|
1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ
1 – ماددا بۇ نىزام پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ نىزامنامىسى››گە ۋە پارتىيە ئىچىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن تۈزۈلدى.
2 – ماددا بۇ نىزام پارتىيىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىگە، پارتىيىنىڭ ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىگە، رايون بار شەھەرلىك ۋە ئاپتونوم ئوبلاستلىق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىگە، ناھىيىلىك (خوشۇنلۇق)، ئاپتونوم ناھىيىلىك، رايونسىز شەھەرلىك ۋە شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىگە تەتبىقلىنىدۇ.
3 – ماددا پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى پارتىيە ئىچىدىكى سايلامغا ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلىدۇ. ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىلغارلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
4 – ماددا پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە مۇددىتى تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ شۇ نۆۋەتلىك مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. مۇبادا كېيىنكى نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى مۇددەتتىن بۇرۇن چاقىرىلسا ياكى كېچىكتۈرۈلسە، ۋەكىللەرنىڭ ۋەزىپە مۇددىتىمۇ مۇناسىپ ئۆزگىرىدۇ. ۋەكىللەر پارتىيە قۇرۇلتىيى چاقىرىلغاندىمۇ ھەم ئارىلىقتىمۇ ۋەكىللىك سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇپ، ۋەكىللىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ، ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ، ۋەكىللىك رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.
2 – باب پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى
5 – ماددا پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى پارتىيىنىڭ نەزەرىيىسى بىلەن لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى، پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىدۇ، تەشۋىق قىلىدۇ ۋە ئىزچىللاشتۇرىدۇ. پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە ئىچىدىكى بەلگىلىمىلەر ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرىغا نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىدۇ. پارتىيىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى قوغدايدۇ. پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلايدۇ. ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئۈلگىلىك رول ئوينايدۇ. خىزمەت ھوقۇقىنى ئەستايىدىل يۈرگۈزىدۇ. پارتىيە ئەزالىرى بىلەن ئاممىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىدۇ. ۋەكىللىك سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ شەخسىي پايدىنى كۆزلىسە ۋە ئىمتىيازلىق بولۇۋالسا بولمايدۇ.
6 – ماددا پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى:
(1) تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى چاقىرىلغان مەزگىلدە، پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاش، قاراپ چىقىشقا قاتنىشىدۇ؛
(2) تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى چاقىرىلغان مەزگىلدە، ئالاقىدار مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە بېكىتىشكە قاتنىشىدۇ؛
(3) تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىدا ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى، سايلاش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ، سايلىنىش ھوقۇقى بولىدۇ؛
(4) تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ۋە تۇرۇشلۇق سايلام ئورنىدىكى پارتىيە تەشكىلىنىڭ پارتىيىنىڭ قارارلىرى، بېكىتمىلىرىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەيدۇ؛
(5) تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىغا ياكى تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىغا ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي ئىشلار قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر – تەكلىپ بېرىدۇ؛
(6) تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەزالىرىنى نازارەت قىلىدۇ؛
(7) تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ياكى تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى تەشكىللىگەن پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ؛
(8) تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ياكى تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تاماملايدۇ.
3 – باب پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئۇسۇلى
7 – ماددا پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋەكىللىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتا، ئاساسلىقى، تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋە تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى تەشكىللىگەن پائالىيەتكە قاتنىشىدۇ.
8 – ماددا پارتىيە قۇرۇلتىيى چاقىرىلغان مەزگىلدە، پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى شەخسىي نامدا ياكى بىرلىشىپ قۇرۇلتايغا تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدىكى تەكلىپنى سۇنسا بولىدۇ. تەكلىپتە تەكلىپ مەزمۇنى، تەكلىپ ئاساسى ۋە لايىھىسى بولۇشى كېرەك. تەكلىپ سۇنغان ۋەكىل تەكلىپنى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
9 – ماددا پارتىيە قۇرۇلتىيى ئارىلىقىدا، پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى شەخسىي نامدا ياكى بىرلىشىپ يازما شەكىلدە تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىغا تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدىكى تەكلىپنى بەرسە بولىدۇ؛ سۆھبەتكە قاتنىشىش، يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىشتەك شەكىللەر ئارقىلىق شۇ رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى جەھەتتە مۇھىم تەدبىر بەلگىلىشىگە ھەم پارتىيىنىڭ ئىچكى مۇھىم ھۆججەتلىرىنى تۈزۈشكە پىكىر – تەۋسىيە بەرسە بولىدۇ.
