل قىلىنىپ، ئۇچ يىلدا نومۇر چېكىگە يەتكەنلەر سانى ئۈچ ھەسسە ئاشتى.
|