|
(2008–يىل 7–ئاينىڭ 31 –كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4–يىغىنىدا ماقۇللاندى)
ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 – يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ نازىرى ۋەن خەيچۇەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن ‹‹ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكنىڭ 2007 – يىللىق نەقچوتى (لايىھە) توغرىسىدا دوكلات››ىنى ئاڭلىدى ۋە قاراپ چىقتى، بۇنى ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتىنىڭ نازىرى جۇ دېڭيۈننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن ‹‹ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكنىڭ 2007 – يىللىق خام چوتىنىڭ ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم – چىقىمنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلات››ىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكنىڭ 2007 – يىللىق نەقچوتى (لايىھە)››نى تەكشۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكنىڭ 2007 – يىللىق نەقچوتىنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى، ‹‹ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكنىڭ 2007 – يىللىق نەقچوتى (لايىھە) توغرىسدىكى دوكلات››ىغا قوشۇلدى.
|