10 – ماددا پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، شۇ رايوندا تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدىكى ئالاقىدار مۇھىم تەدبىرلەرنى، مۇھىم ئىشلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلسا بولىدۇ.
11 – ماددا پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى مۇۋاپىق ئۇسۇل قوللىنىپ ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، پارتىيىنىڭ قارارلىرى، بېكىتمىلىرىنى ئىجرا قىلىش داۋامىدا يولۇققان مەسىلىلەرنى ئىگىلەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنىڭ تەكلىپ – پىكىرلىرىنى ئىنكاس قىلىشى كېرەك.
12 – ماددا پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى تەكلىپكە بىنائەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىن قاتارلىق يىغىنلىرىغا سىرتتىن قاتنىشىپ پىكىر بايان قىلسا بولىدۇ.
13 – ماددا پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، شۇ رايوندىكى مۇھىم كادىرلارنى دېموكراتىك ئۇسۇلدا كۆرسىتىشكە ۋە تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسى ھەم ئۇنىڭ تەركىبىدىكىلەرنى دېموكراتىك باھالاشقا قاتناشسا شۇنىڭدەك تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىنى باھالاشقا قاتناشسا بولىدۇ.
4 – باب پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش كاپالىتى
14 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيە كومىتېتى ئەزالىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى مۇۋاپىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشى كېرەك.
پارتىيىنىڭ ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى تەركىبىدىكىلەر ئاساسىي قاتلامغا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈشكە ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا بارغاندا، پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاشقا دىققەت قىلىشى كېرەك.
15 – ماددا پارتىيىنىڭ ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى پىلانلىق تەشكىللەپ ئۆگىنىشكە ۋە تەربىيىلەشكە قاتناشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ۋەكىللىك ئېڭىنى كۈچەيتىشى، ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك.
16 – ماددا پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە كومىتېتلىرى ئورۇنلاشتۇرغان پائالىيەتلەرگە قاتناشقاندا، ۋەكىللەر تۇرۇشلۇق ئورۇن ئۇلارنى ۋاقىت جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
17 – ماددا پارتىيىنىڭ ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى زۆرۈر خىراجەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
مۇقىم مائاش كىرىمى بولمىغان ۋەكىللەر تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرغاندا، تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، مۇۋاپىق ياردەم پۇلى بېرىشى كېرەك.
18 – ماددا پارتىيىنىڭ ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ ۋە تەلەپلەرنى ئالاقىدار پارتىيە تەشكىلاتلىرى ياكى ئالاقىدار ئورۇنلار، ئىدارىلەرنى تەتقىق قىلىپ بېجىرىشكە ھەم جاۋاب بېرىشكە مەسئۇل بولۇشقا بۇيرۇشى كېرەك.
19 – ماددا پارتىيىنىڭ ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئالاقىلىشىش خىزمەت ئاپپاراتى تەسىس قىلىپ، ئۇنى ۋەكىللەر بىلەن ئالاقىلىشىش، مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل قىلىشى كېرەك.
20 – ماددا پارتىيە قۇرۇلتىيى پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا قۇلاي بولسۇن ئۈچۈن، تەڭ دەرىجىلىك ۋەكىللەرگە ۋەكىللىك كىنىشكىسى تارقىتىپ بېرىشى كېرەك.
