باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
قانۇن نازارەتچىلىكىدە ‹‹يۇمشاق››لىقتىن ‹‹قاتتىقلىق››قا ئۆزگىرىش كېرەك
2008- 07- 31 10:28 شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى قاسىم مامۇت ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا: تەپتىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى نازارەتچىلىكتە، نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئەمەلىي ئۈنۈمدە، قانۇن ئىجرا قىلىشتا قاتتىق بولماسلىق، ئەدلىيىدە ئادىل بولماسلىقنىڭ ئارقىسىدىكى ۋەزىپە دائىرىسىدىكى جىنايەت ئۆتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ جازالاش ئارقىلىق، ھەر بىر ھالقىنى قانۇن بويىچە ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن نازارەتچىلىكىنى ‹‹يۇمشاقلىق››تىن ‹‹قاتتىقلىق››قا ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، قانۇننىڭ كەسكىنلىكىنى قوغداپ، نازارەتچىلىكنىڭ نوپۇزىنى تىكلەش كېرەك، دېدى. 

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرى دەۋا ھەرىكىتىگە بولغان قانۇن نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، تەھقىقلەش ئورگانلىرىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ 83 دېلو تۇرغۇزدى؛ 23 كىشىنى قوشۇپ قولغا ئالدى، 51 كىشىنى قوشۇپ ئەيىبلىدى؛ ھەقىقەتەن خاتالىق بار جىنايى ئىشلار ھۆكۈمى، كېسىمدىن 26 گە نارازىلىق ئەرزى سۇندى؛ ھەق – تەلەپ سوتى ۋە مەمۇرىي دەۋا نازارەتچىلىكىدە 70 دېلوغا نارازىلىق ئەرزى سۇندى، 29 تەپتىش تەكلىپ – پىكرىگە قايتا قاراپ چىقتى؛ دەۋا ھەرىكىتىدىكى قانۇنغا خىلاپ مەسىلىلەرگە قارىتا 79 تۈزىتىش پىكرى بەردى.

   قاسىم مامۇت مۇنداق دېدى: قانۇن نازارەتچىلىكى خىزمىتىدە مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. جىنايى ئىشلار بويىچە دېلو تۇرغۇزۇشقا نازارەتچىلىك قىلىش ۋە تەھقىقلەشنى نازارەت قىلىش داۋامىدا جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بېرىش بىلەن ئىنسانىي ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، ھەم دېلو تۇرۇپ تۇرغۇزماسلىق، جىنايىتى تۇرۇپ سۈرۈشتە قىلماسلىق، جەرىمانىنى جازا ئورنىغا دەسسىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى نازارەت قىلىپ تۈزىتىشكە دىققەت قىلىپ، جىنايەتچىنى قاچۇرۇپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ قانۇنغا خىلاپ دېلو تۇرغۇزۇش، قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش، مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنى كەلسە – كەلمەس ئىشلىتىش، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپلەرگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىش ۋە دەۋا ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى نازارەت قىلىپ تۈزىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىنسانىي ھوقۇققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قانۇن نازارەتچىلىكى بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىش، ئەدلىيىنىڭ مۇناسىۋىتىنى، نازارەت قىلىش بىلەن نازارەت قىلىنىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