21 – ماددا پارتىيىنىڭ ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى ۋەكىللەرنىڭ بىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشى، پارتىيىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە مۇۋاپىق شەكىللەرنى قوللىنىپ تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى پارتىيىنىڭ قارارلىرى، بېكىتمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالىدىن ھەم پارتىيە ئىچىدىكى باشقا مۇھىم ئەھۋاللاردىن خەۋەردار قىلىشى كېرەك.
22 – ماددا پارتىيىنىڭ ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرى چاقىرىلىشتىن بۇرۇن، پارتىيە كومىتېتلىرى تەڭ دەرىجىلىك شۇ نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە تەڭ دەرىجىلىك كېيىنكى نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ پارتىيە كومىتېتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دوكلات ئورىگىنالىغا بولغان پىكىرلىرىنى ئېلىشى كېرەك.
پارتىيىنىڭ ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى ئومۇمىي يىغىن ئېچىشتىن بۇرۇن، يىغىنغا ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدا تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار ۋەكىللىرىنىڭ پىكرىنى ئالسا بولىدۇ.
پارتىيىنىڭ ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئالاقىدار ۋەكىللەرنى تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.
23 – ماددا پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى تۇرۇشلۇق پارتىيە تەشكىلاتلىرى، تۇرۇشلۇق سايلام ئورنىدىكى پارتىيە ئەزالىرى بەلگىلىك شەكىل ئارقىلىق ۋەكىللەرگە ئەھۋال ئىنكاس قىلسا ۋە ۋەكىللەرنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىسە بولىدۇ.
24 – ماددا ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ھوقۇقىنى جەزمەن ھۆرمەت قىلىشى ۋە كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
ۋەكىللەرنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ھەمكارلىشىش مەجبۇرىيىتى بار تۇرۇقلۇق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى رەت قىلغان پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى تەنقىد قىلىشى ۋە ئۇلارغا خىزمەت ئىشلىشى كېرەك.
ۋەكىللەرنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلار ياكى زەربە بېرىپ ئۆچ ئالغانلار بولسا، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئالاقىدار جاۋابكارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
5 – باب پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سالاھىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە توختىتىش
25 – ماددا پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مۇددەتتە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئۇلارنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ:
(1) پارتىيىدە قالدۇرۇپ سىناشتىن يۇقىرى جازاغا تارتىلغان بولسا؛
(2) پارتىيىدىن چىقىرىلسا ياكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىدىن مەھرۇم قالغان بولسا؛
(3) ۋەكىللىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى قوبۇل قىلىنغان بولسا.
26 – ماددا پارتىيىنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن تەشكىلىي مۇناسىۋەت تۈپەيلىدىن كۆچۈپ كەتكەنلەر ياكى خىزمەت ئېھتىياجى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىغا تەۋە دائىرىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشى توختىتىلىدۇ.
27 – ماددا باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش زۆرۈر بولغانلار ياكى پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشى توختىتىلغانلار مۇشۇ بابتا كۆرسىتىلگەن يۇقىرىقى بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
28 – ماددا پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سالاھىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تۇرۇشلۇق سايلام ئورنى ياكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىدا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن پارتىيە كومىتېتى قارار قىلىدۇ، شۇنىڭدەك يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىغا مەلۇم قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرىدۇ.
پارتىيىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سالاھىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قارار قىلىدۇ.
6 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ
29 – ماددا پارتىيىنىڭ ئاساسىي قاتلام قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى مۇشۇ نىزامنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئىجرا قىلىدۇ.
30 – ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرى مۇشۇ نىزامغا ئاساسەن ئۆز جايلىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى تۈزۈمىنىڭ كونكرېت يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزىدۇ ھەم مەركەزگە مەلۇم قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرىدۇ.
31 – ماددا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ۋە جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىمى پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى تۈزۈمى خىزمىتىنى يولغا قويۇشتا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت مۇشۇ نىزامغا ئاساسەن يولغا قۇيۇش چارىسىنى بېكىتىدۇ.
32 – ماددا بۇ نىزامنى چۈشەندۈرۈشكە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشكىلات بۆلۈمى مەسئۇل بولىدۇ.
33 – ماددا بۇ نىزام ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ خەۋىرى)
|